مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 937 رەت   / مەنبە: -

تونۇش: قان قۇسۇش ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاشقازان ۋە قىزىلۆڭگەچتىن كەلگەن قاننىڭ توسۇلۇش ئارقىلىق سىرتقا چىقىرىلىشىدۇر.


سەۋەبى: ھەرخىل سەۋەبلەرنىڭ ئاشقازان ۋە قىزىلئۆڭگەچكە تەسىر قىلىشى تۈپەيلىدىن ئاشقازان ياكى قىزىلئۆڭگەچ تومرلىرىنىڭ ئۈزۈلىشى بىلەن قان قۇسۇش كۆرۈلىد. بۇ خىل ئۈزۈلۈش كۆپىنچە ھاللاردا سىرتتىن زەخىم تېگىش، ئىسسىق ماددىلار تەسىر قىلىش ياكى بىمارنىڭ بىرەر نەرسىگە زورلۇق بىلەن كۈچىگنلىكى قاتارلىق سەۋەبلەردىن يۈز بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا جىگەر  ياكى تالغا بىر نەرسە تەگكەنلىك تۈپەيلىدىن ئاشقازان قان قۇيۇلۇپ ئېغىزىدىن قان كېلىدۇ. ئاشقازان يارىسى، ئاشقازان راكى ياكى جىگەر كىچىكلەپ كېتىش (جىگەر قېتىش) قاتارلىقلاردا ئاشقازاننىڭ مەلۇم تومۇرلىرى ئۆزلۈكىدىن قان قۇسۇش پەيدا قىلىدۇ.


ئالامىتى: ئاشقازان ساھەسى بەزىدە قادىلىپ ئاغرىيدۇ، بەزىدە ئاغرىماي ئېچىشىدۇ. بەزىدە كۆڭۈل ئېلىشىپ ھۆ تۇتۇپ، قۇسۇش بىلەن تەڭ قان كېلىدۇ، بەزىدە ھۆ تۇتمايلا قان كېلىدۇ. كەگەن قان بەزىدە ئوچۇق قىزىل ھەم سۇيۇق بولىدۇ، بەزىدە ھۆ بېغىر رەڭ ھەم قويۇق بولىدۇ. بەزىدە كۆپۈكلۈك بولۇپ، تاماقلار ئرىلىشىپ كېلىدۇ. بەزىدە خاس قانلا كېلىدۇ. قاننىڭ مىقدارى بەزىدە ئاز، بەزىدە كۆپ بولىدۇ. قان قۇسقاندا بىمار ناھايىتى ھالسىزلىنىپ چىرايى تاتىرىپ كېتىدۇ. پۇت-قوللىرى ئۈزۈلسە مۇزلاپ، بەك جىددىيلىشىدۇ.


داۋالاش پرىرىنسىپى: كېسەللىك سەۋەبىگە قاراپ چارە قىلىنىدۇ. قان توختىتىش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.


دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: غەلىز، غىدىقلىغۇچى تاماقلاردىن پەرھىز قىلىنىدۇ. ئاسان سىڭىدىغان، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەر ئىستېمال قىلىنىدۇ.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.