تونۇش: ئاشقازان مىزاجىنىڭ ماددىلىق ھۆل ئىسسىقتىن بۇزۇلۇش تۈپەيلىدىن ھەر خىل ئىچكى-تاشقى ئامىللار تەسىرىدىن قان خىلىتى غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىدىغان، بىمارنىڭ ئېغىزىدىن شالى كۆپ ئېقىش، شىلىمشىق سۇيۇقلۇق قۇسۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.
سەۋەبى: قان خىلىتىنىڭ غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىشى ھەمدە ھۆل ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش سەۋەبىدىن ئاشقازان مىزاجىدا بۇزۇلۇش كۆرۈلىدۇ.
ئالامىتى: ئىشتىھاسى نورمال بولىدۇ، ئېغىزىدىن شالى ئاقىدۇ، بولۇپمۇ قورسىقى ئاچ ۋاقىتتا كۆپ ئاقىدۇ، ئاشقازان بوش ۋاقىتتا قۇرۇق ھۆ تۇتىدۇ، قانداق نەرسە يېسە سېسىق كېكىرىدۇ.
داۋالاش پىرىنسىپى: ئاشقازاننى تازىلاش، ھەزىمنى ياخشىلاش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاشتا: لىمون شەربىتى، ئانار شەربىتى، بۇزۇرى شەربىتى، جاۋارىش ئۇد، ھەببى تانكار، جاۋارىش كومۇنى، مەجۈنى پەۋاكىھ قاتارلىقلار دورىلاردىن ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.