مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى11-ئاينىڭ23-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1461 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

تونۇش: يەپ تويماسلىق ئەرەبچىدە ‹شەھۋىتى كەلبى› دەپ ئاتىلىدۇ،  بۇ خەلق ئارىسىدا ئىت ئىشتىھا دېگەنلىكتۇر. بۇنداق كېسەللىككە دۇچار بولغان ئادەم كۆپ تاماق يېسىمۇ تويمايدۇ،  ھەتتا يەيدىغان نەرسىلەر ئالدىدا تۇرسىمۇ باشقىلار بىلەن تالىشىپ جىدەل قىلىدۇ.  

سەۋەبى: ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاشقازان مىزاجىنىڭ بۇزۇلۇشى،  بەلغەم خىلىتىغا باشقا سوغۇقلۇق كەيپىياتنىڭ زىيادە تەسىر قىلىشى،  ئاشقازانغا سەۋدا ۋە بەلغەم خىلىتىنىڭ كۆپ قۇيۇلۇشى ھەمدە ئۈچەيدە مەددە قۇرتلارنىڭ پەيدا بولۇشى قاتارلىقلار سەۋەبىدىن بۇ خىل يەپ تويماسلىق كۆرۈلىدۇ.  

ئالامىتى: بۇ خىل كېسەللىكنىڭ ئالامەتلىرى كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى سەۋەبىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ.  بۇ ىىل كېسەللىك ئاشقازان مىزاجىنىڭ بۇزۇلۇشى سەۋەبىدىن پەيدا بولسا،  بىماردا ئۇسسۇزلۇق بولمايدۇ،  ئاشقازان كۆپىدۇ،  كېسەللىك بەلغەم ئارىلاشقان سوغۇقلۇق تەسىرىدىن پەيدا بولغاندا ئېغىزدىن شالى كۆپ ئاقىدۇ.  بۇ كېسەللىك ئاشقازانغا سەۋدانىڭ كۆپ قۇيۇلۇشى سەۋەبىدىن پەيدا بولسا،  ئاشقازان بوشىغاندا قاتتىق ئېچىشىش،  ئاشقازان ئېغىزىدا كۆيۈشۈش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ،  بۇ تاماق يېيىش بىلەن پەسىيىدۇ.  بۇ كېسەللىك ئاشقازانغا بەلەم خىلىتىنىڭ كۆپ قويۇلۇشى سەۋەبىدىن پەيدا بولسا كۆپىنچە نەزلىدىن كېيىن نەزلە ماددىسى مېڭىدىن ئاشقازان ئېغىزىغا قۇيۇلىدۇ.  بۇنىڭ بىلەن بىمار چۈچۈمەل كېكىرىدۇ ھەمدە بۇ بىمارنىڭ ئىلگىرى زۇكام بولغانلىق تارىخى بولىدۇ.  بۇ خىل كېسەللىك ئۈچەي مەددە قۇرتى سەۋەبىدىن پەيدا بولسا،  ئارقا تەرەتتىن قۇرت چۈشىدۇ،  بىمار غىزانى يەپ تويمايدۇ.  

داۋالاش پرىنسىپى: كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى سەۋەبكە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.  

مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاش: جاۋارىش جالىنۇس،  مەتبۇخى ئەپتىمون،  ھەببى ئايارەنج،  جاۋارىش نارمىشكى،  مەجۈنى خۇبسىلھەدىد،  ھەببى سەبرە قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ.  

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: تۇزلۇق،  زىيادە ئاچچىق نەرسىلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ.  تاتلىق،  تاماقلار ئىستېمال قىلىنىپ قۇستۇرىلىدۇ.  كەينىدىن پىستە مېغىزى ۋە بادام مېغىزى ئېزىلىپ كۈنجۈت يېغى بىلەن شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ ئۈزۈلدۈرمەي ئىستېمال قىلىنىدۇ.  توخۇ گۆشى ۋە قوي گۆشلىرى كۆپرەك ئىستېمال قىلىنىدۇ.  

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.