مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 783 رەت   / مەنبە: -

ياپونىيەنىڭ خوككايدو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دەسلەپكى باسقۇچتا ئاشقازان راكىغا گىرىپتار بولغان ئاغرىقلارنى داۋالىغاندا، ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان باكتېرىيەسىنى يوقىتىدىغان دورىلار ئاشقازان راكىنىڭ قوزغىلىشىنى تۆۋەنلىتىدىكەن.

خوككايدو ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچىلار دەسلەپكى باسقۇچتا ئاشقازان راكىغا گىرىپتار بولغان 500 ئاغرىقنى داۋالىغان، تەتقىقاتچىلار بىر قىسىم ئاغرىقلارغا ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان باكتېرىيەسىنى يوقىتىدىغان دورىلارنى ئىشلەتكەن. ئۈچ يىلدىن كېيىن بۇ دورا ئارقىلىق داۋالىغان توققۇز ئادەمدىلا ئاشقازان راكى قوزغالغان.

تەتقىقاتچىلار بۇنىڭدىن ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان باكتېرىيەسىنى يوقىتىدىغان دورىلارنىڭ ئاشقازان راكىنىڭ قوزغىلىشىنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. ئەمما ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان باكتېرىيەسىنى يوقىتىدىغان دورىلارنىڭ تەركىبى ئېنىقلانمىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان باكتېرىيەسى ئاشقازان شىلىمشىق پەردىسىنىڭ يۇقۇملىنىشى، ئاشقازان يەللىكى، ئاشقازان يارىسى ۋە ئاشقازان راكىنىڭ قوزغىلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. %90تىن ئارتۇق ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسى، %80تىن ئارتۇق ئاشقازان يارىسىنى ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان باكتېرىيەسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.