مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى11-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1422 رەت   / مەنبە: ساغلاملىق تورى

تونۇش: ئاشقازان بوشاپ كېتىش ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاشقازان دىۋارى ۋە ئاشقازان تارامۇشلىرىنىڭ بوشىشىنى كۆرسىتىدۇ. بىماردا ئۈستۈنكى قورساق ساھەسى بىئارام بولۇش، قورساق ئېسىلىش، ئىشتىھا تۇتۇلۇش، كۆڭۈل ئېلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت. 

سەۋەبى: بەلغەم خىلىتىنىڭ غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىشى، غىزالىنىش تەرتىپىنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى، ھەر تۈرلۈك ئاشقازان كېسەللىكلىرى ھەمدە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ۋە ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىشتىن پەيدا بولغان ئومۇمىي بەدەن ئاجىزلىشىش قاتارلىق سەۋەبلەر ئاشقازان دىۋارى ۋە ئاشقازان تارامۇشلىرىنى بوشىتىپ، ئاشقازان شىللىق پەردىلىرىنىڭ ئوزۇقلىنىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىش ئارقىلىق بۇ خىل كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

ئالامىتى: بۇ خىل كېسەللىك ئاستا تەرەققىي قىلىدۇ. ئاشقازان تۆۋەنلەش دەرىجىسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن يۈز بەرگەن ئالامەتلەرمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. نىسبەتەن ئېغىرراق بولغاندا قورساق ئۈستۈنكى ساھەسىدە بىئاراملىق، قورساق ئېسىلىش، ئېغىرلىق ھېس قىلىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ. يۇقىرىقى ئالامەتلەر تويۇنۇپ تاماق يېگەندە، ئۆرە تۇرۇپ ھەرىكەت قىلغاندا، يول ماڭغاندا تېخىمۇ روشەن ئىپادىلىنىدۇ. ئىشتىھا تۇتۇلىدۇ، كۆڭۈل ئېلىشىدۇ. ھۆ تۇتىدۇ، ئاغرىق دەۋرلىك ۋە تەرتىپلىك بولمايدۇ. بەزىدە قۋزىيەت بولۇپ، ئىچ سۈرۈش بىلەن قەۋزىيەت ئالمىشىپ كېلىدۇ. كېكىرىك چىقىرىش قىيىنلىشىدۇ. بەدەن ئورۇقلايدۇ، ئومۇمىي بەدەن ماغدۇرسىزلىنىدۇ، ئەمما دەم ئېلىش ياخشى بولسا، يۇقىرىقى ئالامەتلەر مەلۇم دەرىجىدە يېنىكلەيدۇ. تىڭشاپ تەكشۈرگەندە، تاماق بوتقىلىرىنىڭ ئۈچەيگە يەتكۈزۈلۈشى ئاستا بولغاچقا، ئۈچەيدىكى غورۇلداش تاۋۇشى كۈچىيىدۇ. 

داۋالاش پىرىنسىپى: كېسەللىك پەيدا قىلغان سەۋەبچى ئامىلنى يوقىتىش، ئاشقازاندىكى زىيادە ھۆللۈكلەرنى يوقىتىش، ئاشقازان تارامۇشلىرىنى چىڭىتىش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاشتا: جاۋارىش كومۇنى، ھەببى تەنكار، مەجۈنى ئازاراقى، ئىتتىرفىل كەبىر، ھەببى مۇرەج، جاۋارىش قانىسە، جاۋارىش مەستىكى قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ. 

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەر ۋە دورا دەرمەكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئىسسىق تەبىئەتلىك، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يېمەكلىكلەر ئىستېمال قىلىنىدۇ. 

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.