ئاۋسترالىيەدە ئىشلەنگەن پەرزەنت كۆرەلمەسلىك ھەققىدىكى بىر تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، جورىسى ھامىلىدار بولمايدىغان ئەرلەردە ئومۇميۈزلۈك ۋىتامىن D كەمچىل بولۇش ئەھۋالى بولىدىكەن. ئاۋسترالىيە تۇغماسلىق، پەرزەنت كۆرمەسلىكنى داۋالاش مەركىزىدىكى دوكتور ئاننىي كلارك پەرزەنت كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 800 گە يېقىن ئەرنىڭ قېنىنى تەكشۈرگەندە، ئۇلارنىڭ ئۈچتىن بىرىنىڭ بەدىنىدىكى ۋىتامىن D نىڭ نورمال سەۋىيەدىن تۆۋەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە فۇلىك كىسلاتاسى يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى بايقىغان. ۋىتامىن D بىلەن فۇلىك كىسلاتاسىنىڭ يېتەرسىز بولۇشى ئاياللارنىڭ ھامىلىدار بولماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، ۋىتامىن D بىلەن فۇلىك كىسلاتاسىنىڭ يېتەرسىز بولۇشى DNA ئۈزۈلۈش چاستوتىنىڭ يۇقىرىراق بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن بولۇپ، نۇر چۈشۈشنى قوبۇل قىلىش ۋىتامىن D نى تولۇقلاشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ئىكەن.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.