مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 898 رەت   / مەنبە: -

مۇتەخەسىسلەرنىڭ شۋېتسىيىدىكى تەتقىقات نەتىجىسى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، تىپىك ھەزىم ناچارلىق ئاغرىقىغا گىرىپتار بولغان، لېكىن ئاشقازان ئۈچەي يارىسى يوق كىشىلەر مەيلى قانداقلا دورا يېمىسۇن، مەيلى تەسكىن تاپقۇزغۇچى دورىلار، كىسلاتاغا قارشى دورىلار ۋە ياكى ھىستامىننىڭ ئاكتىپلىقىنى ئۈزىدىغان دورىلار بولسۇن ھېچقانداق رولى بولمايدىكەن. ئادەم بەدىنىنىڭ بۇ خىل فىزىئولوگىيىلىك جەريانىدا كىشىلەر سۇسىزلىنىش سىگنالىغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ ھەرگىز قالايمىقان دورا ئىشلەتمەسلىكى لازىم. 

سۇ بەلكىم، كېسەللىك ئازابىنى يەڭگىللىتىدىغان بىردىنبىر ئۈنۈملۈك دورا بولۇشى مۇمكىن. ئادەم بەدىنىنىڭ ئېھتىياجلىق بولغىنى چاقىرىق قىلىدىغىنى ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا سۇ ۋە پەقەتلا سۇدۇر. ئەگەر بىز باشقا كېسەللىك ئالامەتلىرىدىن ئەستايىدىل ئىزدەيدىغان بولسا تېخىمۇ كۆپ سۇ كەملىك سىگناللىرىنى بايقىشىمىز مۇمكىن. ھەزىم ناچارلىقتىن كېلىپ چىققان ئاغرىقنى دائىرلىك ئايرىم ھادىسىمىكىن دەپ قالماڭ. بارلىق بىمارلاردىكى ھەزىم ناچارلىشىشتىن بولغان ئاغرىق-سۇسىزلىنىشنىڭ سىگنالىدۇر، بەدەندە سۇ كەملىكنىڭ سىگنالى، بىرلا ۋاقىتتا ئاشقازان ئۈچەي يارىسى مەۋجۇت بولغاندىمۇ ھەم شۇنداق. پەقەت سۇ ئىچكەندىلا ئاغرىق يەڭگىللەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يېتەرلىك ئوزۇقلۇق بولغاندا ئاشقازان ئۈچەي يارىسى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆزلىكىدىن ساقىيدۇ. 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.