كۈز ۋە قىش پەسلى بالىلارنىڭ قورسىقىدىكى مەددىنى چۈشۈرۈشنىڭ مۇۋاپىق مەزگىلى. شۇڭا، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىدا مەددە بار-يوقلۇقىنى بىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بەزى ئەھۋاللارنى كۆزىتىپ باقسا بولىدۇ.
1) كۆپ يېسىمۇ قورسىقى ئېچىپ تۇرۇش، ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى يەپ تۇرۇش، كۆپ يېسىمۇ ياداڭغۇ تۇرۇش؛
2) كىندىك ئەتراپى ئاسان قىلىنغان ھالدا دائىم قورسىقى ئاغرىپ تۇرۇش، ئۇۋۇلاپ بەرگەندىن كېيىن پەسىيىپ قېلىش؛
3) كېچىدە ئۇخلاۋېتىپ چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىش، چىشىنى غۇچۇرلىتىش ۋە شۆلگىيى ئېقىش؛
4) بالىنىڭ يۈز، بويۇن تېرىسىدە يۇمىلاق ياكى سوقىچاق شەكىلدە ئاقۇچ داغ پەيدا بولۇپ، ئۇنىڭدا بوز رەڭلىك ئۇششاق قاسراق پەيدا بولۇپ قېلىش؛
5) تاماق تاللايدىغان ھەمدە بەزىبىر غەلىتە نەرسىلەرنى، مەسىلەن: توپا، قەغەز، لاتا قاتارلىقلارنى يەيدىغان بولۇپ قېلىش؛
6) تەرىتى نورمالسىزلىشىپ، بەزىدە قېتىپ كېتىدىغان، بەزىدە ئىچى سۈرۈپ قالىدىغان بولۇپ قېلىش؛
7) سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ھالدا تېرىسىدە «ھۇررەك» پەيدا بولۇپ قېلىش، ھەمدە دائىم تەكرارلىنىپ تۇرۇش.
ئەگەر ئاتا-ئانىلار بالىلىرىدا يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن نورمالسىزلىقلارنى بايقاپ قالسا، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتۈشى لازىم.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.