مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 904 رەت   / مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

بېلگىيە ۋە بېلگىيىلىك ئالىملار ئىجاد قىلغان قاندىكى راك كېسەللىكلىرىدىن بېشارەت بېرىدىغان سېگنال گېنىنى تەكشۈرۈش ئۇسۇلى راك كېسەللىكىنى ئېنىقلاشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن ، يەنە راك ھۈجەيرىسىنىڭ تارقىلىش ئېھتىماللىقى بار يوقلۇقىدىنمۇ دېرەك بېرىدىكەن . مۇتەخەسسىس رۇۋاك مۇنداق دېدى : بۇ خىل ئۇسۇل دوختۇرلارنى ئاغرىقنى ئوپىراتسىيە ئۆيىگە سۆرەپ كىرمەي ياكى ئادەمنى بىزار قىلىدىغان تەكشۈرۈشلەرنى ئىشلىمەيمۇ ئۈچەي ۋە ئاشقازان راكىنى ئاددىي ، ئەرزان چارە بىلەن بالدۇر ئېنىقلاش پۈرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ . بۇ خىل تەكشۈرۈشتە قان ئۈلگىسىنى سىستېرا ياكى دوختۇر ئالمىسىمۇ بولىدۇ ، ئۇنىڭدا قانادقتۇر كەسپىي ئۈسكۈنە ياكى تەربىيلەش لازىم بولمايدۇ .

   بىر ئالىمنىڭ ئېيتىشىچە ، بۇ خىل تەكشۈرۈش قان تەركىبىدىكى راك كېسەللىرىگە مۇناسىۋەتلىك گېننى ئۆلچەش نىشان قىلىنغان . بۇ خىل گېن ئۈچەي ۋە ئاشقازان راكىنىڭ تۈرلۈك تىپلىرىدىن بېشارەت بېرىپلا قالماستىن ، راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىش ئېھتىماللىقى بار يوققلۇقىدىنمۇ دېرەك بېرىدۇ . راك ئاغرىقلىرىنىڭ بەدىنىدە بۇ خىل گېننىڭ مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ . شۇڭا ئۇنى قان تەكشۈرۈش ئارقىلقلا بىلگىلى بولىدۇ . بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق راك كېسىلىنىڭ تەرەققىيات جەريانىنى كۆزەتكىلى بولۇپلا قالماستىن ، يەنە ئاغرىق ئۆتكەن نەچچە يىلدا قوبۇل قىلغان داۋالاش ئۇسۇللىرىنىمۇ ئېنىقلىغىلى بولىدۇ .


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.