مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى11-ئاينىڭ23-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1180 رەت   / مەنبە: ساغلاملىق تورى

تونۇش: كالا ئىشتىھا ئۇيغۇر تىبابىتىدە بەدەن ئوزۇقلۇققا موھتاج بولۇپ تۇرۇقلۇق كۆڭۈل تاماق تارتماسلىق،  قورساق ئاچماسلىق ۋە تاماق خالىماسلىق كالا ئىشتىھا دەپ ئاتىلىدۇ.  سەۋەبى يەپ تويماسلىق بىلەن ئوخشاش سەۋەبى يەڭگىل بولسا يەپ تويماسلىق،  ئېغىر بولسا كالا ئىشتىھا دەپ ئايرىلىدۇ.  

سەۋەبى: بۇ كېسەللىك قاتتىق سوغۇقتا سەپەر قىلغۇچىلاردا،  بولۇپمۇ ئاچ يۈرەپ سەپەر قىلغۇچىلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ،  ئۇزۇن ۋاقىت ئاچ قالغانلار بۇ كېسەللىككە دۇچار بولىدۇ.  بۇ كېسەللىك سەۋەبىگە قاراپ تۆۋەندىكىدەك ئۈچ سەۋەبتىن بولىدۇ.  

بىرىنچى،  قاتتىق سوغۇقلۇقنىڭ ئاشقازانغا تەسىر قىلىشى تۈپەيلىدىن ئاشقازاننىڭ تۇتۇش قۇۋۋىتى ئاجىزلاشتىن پەيدا بولىدۇ.  ئىككىنچى،  قويۇق بۇزۇق بەلغەم ئاشقازانغا چۈشۈش بىلەن ئاشقازان ئېغىزىنىڭ ئېتىلىپ قېلىشىدىن پەيدا بولىدۇ.  ئۈچىنچى،  سەپرا ياكى سۇيۇق بەلغەمنىڭ ئاشقازان ئېغىزىدىكى تىۋىتلەرگە سىڭىپ كېتىشى بىلەن ئاشقازان مىزاجىنىڭ بۇزۇلۇشى سەۋەبىدىن كۆرۈلىدۇ.  

ئالامىتى: بۇ كېسەللىكنىڭ ئالامەتلىرىمۇ سەۋەبلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئوخشاش بولمايدۇ.  بۇ كېسەللىك زىيادە سوغۇقلۇقنىڭ ئاشقازانغا تەسىر قىلىشى تۈپەيلىدىن پەيدا بولغاندا،  بىماردا بەدەن ئورۇقلاش،  كۈندىن-كۈنگە ئەھۋالى ناچارلىشىش،  تاماق يېيەلمەسلىك قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ،  بىمار ئاشقازاننى تۇتۇپ كۆرگەندە مۇزدەك سوغۇق سېزىلىدۇ.  كېسەللىك جەريانى ئۇزارغانسېرى بىمار ئايلىنىپ كېتىدىغان بولۇپ قالىدۇ.  

بۇ كېسەللىك قويۇق بەلغەم خىلىتىنىڭ ئاشقازانغا چۈشۈشى سەۋەبىدىن پەيدا بولسا بىمار قۇسىدۇ،  قۇسۇقى قۇيۇق شىلىمشىق ئارىلاش بولۇپ،  غىزانى كۆرسە ئىختىيارسىز سەسكىنىدۇ.  

بۇ كېسەللىك سەپرا ياكى سۇيۇق بەلغەمنىڭ ئاشقازان ئېغىزىدىكى تىۋىتلارغا سىڭىپ كېتىشى سەۋبىدىن پەيدا بولسا،  بىماردا پەقەت ئاشقازان بۇزۇلۇش ئالامەتلىرى قوشۇلۇپ كېلىدۇ.  

داۋالاش پىرىنسىپى: كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى سەۋەبكە قاراپ داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.  

مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاش: ئەرقى قىزىلگۈل،  ئەرقى بىدىمۇشكى،  ئالما شەربىتى،  جاۋارىش بۇزۇرى،  مەجۈنى ئامىلە نۆشۈدارى قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ.  

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.