تونۇش: ئاشقازان يىرىڭلىق ئىششىقى سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاشقازان ئىچكى يۈزىدىكى ياللۇغنىڭ يىرىڭ يىغىپ ئېغىز ئېلىشىدىن پەيدا بولىدۇ. بۇ، بىماردا ئاشقازان ساھەسى قاتتىق ئاغرىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، قىزىتما پەيدا بولۇش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.
سەۋەبى: ئاشقازان يىرىڭلىق ئىششىقى كۆپ ھاللاردا سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىدا يىرىڭ يىغىلىشتىن پەيدا بولسىمۇ، لېكىن بەزىدە يىرىڭ قوشنا ئەزالاردىكى يىرىڭلارنىڭ ئاشقازانغا كېلىپ ئورۇنلىشىشىدىن پەيدا بولىدۇ.
ئالامىتى: يىرىڭلىق ئىششىقتا دەسلەپتە بىمارنىڭ قىزىتمىسى ئۆرلەپ، ئاغرىق كۈچىيىدۇ، جۇغ-جۇغ توڭلاش قوشۇلۇپ كېلىدۇ. بىر تەرەپتىن ئۇسسۇزلۇق كۆپىيىدۇ. ئىشتىھاسى مۇتلەق تۇتىلىدۇ. ئاشقازانغا تاماق ياكى سۇ كىرىش بىلەن قاتتىق قىينىلىدۇ. بۇ ئەھۋال ئۇزۇنغا سوزۇلسا بىمار ئورۇقلاپ كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ كېتىدۇ. لېكىن قىزىتمىسى پەسىيىدۇ. ئاشقازان ساھەسى قول بىلەن بېسىلمىغۇدەك دەرىجىدە قېتىپ كېتىدۇ. سۈيدۈكى ئاز كېلىدۇ، قۇسۇش ۋە ئىچى سۈرۈش كۆرۈلىدۇ. بەزىدە بىمار مۇشۇ ھالەتتە تۇرۇپ ئاشقازىنى ئاغرىيدۇ. پۇت-قولى سوۋۇيدۇ، بۇ يامان ئاقىۋەتنىڭ بەلگىسىدۇر.
داۋالاش پرىنسىپى: يىرىڭنى توختىتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاشتا: سوفۇپى كەھرىۋا، سۇفۇپى بىخ مارجان، جاۋارىش ئۇد شېرىن، جاۋارىش ئەنبەر، ئامىلە نۆشۈدۈر، جاۋارىش ئۇد قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: غەلىز، يەللىك، ئاچچىق-چۈچۈك يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇلىدۇ. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يېمەكلىكلەر ئىستىمال قىلىنىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.