تونۇش: ئۆتكۈر خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاشقازان شىللىق پەردىلىرى ياللۇغلىنىدىغان، ھۆ بولۇش، قۇسۇش، يۇقىرىقى قورساق ساھەسى ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان جىددىي قوزغىلىدىغان ياللۇغلىنىش خاراكتېردىكى كېسەللىكتىن ئىبارەت.
سەۋەبى: زىيادە سوغۇقلۇق ۋە زىيادە ئىسسىقلىق قاتارلىق فىزىكىلىق غىدىقلىنىشلار، روھىي كەيپىياتنىڭ جىددىيلىكى، يۇقىرى گىرادۇسلۇق ھاراق ۋە قۇيۇق دەملەنگەن چاي، قويۇق قەھۋە ۋە جاراسىم بىلەن يۇقۇملانغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش سەۋەبىدىن ئاشقازان شىللىق پەردىلىرىدە يۇقۇملىنىش كۆرۈلىدۇ.
ئالامىتى: كېسەللىك جىددىي باشلىنىدۇ، يۇقىرى قورساق ساھەسىدە يېقىمسىزلىنىش، ھۆ بولۇش، قۇسۇش، كۆڭۈل ئېلىشىش، ئىشتىھا تۇتۇلۇش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ. ئۆتكۈر خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىغا ئۈچەي يوللىرى ياللۇغلىنىشى قوشۇلۇپ كەلگەن بولسا، ئىچ سۈرۈش، قىزىش، سۇسىزلىنىش، ئېغىر بولغاندا ھوشسىزلىنىش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىدۇ. ئەگەر بىمار دورىلار ۋە خىمىيىلىك ماددىلاردىن زەھەرلەنگەن بولسا ھوشسىزلىنىدۇ ھەمدە تومۇرى تېز، ئىنچىكە سالىدۇ، چىرايى تاتىرىدۇ، كالپۇكى، قول-پۇتلىرى كۆكىرىدۇ. بەدەن تەكشۈرگەندە، يەنى يۇقىرىقى قورساق ساھەسى ۋە كىندىك ئەتراپىنى باسقاندا ئاغرىيدۇ. ئۈچەينىڭ كوركىراش تاۋۇشى كۈچىيىدۇ. ئادەتتىكى فىزىكا-خىمىيىلىك غىدىقلىنىشلاردا كېسەللىك ئىپادىلىرى يېنىك بولىدۇ. تەرەققىيات جەريانى قىسقا بولۇپ، داۋالاش توغرا بولسا، بىمار بىر قانچە كۈن ئىچىدە ياخشىلىنىپ كېتىدۇ.
داۋالاش پىرىنسىپى: كېسەللىك سەۋەبچىسىنى يوقىتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە دااۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.