مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى11-ئاينىڭ14-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1059 رەت   / مەنبە: -

تونۇش: ئاشقازان مىزاجىنىڭ سەپراۋى ئىسسىقتىن بۇزۇلۇشى ئاساسلىقى ئاشقازان مىزاجىنىڭ غەيرىي تەبىئىي سەپرا تەسىرىدىن بۇزۇلۇشى بولۇپ، بىماردا ئېغىز تەمى ئاچچىق بوللۇش، كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسۇش، سېسىغان بېلىق پۇرىقىدەك كېكىرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 

سەۋەبى: غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولىدىغان ماددىسىز كەيپىياتلارنىڭ تەسىرى ھەمدە بەدەن ئىچىدە يۈز بەرگەن ھەرخىل روھىي ۋە جىسمانىي سەۋەبلەر سەپرا خىلىتىنىڭ غالىبلىقىنى پەيدا قىلىپ، سەپرا خىلتى جەھەتتىن ئېشىپ، ئۆزىنىڭ غىدىقلاش تەسىرى ئارقىلىق ئاشقازان شىللىق پەردىلىرىنى غىدىقلاپ، ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ كۆپلەپ ئىشلىنىشىگە سەۋەب بولىدۇ. ھەزىم پائالىيىتى بۇزۇلىدۇ.

ئالامىتى: بىمار ئېغىزى ئاچچىق بولۇپ، كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسىدۇ، تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن ئېغىزىدىن سېسىغان بېلىق پۇرىقىدەك كېكىرىك كېلىدۇ. ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ، لېكىن بىمارنىڭ ھەزىم پائالىيىتى كۈچىيىدۇ. بەزىدە ئاشقازىنىدا غىدىقلاش كۈچىيىپ، ئاشقازان ساھەسىدە ئېچىشىپ ئاغرىش سېزىمى پەيدا بولىدۇ. ئاچ ۋاقىتتا ياكى ئادەتتىكى ئەھۋالدا شۆلگەي ئاجرالمىسى كۆپىيىدۇ. تىلى ۋە كۆز ئېقىدا سەپرانىڭ غالىبلىق ئىپادىلىرى كۆرۈلىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى: ماددا ئاشقازان ئۆزىدە گەۋدىلىك بولسا، بىمارغا قۇستۇرۇش چارىسىنى قوللىنىش، ئومۇمىي بەدەنلىك بولسا، غەيرىي سەپراغا قارىتا مۇنزىچ مۇسھىل بېرىش ئارقىلىق ماددىنى تازىلاش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

مۇرەككەپ دورىلاردىن: ئانار شەربىتى، لىمون شەربىتى، بېھى شەربىتى، جاۋارىش ئامىلە ئەنبەر، ئاچچىق ئالما شەربىتى، بۇزۇرى شەربىتى، سىركەنجىۋىل بېھى لىمون قاتارلىقلار ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ. 

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.