مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى11-ئاينىڭ23-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1469 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

تونۇش: ھەزىم ئاجىزلىق ھەزىم ئەزالىرى كېسەللىكلىرىدە ئورتاق كۆرۈلىدىغان بىرخىل ئالامەت بولۇپ،  ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پەيدا بولىدۇ.  بۇ ئىستېمال قىلغان يېمەكلىكلەرنىڭ ئاشقازاندا ئۇزاق تۇرۇشى،  سۈمۈرۈلۈشنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى ۋە بەدەندە قالدۇق ماددىلارنىڭ كۆپىيىشى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.  

سەۋەبى: ھەزىم ئاجىزلىشىش،  ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھەزىمگە ياردەم بەرگۈچى تۆت خىل قۇۋۋەتنىڭ ئاجىزلىشىشى،  بەك تويۇپ تاماق ئىستېمال قىلىش،  تاماقنى بەك ئىسسىق ياكى بەك سوغۇق يېيىش،  يىرىك يېمەكلىكلەر ۋە باشقا سۈپىتى ياخشى بولمىغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش ھەمدە تاماق ئىستېمال قىلىش،  ھاراق ئىچىش تەرتىپىگە دىققەت قىلماسلىق سەۋەبىدىن كۆرۈلىدۇ.  

ئالامىتى: ھەزىم ئاجىزلىشىش كۆپىنچە تۆت خىل قۇۋۋەتنىڭ ئاجىزلىشىشى سەۋەبىدىن كۆرۈلىدىغان بولغاچقا،  تۆت خىل قۇۋۋەتنىڭ ئاجىزلىشىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.  

بىمارنىڭ سۈمۈرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىغاندا تاماققا ئىنتىلىش سۇس بولىدۇ.  بىمار كۆكرەك ساھەسىدە ئېغىرلىق ھېس قىلىدۇ ياكى ئاشقازىنىدا يەل يىغىلىۋالغاندەك ھېس قىلىدۇ،  كۆڭلى ئېلىشىدۇ.  

تۇتۇپ تۇرغۇچى قۇۋۋەت ئاجىزلىغاندا يېمەكلىكلەرنىڭ ئاشقازاندا تۇرۇش ۋاقتى قىسقا بولىدۇ،  يەنى تولۇق بوتقىغا ئايلىنالمايدۇ ھەمدە تاماق يەپلا قۇسىدىغاندەك كەيپىيات شەكىللىنىدۇ.  ھەزىم قىلىش قۇۋۋىتى ئاجىزلىغاندا كۆڭۈل ئېلىشىپ قۇسۇش كۆرۈلىدۇ ھەمدە خام خىلت كۆپىيىپ ئىمتىلادە شەكىللىنىدۇ.  2-، 3-، 4- ھەزىمگە ئېغىر دەرىجىدە دەخلى يەتكۈزۈپ،  يامان ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ.  ھەيدەش قۇۋۋىتى ئاجىزلىغاندا،  تاماقنىڭ ئاشقازاندا تۇرۇش ۋاقتى ئۇزىرايدۇ ھەمدە سېسىق كېكىرىك كۆپ كېلىدۇ.  

داۋالاش پىرىنسىپى: تۆت خىل قۇۋۋەتنى كۈچەيتىش ۋە ھەزىمنى ياخشىلاش مەقستىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.  

مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاشتا: ئامىلە نۆشۈدۈر،  جاۋارىش مەستىكى ساددە،  جاۋارىش ئۇد شېرىن، جاۋارىش ئەنبەر،  جاۋارىش نارمىشكى،  جاۋارىش بەسباسە، جاۋارىش جەۋزى،  ئايارەنج پەيقىرا قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ بېرىلىدۇ.  

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: ئاسان سىڭىدىغان،  ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يېمەكلىكلەر ئىستېمال قىلىنىدۇ.  تەستە ھىزىم بولىدىغان،  قورۇلغان ۋە قىيمىلىق تاماقلاردىن،  قالايمىقان غىزالىنىشتىن پەرھىز قىلىنىدۇ.  

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.