مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 933 رەت   / مەنبە: -

ھازىرقى زامان كىشىلىرى ھەمىشە ئېغىر خىزمەت بېسىمى پەيدا قىلغان روھىي جىددىيلىك ئىچىدە تۇرىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈچ ۋاخ تاماقنىڭ نورمال بولماسلىقى، ئوزۇقلۇقنىڭمۇ تەڭپۇڭ بولماسلىقى سەۋەبىدىن، ئاشقازان ئاغرىش ئۇلاردا دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. 

ئاشقازان ئاغرىشتا ھەممىدىن كۆپ كۆرۈلىدىغىنى ئاشقازان يارىسى، ئون ئىككى بارماق ئۈچەي شارچە قىسمى يارىسى، ئاشقازان ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىك ئالامىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاشقازان ئاغرىشتىن ئىبارەت، يەنە سوغۇقنىڭ تەسىرى، ئاچچىقنىڭ غىدىقلىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاشقازان ئاغرىشمۇ بار. ئاساسلىق ئالامىتى ئاشقازان كاۋىكى دائىم ئاغرىش، ھەمدە بۇنىڭغا ئەگىشىپ كۆكرەك بوشلۇقى چىڭقىلىش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، ئاچچىق سۇ يېنىش، چوڭ تەرەت سۇيۇق كېلىش ياكى قېتىۋېلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. 

ئاشقازان كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ئىنتايىن كۆپ. مەسىلەن، ھەددىدىن تاشقىرى كۆپ يەپ-ئىچسە ئاشقازانغا نىسبەتەن يۈك بولۇپ، ئاسانلا ئاشقازان ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ دائىم پېچىنە-پىرەنىك قاتارلىق پارچە-پۇرات يېمەكلىكلەرنى يەيدىغانلار، ئاز مىقداردا كۆپ قېتىم غىزالىنىش ئادىتى بارلاردا ئاسانلا ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى جانلىنىپ كېتىپ، ئاشقازان يېقىمسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. 

ئاشقازاندا مەسىلە كۆرۈلگەندە، ئەڭ ياخشىسى ئۆزىنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى تەڭشەش كېرەك. مەسىلەن، يېمەكلىكلەرنى يېگەندە ئۇزاق چايناپ ئاستا يۇتۇش لازىم، بولۇپمۇ يىرىكرەك تالالىق يېمەكلىكلەرنى ئۇزۇنراق، يۇمشاقراق چايناپ يۇتسا، ئۇلارنىڭ ئاشقازان دىۋارىنى زەخىملەندۈرۈشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ؛ كراخمال تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر، مەسىلەن، گۈرۈچ، ئۇن تاماقلىرى بىر قەدەر ئاسان ھەزىم بولىدۇ، شۇڭا ئۇلار ئاشقازىنى ئاغرىيدىغانلار ئۈچۈن بىر قەدەر ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ. 

بېسىم ۋە جىددىيلىشىش كەيپىياتىمۇ ئاشقازان ئاغرىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىدۇر. شۇڭا جىددىيلەشكەندە ئىمكانقەدەر چوڭقۇر نەپەسلىنىش، مۇۋاپىق پەيتتە كەيپىياتنى بوشاشتۇرۇش، بېسىمنى تۈگىتىش ھەمدە ئۈمىدۋار، ئوچۇق-يورۇق خاراكتېر يېتىلدۈرۈپ، ئاشقازان ئاغرىقىنىڭ قوزغىلىش ۋاقىت ئارىلىقىنى بارغانسېرى ئۇزارتقاندىلا، ئاندىن ئاشقازاننىڭ ئاغرىش سېزىمىنى بارا-بارا ئۇنتۇغىلى بولىدۇ.

تولۇقلاشقا تېگىشلىك ۋىتامىن، مىنېرال ماددا

ۋىتامىن A، ۋىتامىنB، نىكوتىن كىسلاتاسى، ۋىتامىنC، ۋىتامىنE، ۋىتامىنU، خلور.

كۆپرەك ئوزۇقلىنىشقا تېگىشلىك يېمەكلىكلەر

سۈتتىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار، جىگەر، كاۋا، تاتلىقياڭيۇ، كاللەكبەسەي، كەرەپشە، قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەر، گازىر يېغى، تۇخۇم قاتارلىقلار.

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.