مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى11-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1198 رەت   / مەنبە: ساغلاملىق تورى

تونۇش: ئاشقازان تارتىشىش ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاشقازان نىرىپلىرىنىڭ غىدىقلىنىشقا ئۇچرىشىدىن ئاشقازان گۆشلىرىنىڭ ھەممىسى ياكى مەلۇم قىسمىنىڭ تارىشىپ قېلىشى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.

سەۋەبى: ئاشقازان خىزمىتى بۇزۇلۇش، ئاشقازان كۆپۈش، ئاشقازاندىكى ئاچچىق سۇ يېنىش، تەستە ھەزىم بولىدىغان ئېغىر تاماقلارنى يېيىش، ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپلا سوغۇق سۇ ئىچىش ۋە باشقا سەۋەبلەردىن ئاشقازان تىرىپلىرى تەسىرگە ئۇچراپ، ئاشقازان گۆشلىرىنىڭ تارتىشىپ يىغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

ئالامىتى: ئاشقازان ساھەسى قاتتىق ئاغرىپ، بىمارنى ئېغىر دەرىجىدە بىئارام قىلىدۇ. ئاغرىق ئاشقازاندىن تارتىپ دۈمبە ۋە مۇناسىپ تەرەپتىكى تاغاققىچە تارقىلىدۇ. قاتتىق ئاغرىق تۈپەيلىدىن بىمار پۈكلىشىپ ئاشقازىنىنى تۇتۇۋالىدۇ. ئاغرىق تاماق يېگەندىن كېيىن تۇتقان بولسا تاماقنى قۇسۇۋېتىدۇ. ئەمما بۇ خىل ئاغرىق كۆپىنچە سەھەردە ئاشقازان تاماقتىن خالىي ۋاقتىدا پەيدا بولىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى: كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى سەۋەبكە چارە قىلىش، ئاشقازان تارامۇشلىرىنى بوشىتىش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاش: بۇزۇرى شەربىتى، ئەرقى بەدىيان، ئەرقى ئېگىر، ئايارەنج پەيقىرا، ھەببى قوقىيا، مەتبۇخى ئەپتىمون، بىنەپشە شەربىتى قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ. 

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: غەلىز، يەللىك، غىدىقلىغۇچى، قىيمىلىق تاماقلاردىن پەرھىز قىلىنىدۇ. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يېمەكلىكلەر ئىستېمال قىلىنىدۇ. 

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.