مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى11-ئاينىڭ22-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1674 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

تونۇش: ئاشقازان راكى سەۋدا، سەپرا، بەلغەم خىلىتلىرىنىڭ غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىشى ھەمدە تۈرلۈك ئاشقازان كېسەللىكلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىن پەيدا بولىدۇ، بىماردا تاماق سىڭمەسلىك، قۇسۇش، قۇسۇق رەڭگى قەھۋە رەڭگىدە ياكى جىگەر رەڭ بولۇش، تۇتۇپ تەكشۈرگەندە قولغا مۇنەكچە ئۇرۇنۇش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت. 

ئاشقازان راكى بىرلەمچى ھالدا ئاشقازاندا پەيدا بولىدىغان بىرخىل يامان سۈپەتلىك ئۆسمىدىن ئىبارەت. دەسلەپكى كېسەللىك ئىپادىلىرى ئادەتتىكى ئاشقازان كېسەللىك ئالامەتلىرى بىلەن يۈز بېرىدىغان بولغاچقا، بىمارنىڭ ئانچە دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىمايدۇ. بەدەن بەلگىلىرى ئاشكارىلىنىپ چىققاندا ئۆتكۈر دەۋرىگە قەدەم قويغان بولىدۇ. ئاشقازان راكى ئاشقازاننىڭ ھەرقانداق يېرىدە پەيدا بولىدۇ، كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ئاشقازان چىقىش ئېغىزى، كىچىك ئەگىرلىكى ۋە كىرىش ئېغىزىدا كۆپ يۈز بېرىدۇ. ئاشقازان راكى ھەرقانداق ياشتىكىلەردە پەيدا بولىدۇ، %70 ئەتراپىدىكى راك 40-60 ياش ئەتراپىدىكى كىشىلەردە كۆرۈلىدۇ. ئاياللارغا قارىغاندا ئەرلەردە پەيدا بولۇش نىسپىتى يۇقىرى بولۇپ، ئادەتتە 1:3 پەيدا بولىدۇ. 

سەۋەبى: ئاشقازان راكىنىڭ كېسەللىك سەۋەبلىرى تازا ئېنىق ئەمەس، لېكىن ھۆكۈمالىرىمىزنىڭ ئۇزاق يىللىق كىلىنىكىلىق تەجرىبىلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاشقازان راكى نورمال سەۋدا خىلىتىنىڭ كۆپىيىشى، قان ۋە سەۋدا خىلىتىنىڭ ھارارەت تەسىرىدە كۆيۈشى، نورمال بەلغەم خىلىتىنىڭ يات ئىسسىقلىقنىڭ تەسىر قىلىشى ياكى بەلغەم خىلىتىغا كۆيگەن سەپرا ماددىسىنىڭ قوشۇلىشى ھەمدە ئاشقازان ۋە 12 بارماق ئۈچەي يارىسى، سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى قاتارلىق تۈرلۈك ئاشقازان كېسەللىكلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە باشقا ئېرسىيەت ئامىلى قاتارلىقلار سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 

ئالامىتى: كېسەللىك تەرەققىياتى تېز بولىدۇ، دەسلەپكى مەزگىلدە بىلىنمەيدۇ ياكى ئادەتتىكى ھەزىم بۇزۇلۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. تاماقنىڭ سىڭىشى تەسلىشىدۇ. ئاشقازاندا يېقىمسىزلىنىش كۆرۈلىدۇ. ھەزىم پائالىيىتى ناچارلىشىدۇ. بىمار ھېق تۇتىدۇ، كېكىرىدۇ. ئاشقازىنىدا ئېچىشىش كۆرۈلىدۇ، كۆڭۈل ئېلىشىدۇ. ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ. ئەگەر ئۆسمە ئاشقازان كىرىش ئېغىزىدا پەيدا بولسا يۇتۇش قىيىنلىشىدۇ، چىقىرىش ئېغىزىدا پەيدا بولسا بوتقا ئۈچەيگە ئۆتەلمەي ئاشقازاندا تۇرۇپ قالىدۇ ياكى قۇسىدۇ. ئاشقازاندا دەسلەپتە تۇيۇق ئاغرىش پەيدا بولىدۇ، كېيىنچە سانجىلىپ ئاغرىيدۇ. 

تويۇنغاندىن كېيىن ياكى باسقاندا ئاغرىش كۈچىيىدۇ، راك ئۆسمىسىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئاشقازاننى تۇتۇپ تەكشۈرگەندە قولغا مونەكچە ئۇرىنىدۇ. قورساق ئېسىلىدۇ. قۇسۇش كۆپىيىپ كۈنىگە بىر قېتىم ياكى بىرنەچچە قېتىمغا يېتىدۇ. بەدەن قىسقا ۋاقىتتا ئورۇقلاپ ماغدۇرسىزلىنىدۇ، ئاخىرىدا ھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇ. 

داۋالاش پىرىنسىپى: راك ئۆسمىسىنىڭ تەرەققىياتىنى تىزگىنلەش، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن كېسەللىك ئالامىتىگە قاراپ داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاشتا: سىماب كۈشتىسى، سوفۇپى مارى ئەپئا، مەجۈنى مارى ئەفئا، مەجۈنى بەرشىشا، قۇرسى كەھرىۋا، مەجۈنى ئازاراقى، مۈجۈنى كۇچۇلا، زەبىب شەربىتى، ئانار شەربىتى، پۇختاجۇش شەربىتى، ئەۋرىشىم شەربىتى قاتارلىقلار ئەھۋالغا قاراپ بېرىلىدۇ. 

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: قىيمىلىق، يەللىك، ئاچچىق-چۈچۈك يېمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ، ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئاز-ئازدىن كۆپ قېتىم بېرىلىدۇ. 

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.