مەزى بېزىنىڭ تاشقى ئايلانما رايونى سۈيدۈك يولىنىڭ ئىككى يېنىدا ۋە سىرتقى يان تەرىپىدە بولىدۇ، ئاساسلىقى مەزى بېزىنىڭ ۋارونكا ئۇچىغا ئوخشاش ئۇچلۇق قىسمىنى ھاسىل قىلىدۇ، مەركىزىي رايوننىڭ ئىككى يېنى ۋە سىرتقى يېنىنى ئوراپ تۇرىدۇ. سىرتقى ئايلانما رايون ئۇرۇق دۆڭچىسى يۈزىنىڭ ئاستى تەرىپىدىن سۈيدۈك يولىنىڭ ئالدى يان تەرىپىدىكى توغرا سىزىقلىق مۇسكۇل ۋە سىلىق مۇسكۇل غىلىپى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ، تاشقى ئايلانما رايوندىكى ئۆتكۈزگۈچى نەيچىنىڭ ئېغىزى سۈيدۈك يولىنىڭ مەزى بېزى قىسمىدىكى ئاخىرقى ئۇچىدا ئېچىلىدۇ. مەزى بېزى ياللۇغى بىلەن مەزى بېزى راكى مۇشۇ تاشقى ئايلانما رايوندا پەيدا بولىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.