تۈرمىدىن قاچۇرغانلارغا ئاتاپ يېزىپ كېلىۋاتقان يازمىلار يېقىندىن بۇيان ئالدىراشچىلىق ئىچىدە بىر مەزگىل توختاپمۇ قالدى. ئاخشام سىنغا ئېلىشقا ئازراق ۋاقىت چىقىرالاپتىكەنمەن، يەنە بۇ دەرسلىكنى تەييارلىدىم. ئەگەر سىزنىڭ ئايفونىڭىزدا باشقىلارنىڭ كۆرىشىنى خالىمايدىغان مەخپىي نەرسىلەر بوپقالسا بۈگۈنكى بۇ ياماق سىز ئۈچۈن تولىمۇ قوللىنىشچان.

بۇنىمۇ ئەلۋەتتە Cydia دىن چۈشۈرىمىز. سىز 威锋网 نىڭ مەنبەسىنى ئىلگىرىكى يازمىلاردا ئېيتىپ ئۆتكەن ئۇسۇللار بويىچە قوشىۋالغان بولسىڭىز بولدى، قوشمىغانلارغا دەۋاتىمەن. بۇ يازمىغا كىرىپ بۇ مەنبەنى قانداق قوشۇشنى ۋە Cydia ھەققىدىكى بەزى ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز. قوشۇپ بولغان بولسىڭىز ئىزدەيدىغان جايغا iProtect دەپلا يېزىڭ. ئىزدەپ تاپقاندىن كىيىن Cydia رىڭىز خەنزۇچە بولسا 安装-确认 ئېنگلىزچە بولسا Install – Confirm دىگەن تەرتىپ بويىچە بېسىپ قاچىلىۋەتسىڭىز بولىدۇ. ئەمەلىي قاچىلاش ئۇسۇلى ۋە قاچىلىغاندىن كىيىنكى ئۈنۈمنى كۆرەي دېسىڭىز سىنغا مەرھەمەت!

نېمە؟ نېمە دېدىڭىز؟ راس دەيسىز. ئەگەر بۇ خالىغان ئەپلەرنى ئۆزىمىز تەڭشەپ قويۇپ، بىۋاستە يوشۇرالايدىغان كۆرۈنمەس قىلىۋېتەلەيدىغان بولسا ئىدى… ئۇ چاغدا تېخىمۇ مۇكەممەل بوپ كېتەتتى… ئىشىنىڭكى، ئىنشا ئاللاھ مۇشۇنداق نەرسىنى تاپقان چاغدا ئەڭ تېز سۈرئەتتە سىزلەر بىلەن ئورتاقلىشىمەن!

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



21 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ 10 يۈەنلىك كەسپىنى ئاچقۇزغانلار Cydia دىن بىرەر نەرسە چۈشۈرسە ئېقىم مىقدارى قانچلىك يىتەر .

    • 10 يۈەنلىك كەسىپ مانچىلىك يىتىدۇ دەپ ئىنىق بىر نەرسە دىگىلى بولمايدۇ. ئۆزۈڭلار 10086 غا تىلفۇن قىلىپ قانچە مىگابايت ئىكەنلىكىنى بىلىۋىلىپ، ئاندىن 设置-已用时间 نىڭ ئىچىدىن ئاستىغىراق سۈرسەڭلار 蜂窝网络数据 دەپ 发送 ۋە 接受 دەپ ئىككى جايدا ئىقىم مىقدارىنى ھىساپلاپ بىرىدىغان جايى بار. شۇ جايغا قاراپ قويۇپراق ئىشلەتسەڭلار بولىدۇ. بۇنى ھەر ئاينىڭ بىشىدا 还原统计数据 نى بىسىپ 0 گە ئەكىلىۋىلىپ شۇ ئاي ئىچىدە مۇشۇ ئىقىم مىقدارىغا قاراپ ئىشلەتسەڭلار بولىدۇ. بۇ GPRS ئارقىلىق تورغا چىققان چاغدىكى ئىقىم مىقدارىنى مەخسۇس ھىساپلايدىغان جاي

  2. بۇ 10 يۈەنلىك دىگەن قانداق كەسىپنى كۆزدە تۇتىدۇ؟ :oh,no:
    ئادەتتە بىر نەرسە چۈشۈرگەندە ئامال بار ۋاي فايدىن پايدىلىنىپ ياكى كومپىيۇتېرغا ئۇلاپ چۈشۈرسە ياخشى بولامدىكىن دەيمەن. مەن ۋاي فاي يوق چاغدا چۈشۈرسەم يېرىم كۈنگىچە چۈشۈپ بولالمايدۇ… :!:

