ئۇزاق مەزگىل ئىچى سۈرۈشنىڭ ئوزۇقلىنىش ۋە روھىي ئامىل بىلەن بەلگىلىك مۇناسىۋىتى بولىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ، بۇ خىل كېسەللىك تۇرمۇش بېسىمى ، جىددىيلىشىش بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك . ئۈچەينىڭ سېزىمچانلىقى ناھايتى كۈچلۈك بولۇپ ، تاشقى ئامىللارنىڭ غىدىقلىنىشىغا ئۇچرىسىلا ، ئىچى سۈرۈش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىكەن .
بۇ كېسەلگە تاقابىل تۇرۇشتا ئوزۇقلۇققا دىققەت قىلىشتىن باشقا ، جۇڭيى دورىلىرى ئارقىلىق مىجەزنى تەڭشەش كېرەك . ئۇزاق مەزگىل ئىچى سۈرۈش بەدەندە باشقا كېسەللەرنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى چۈشەندۈرمەيدۇ ، قالقانسىمان بەزنىڭ خىزمىتى كۈچىيىپ كەتسىمۇ ئىچى سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . شۇڭلاشقا ئىچى سۈرۈش جىددىي خاراكتېرلىك ئۈچەي ياللۇغى بولغانلىق ئەمەس . ئەگەر ئۇزاق ۋاقىت ئىچى سۈرۈپ ، دورا كار قىلمىغاندا ، غىدىقلىنىشچان ئۈچەي يىغىندى كېسەللىكىدىن گۇمانلىنىشقا بولىدۇ .
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.