مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 981 رەت   / مەنبە: -

قورساقنىڭ ئوتتۇرا ياكى سول تەرەپ ئاستى قىسمى تويۇقسىز ئاغرىش بىلەن بىرگە ئىچى سۈرسە، ئېھتىمال بۇ ئۈچەي ياللۇغى بولۇشى مۇمكىن، قورساق سانجىپ ئاغرىسا ھەم ئىچى قان ئارىلاش كەلسە، ئېھتىمال بۇ تولغاق بولۇشى، قورساقنىڭ ئاغرىشى دەسلەپتە قورساقنىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستى قىسمىغا يۆتكەلسە، ھەمدە قىزىتمىسى يۇقىرىلاپ كەتسە، ئېھتىمال بۇ جىددىي خاراكتېرلىك سوقۇر ئۈچەي بولۇشى مۇمكىن. قورساقنىڭ يۇقىرى قىسمى ھەمىشە بىلىنەر-بىلىنمەس ئاغرىسا، ئېغىزدىن ئاچچىق سۇ يېنىپ، سانجىق تۇرۇۋالسا ياكى تاماقنىڭ ئالدى-كەينىدە تۇتقاقلىق ئاغرىسا ئېھتىمال بۇ ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان ۋە 12 بارماق ئۈچەي يارىسى بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر قورساقنىڭ ئۈستى قىسمى تۇيۇقسىز خۇددىي پىچاق تىققاندەك جىددىي ئاغرىسا، چىراي تاتىرىپ كەتسە، سوغۇق تەرلىسە، قورساق تاختىسىمان بولۇپ قالسا، ئاشقازان تېشىلگەن دەپ پەرەز قىلىنسا بولىدۇ. قورساقنىڭ ئەڭ يۇقىرى تەرىپى ئاغرىپ، ئوڭ ئارقا تەرەپكە تارقالسا، شۇنىڭ بىلەن بىرگە كۆڭلى ئېلىشىپ، ياندۇرسا، قىزىتسا، بەدەنگە سېرىق چۈشسە ئۆت يولى سىستېمىسى كېسەللەنگەن دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. قورساقنىڭ سول يۇقىرى تەرىپى ئاغرىسا، ھەمدە سول مۈرىگە قاراپ تارقالسا ئاشقازان ئاستى بەز ياللۇغى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. قورساقنىڭ بىر تەرىپى ئۇشتۇمتۇت ئاغرىسا، ھەمدە ئەۋرەت تەرەپكە قاراپ تارقالسا، شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىيەلمىسە سۈيدۈك يولىدا تاش پەيدا بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئاياللاردا دوۋسۇن ئاغرىش كۆرۈلسە، ھەم ئاق خۇن كۆپ كەلسە ۋە پۇرىسا ئاياللار كېسەللىكى بولغان بو لۇشى مۇمكىن. ھەمىلدار بولغان ئاياللردا ھەيز توختىغاندىن كېيىن قورسىقىنىڭ ئاستى قىسمى قاتتىق ئاغرىپ، جىسىي يولىدىن ئۇشتۇمتۇت قان كەلسە بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇپ قالغانلىق ئېھتىمالى ناھايىتى يېقىن بولىدۇ. بالىلارنىڭ كىندىك ئەتراپى دائىم ئاغرىسا، ئادەتتە سازاڭ مەددە قۇرت كېسەللىكىنىڭ ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ. قورسىقىنىڭ تولغاپ ئاغرىشى بارغانسېرى كۈچەيسە، ھەمدە چوڭ تەرەت قىلالمىسا، يەل كەلمىسە بۇ ئېھتىمال سازاڭ مەددە قۇرت بىلەن ئۈچەي توسۇلۇپ قالغانلىقتىن بولۇشى مۇمكىن. ئەسلىدە چوقۇق كېسىلى بار بالىلارنىڭ قورسىقى ئۇشتۇمتۇت ئاغرىسا، يەنە شۇ كېسەللىكنىڭ قوزغىلىپ قالغان-قالمىغانلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك. يىغىپ ئېيتقاندا، بارلىق قورساق ئاغرىقىغا يۇقىرى دەرىجىدە ئېتىبار بىلەن قاراش كېرەك. يەنە بەزى ئالاھىدە خىلدىكى قورساق ئاغرىقى قورساق قىسمىنىڭ ئاغرىشىدىن پەيدا بولمايدۇ، مەسىلەن: تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بار كىشىلەرنىڭ بەزىدە قورسىقىنىڭ يۇقىرى قىسمى ئاغرىيدۇ.

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.