ئادەتتىكى قەۋزىيەت ياكى يېڭىدىن بولغان قەۋزىيەتلەرگە دورا ئىشلىتىمىسىمۇ بولىدۇ . مېۋە -چىۋىلەر، كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش، ھەسەل، سۈت، قېتىق ئىچىش ئارقىلىق قەۋزىيەتتىن ساقلانغىلى ۋە قەۋزىيەتنى ساقايتقىلى بولىدۇ.
* ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئاچ قورساققا1–2 قوشۇق ھەسەلنى ئىلىمان قايناقسۇدا ئېرىتىپ ئىچىپ بەرسە ياكى قايناقسۇغا ئازىراق تۇز سېلىپ ئىچىپ بەرسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ .
* سانادىن 15-30 گىرامنى قايناقسۇغا چىلاپ تەمىنى چىقىرىپ سۈزۈپ ئىچىپ بەرسە قەۋزىيەتكە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ .
* يېڭى كۈدىنى يانچىپ سۈيىگە ئازىراق ئىلىمان سۇ قويۇپ ئىچىپ بەرسە سوزۇلما خاراكتېرلىك قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ .
* تاتلىق ياڭيۇدىن مۇۋاپىق يەپ بەرسىمۇ سوزۇلما خاراكتېرلىك قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.