تونۇش: قورساق پەردە ياللۇغى ھەرخىل جاراسىملارنىڭ بىۋاستە ياكى لىمفا ئارقىلىق قورساق پەردىسىگە يامرىشىدىن، بىماردا بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەش، قورساق مۇسكۇلىدا كۈچلۈك سىپازما پەيدا بولۇش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.
سەۋەبى: ھەرخىل سەۋەبلەردىن كۆرۈلىدىغان ئاشقازان ۋە 12 بارماق ئۈچەي يارىسىنىڭ تېشىلىشى، ئۆت خالتىسى، ئاشقازان ئاستى بېزى ۋە سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغلىرىنىڭ يېرىلىشى، ئۈچەي ياللۇغلىرى، ئۈچەي سىلى، قورساقنىڭ ھەرخىل زەخىملىنىشلىرى ۋە ئوپېراتسىيە مەشغۇلاتىنىڭ توغرا بولماسلىقى، يېقىلىش، قورساقنىڭ بېسلىق بۇيۇملاردا كېسىلىپ كېتىشى ھەمدە مىخ كىرىپ كېتىش قاتارلىق بىۋاستە ئامىللار تەسىرىدىن قورساق پەردىسى ياللۇغلىنىدۇ.
ئالامىتى: قورساق بوشلۇقىدا ئوفۇنەت پەيدا بولغاندىن كېيىن قورساق پەردىسىدىمۇ ئوخشاشلا قان تولۇپ، سىرغىما سۇيۇقلۇقلارنىڭ مىقدارى كۆپىيىدۇ، تالالىق ماددىلار چۆكۈپ يىرىڭلىق ياللۇغلىنىش يۈز بېرىدۇ. ئومۇمىي بەدەن بەلگىلىرى روشەن بولىدۇ. بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەيدۇ. جۇغ-جۇغ پەيدا بولىدۇ. ياللۇغلىنىش ئومۇمىي قورساق رايونىغا يامراپ، ئومۇمىي قورساق مۇسكۇلىدا سىپازما پەيدا بولىدۇ. ئاغرىش كۈچلۈك بولىدۇ. بىمار كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسىدۇ، سوغۇق تەرلەيدۇ. تومۇر ھەرىكىتى تېزلىشىدۇ. سۇسىزلىنىش كۆرۈلۈپ، قول-پۇتلىرى مۇزلايدۇ. ئومۇمىي بەدىنى جىددىي زەئىپلىشىدۇ، ھەتتا شوك بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، قورسىقى ئېسىلىدۇ. ئومۇمىي قورساق رايونىدا ئەسلىي كېسەللىك يۈز بەرگەن ئورۇننى مەركەز قىلغان ھالدا ئاغرىقى پەيدا بولىدۇ. قورساققا سۇيۇقلۇق يىغىلىدۇ، رېنتىگېندا تەكشۈرگەندە ئەركىن ھاۋا بولغان بولىدۇ.
داۋالاش پىرىنسىپى: كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى سەۋەبنى يوقىتىش، سىپازمىنى بوشىتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
مۇرەككەپ دورىلاردىن: بېھى شەربىتى، بوزۇرى شەربىتى، بىنەبشە شەربىتى، ئەرقى بەدىيان، ئەرقى بىنەبشە، ئەرقى كاسىنە قاتارلىقلار ئەھۋالغا قاراپ بېرىلىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: تەستە ھەزىم بولىدىغان يەللىك، قىيمىلىق تاماقلاردىن پەرھىز قىلىنىدۇ. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يېمەكلىكلەر بېرىلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.