نېمىشقا يېڭى يىلنىڭ بېشىدا ئىككى كۈن بلوگنى تاشلاپ قويغاندۇ دەپ قالدىڭلار ھەقاچان. تۈنۈگۈن سەھەر سائەت 08:00 ، ماشىنىنى قىزىتقاچ سەھەر مەنزىرىسىنى، ئوتلاپ يۈرگەن قاغىلارنى سۈرەتكە ئېلىۋاتقان ئىدىم. تۇيۇقسىز بىر تىك ئۇچار ئايرۇپىلان ئالدىمغىلا …
مەنزىرە بەكلا قورقۇنۇشلۇق… تەپسىلاتىنى سىندىنلا كۆرۈڭلار.

مەن يەنە ئىغۋا تارقاتقان بوپقالماي. بۇنىڭ سىرىنى قالدۇراي. ئاۋال بۇ سىننىمۇ كۆرۈۋېتەيلى.
ئەپ ئىسمى : Action Movie FX
ساتقۇچى : Bad Robot Interactive
تۈرى : كۆڭۈل ئېچىش
چوڭلۇقى : 15.1 MB
باھاسى : ھەقسىز.
كىچىككىنە ئەسكەرتمە:
بۇ ئەپ ھەقسىز بولۇپ، ئىچىدە 2 خىل ئۈنۈملا ھەقسىز تەمىنلەنگەن. باشقا بىرقانچىلىرىنى بىز In App Purchasing ئارقىلىق سېتىۋالالايمىز. ئەگەر ئېسىڭىزدە بولسا، ئالدىنقى تېمىدا «تۈرمىدىن قاچۇرغان بولسىڭىز ئايفونىڭىزنى ئىسراپ قىلماڭ 7 » دېگەن يازمىدا مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر نەرسىلەرنى سۆزلىگەندەك قىلغانتۇق. ئەمدى بۇنىڭ مېغىزىنى چاقىدىغان يەنە بىر تال ئەپ ئۇچرىدىمۇ نېمە؟









































مەنمۇ بۇ ئەپنى چۈشۈرۈپ سىناپ ئويناپ باقتىم، بىراق، كۆرۈنۈش ئۇزۇن بولسا قاملاشمايدىكەن….
ھا ھا ھا، دىۋاندا بىر ئولتۇرايچۇ !
مەن تېخى قايسى دۆلەت ئارمىيىسى ئۈرۈمچىگە ھۇجۇم قىلدىكىن دەپتىمەن، ھەقىقەتەن قىزىقارلىق ئەپكەن ئەمەسمۇ بۇ ! ! !
بۇ تۇراغا كەرگەن ئادەم قۇرۇق چىقىپ كەتمەيدۇدە
ئۇلاپلا كىنودىن بىرنى ئىشلىۋەتمەي …
كاساپەت.بۇ ئەپ4.3دىن يۇقىرى نەشىردە ئىشلەيدىكەن ئەمەسمۇ. مىنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىم 4.2.1 ئىدى
iPhone دىلا كىنو ئىشلەش ئاسانغا توختىدى مانا… ماۋۇ ئەپ، ئاندىن يەنە Demon Cam دىگەن ئەپ…
ھەجپمۇ ئەنسىرەتتىڭىز پاسىبان ئەپەندىم، مەن تېخى راستلا ئالدىغا ئايرۇپىلان چۈشكەن بولسا سىزنى قانداق بوپ كەتكەندۇ دەپ قورقۇپ كەتتىم ئەمەسمۇ
ئازراق ماۋزۇ ئويناپ قويدۇققۇ