تونۇش: ئادەم بەدىنىنىڭ ئوزۇقلۇققا بولغان ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن يېمەكلىكلەرگە ئىنتىلىشى ئادەتتە ئىشتىھا دەپ ئاتىلىدۇ. ئوزۇق تەلەپ قىلغاندا قورساق ئاچقانلىق تۇيغۇسى قوزغىلىدۇ. ئاچلىق ئاشقازان گۆشلىرىنى كۈچلۈك قىسقارتىپ يېمەكلىكلەرگە ئىنتىلىشىنى، يەنى ئىشتىھانى پەيدا قىلىدۇ. ئاچلىق سېزىمى مەۋجۈت بولسىمۇ كۆڭۈلنىڭ تاماق تارتماسلىقى ئىشتىھاسىزلىق ياكى ئىشتىھا تۇتۇلۇش دېيىلىدۇ. ئەگەر ئىشتىھاسىزلىققا سەۋەبچى بولغان ئامىللار كۈچلۈك بولسا، كىشى قورسىقى ئاچقانلىقىنى سەزمەيدىغان بولۇپ قالسا، بۇ ئىشتىھا تۇتۇلۇش دەپ ئاتىلدۇ.
سەۋەبى: ئاشقازان ئېغىزىنىڭ ماددىسىز ئىسسىق ياكى سوغۇقتىن بۇزۇلۇشى، ئاشقازاندا خىلىتلارنىڭ كۆپىيىشى، بەدەندە خام خىلىتلارنىڭ كۆپىيىشى تېرە تۆشۈكچىلىرىنىڭ ئېتىلىپ قېلىشى، جىگەر، تال، مېڭە، نېرۋا خىزمىتىنىڭ قالايمىقانلىشىشى، يۇقىرى قىزىتمىلىق كېسەللىكلەر، سەرسام، سەرتان ۋە باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كۆرۈلىدۇ.
ئالامىتى: ئىشتىھاسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئالامەتلەر ئوخشاش بولمايدۇ.
بۇ خىل ئالامەت كېسەللىك ئاشقازان ئېغىزى مىزاجىنىڭ ئىسسىق ياكى سوغۇقلۇق تەسىرىدىن بۇزۇلۇشىدىن پەيدا بولغاندا، بىماردا ئاشقازان مىزاجى بۇزۇلغان كېسەللىكلەردە كۆرۈلگەن ئالامەتلەردىن تاشقىرى ئىشتىھا تۇتۇلۇش كۆرۈلىدۇ.
ئەگەر ئاشقازاندا خىلتلار كۆپىيىپ كېتىش سەۋەبىدىن ئىشتىھا تۇتۇلۇش كۆرۈلگەن بولسا، بۇ كۆپەيگەن خىلىت سەپرا ياكى شور خىلتلاردىن پەيدا بولغان بولسا، ئاشقازان ئېچىشىش، ئاغرىش، قۇسۇش قوشۇلۇپ كېلىدۇ. ئەگەر ئىشتىھا تۇتۇلۇش قويۇق بەلغەم خىلىتى تەسىرىدىن كۆرۈلگەن بولسا، بىمارنىڭ ئاشقازىنىدا ئاغرىش، ئېىشىش بولماي بەلكى كۆڭۈل ئاينىش، قورساق كۆپۈش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. بىمار كېكىرسە يېنىكلەيدۇ.
جىگەر خىزمىتى بۇزۇلغانلىقتىن ئىشتىھا تۇتۇلۇش كۆرۈلگەندە، بىماردا ئاشقازان ئۈچەي خىزمەتلىرى ياخشى بولماسلىق، جىگەر ساھەسى يېقىمسىزلىنىش، كۆۈڭل ئېلىشىش، تاماق خالىماسلىق، قورساق كۆپۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئۆت كېسەللىكلىرىدىمۇ ئىشتىھا تۇتۇلۇش كۆرۈلىدۇ. بىمار تەدرىجىي ئورۇقلاپ كېتىدۇ.
تال خىزمىتى دەخلىگە ئۇچرىغانلىقتىن ئىشتىھا تۇتۇلۇش كۆرۈلگەندە تال ساھەسى يېقىمسىزلىنىدۇ. بىمار كەم ماغدۇر، كەم قان بولۇپ، قورسىقى ئاچقانلىقتىن زارلىنىدۇ. تەكشۈرۈپ كۆرگەندە بەزىلەرنىڭ تېلى چوڭايغان بولىدۇ.
مېڭە، نېرۋا خىزمىتى قالايمىقانلىقى سەۋەبىدىن پەيدا بولغان ئىشتىھا تۇتۇلۇشتا، بىماردا مېڭە نېرۋا ئاجىزلاش ۋە روھىي كېسەللىك ئالامەتلىرىدىن غەم-ئەندىشە، بىئاراملىق، قورقۇش، ئۈمىدسىزلىنىش، قايغۇ-ھەسرەت، غەزەپلىنىش، مالىخولىيا قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئېغىر بولغاندا بىمارنىڭ ئاشقازان خىزمىتى ئاجىزلاپ، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ، تاماقنى ئاز يەيدىغان ياكى تاماق خالىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر بۇ ئەھۋساللار ئۇزاققا سوزۇلسا، بىمار ئورۇقلايدۇ.
داۋالاش پىرىنسىپى: سەۋەبكە قارىتا چارە قىلىش، ھەزىمنى ياخشىلاش، ئىشتىھانى ئېچىش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاشتا: ئامىلە نۆشۈدارى، جاۋارىش مىشكى، جاۋارىش ئامىلە، سەپەرجىلى شەربىتى، مەجۈنى جەلالى، زەنجىۋىل شەربىتى، دىنار شەربىتى، جاۋارىش ئۇد شېرىن قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ بېرىلىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: ياغلىق، قىيمىلىق، تەستە ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى سەي-كۆكتاتلار كۆپرەك ئىستېمال قىلىنىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.