تونۇش: ئىشتىھانىڭ زىيادىلىكى ئىشتىھانىڭ ئادەتتىك كىشىلەرگە قارىغاندا زىيادە ئىكەنلىكىگە قارىتىلغان بولۇپ، بىمار تاماقنى يەپ تويمايدىغان، تاماقنى كۆپ تەلەپ قىلىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.
سەۋەبى: ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېزىك ۋە باشقا كېسەللىكلەر بىلەن ئاغرىپ ساقىيىۋاتقان مەزگىللەردە پۈتۈن بەدەننىڭ ئوزۇقلۇق ماددىلارغا بولغان ئېھتىياجى ئاشقانلىق تۈپەيلىدىن ئىشتىھا زىيادە بولىدۇ. دىئابېت كېسەللىكىدە سۈيدۈك ئارقىلىق شېكەر ۋە باشقا ماددىلار چىقىپ كەتكەنلىكتىن ئومۇمىي بەدەننىڭ ئوزۇقلۇققا بولغان ئېھتىياجى ئېشىپ كۆپلەپ يېمەك-ئىچمەك ئىستىمېلا قىلىنىدۇ. ئاشقازاننىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان نەزلە خاراكتېرلىك ئېچىشىشىدا قورساق پات-پات ئاچىدۇ. كىچىك بالىلار ھەرخىل مەددە قۇرت كېسەللىكلىرى بىلەن ئاغرىغاندىمۇ بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلىدۇ.
ئالامىتى: بىمارنىڭ قورسىقى پات-پات ئاچىدۇ، شۇڭا، بىمار پەرىشان بولۇپ، روھىي چۈشكۈن كۆرۈنىدۇ. يۈرىكى سىقىلغاندەك ھېس قىلىدۇ، بەزى كىشىلەر تاماقنى كۆپ يېسىمۇ سەمرىمەي ئەكسىچە ئورۇقلاپ كېتىدۇ.
داۋالاش پىرىنسىپى: كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى سەۋەبكە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاشتا: جاۋارىش مەستىكى، جاۋارىش ئۇد، جاۋارىش سەپەرجىلى، ھەببى ئايارەنج، ئەرقى مائۇللەھمى، داۋائىلمىشكى مۆتىدىل قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ بېرىلىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: ياغلىق، قىيمىلىق، غەلىز تاماقلار كۆپرەك ئىستېمال قىلىنىدۇ. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، لەتىف تاماقلاردىن پەرھىز تۇتۇلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.