مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1119 رەت   / مەنبە: -

تونۇش: سوزۇلما خاراكتېرلىك قىزىلۆڭگەچ ياللۇغى ئۆتكۈر خاراكتېرلىك قىزىلئۆڭگەچ ياللۇغىنىڭ تەرەققىياتى ۋە كېسەل پەيدا قىلغۇچى ئامىللارنىڭ سوزۇلما ھالەتتە تەسىر قىلىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان، ئالامەتلىرى نىسبەتەن يەڭگىل، ئەمما ئۇزۇنغا داۋاملىشىىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.


سەۋەبى: ئۆتكۈر خاراكتېرلىك قىزىلئۆڭگەچ ياللۇغىنى پەيدا قىلىدىغان ئامىللارنىڭ سوزۇلما ھالەتتە تەسىر قىلىشى ھەمدە سىفلىس ۋە سىل كېسەللىكلىىگە ئوخشاش سوزۇلما كېسەللىك ئۆزگىرىشىنىڭ قزىلئۆڭگەچكە تەسىر قىلىش نەتىجىسىدىن كېلىپ چىقىدۇ.


ئالامىتى: سوزۇلما خاراكتېرلىك قىزىلئۆڭگەچ ياللۇغىنىڭ تەرەققىياتى نىسبەتەن ئاستا بولىدۇ. تۆش سۆڭەك ئارقىسىدا ئاغرىش بولىدۇ. يۇتۇش قىيىنلىشىدۇ ھەمدە يۇتۇلغان يېمەكلىكلەر ئاشقازانغا چۈشمەي يېنىپ چىقىدۇ، قۇسۇش كۆرۈلىدۇ. قۇسۇش بىلەن بىللە قان كېلىدۇ، ئومۇمىي بەدەنلىك ئالامەتلەردىن قان ئازلىق ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.


داۋالاش پرىنسىپى: كېسەللىك سەۋەبىنى يوقىتىش، ياللۇغى قايتۇرۇش، ئومۇمىي بەدەننى كۈچلەندۈرۈش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.