  3. ھەقىقەتەن ئادەمگە ئەسقاتىدىغان نەرسە ئىكەن بۇ :evil:
    بەزى تونۇمايدىغان كىشىلەر خۇددى ئۆزىنىڭ تىلفۇنىنى كۆرگەندەك قولىغا ئېلىپ ھەممە يەرلىرىنى كۆرۈپ ، تەكشۈرۈپ كېتىدىكەن ، شۇنداق ۋاقىتلاردا ئادەمنىڭ بەكلا ئىچىم پۇشۇپ كېتىدىكەن .
    ماۋۇ نەرسە ئەمدى ئەسقاتقۇدەك . :lol:
    پاسىبان ئەپەندىنىڭ ئەجىرىگە كۆپ رەھمەت.

    تۈرمىدىن قاچۇرغانمۇ؟ ئۇنداقتا ئايفوننى ئىسراپ قىلماڭ (6)(فىلىملىك) نى ساقلايمىز ئەمسە :lol:

  4. GRPS كەسپىنى كۆزدە تۇتىدۇ. تەخمىنەن 30 مىگابايت ياكى 50 مىگابايت بولسا كىرەك.
    ————————
    ماۋۇ e كونۇپكىسى بۇزۇقكەن، ھەجەپ لازىم بولدى بۈگۈن :oh,no:

  5. يازمىڭىزنىڭ ئاخىرىدا تۆگە مىنىۋېلىپ تۆگە ئىزدىگەندەك بىر گەپ قىپسىز پاسىبان ئەپەندى. SBsettings نى سىز بىزگە تونۇشتۇرغان. شۇنىڭ AirplaneSBSettings دەيدىغان تۈرى بار. شۇ قاچىلانغان بولسا كونترول يۈزىدىكى More نى چەكسىڭىز بىر تىزىملىك ئېچىلىدۇ. تەڭشەك تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ. System Options نىڭ ئاستىدىكى Hide Icons نى باسسىڭىزلا قاچىلانغان بارلىق ئەپلەر كۆرۈنىدۇ. خالىغاننى ئېتىۋەتسىڭىزلا يوشۇرىلىدۇ (ئىكراندا كۆرۈنمەيدۇ). ئىنتايىن ئاسان.

    • مۇنداق دەڭ. بىر نەرسىنى ئۆگىتىپ قويدىڭىز! بۇ يېرى بىلەن ھەپىلىشىپ باقمىغانكەنمەن. رەھمەت سىزگە.
      لېكىن مەن تېخى SBSettings نى تونۇشتۇرغان بۇ يازمىنى ئېلان قىلمىغان ئېدىم، سىز يوۋكۇدىن كۆرگەنمىدىڭىز؟

  6. كەچۈرۈڭ، ئۇنداقتا مەن نەزەرىنىڭ يازمىلىرىدىن ياكى خالاستاندىن كۆرگەن بولسام كېرەك. بىراق ئۇنىڭدىمۇ باياقى ئىقتىدارنى تونۇشتۇرمىغان. ئۆزۈمنىڭ ئاشۇنداق توختىماي ھەپىلىشىپ ئۈجۈر- بۈجۈرىغىچە ئاقتۇرىدىغان ئادىتىم بار. :o))): ئاشۇنداق قىلىپ تاپقان. تەڭشەك تۈرىدە يەنە خېلى كاتتا ئىقتىدارلىرى باركەن. مەخسۇس بىر تېما قىلىپ يوللاپ قويسام بولغۇدەك.

    • بۇ يازمىلارنى 27-چىسلا يازغان ئېدىم. سەپەردە بولغانلىقىم ئۈچۈن ئاۋال يېزىۋېلىپ كۈنتەرتىپكە قويۇپ قويغان. ئالدىنقى تېمىدىكى سىننىڭ ئاخىرىدا بەلكى SBSettings توغرىسىدىكى بۇ سىن تەۋسىيە قىلغىنغانلار قاتارىدا چىققان بولسا كۆرگەنمىكىن دەپتىمەن.  

    • مەن بۇ ئەپنى قاچىلىغىلى 1 ئايدىن ئېشىپتۇ ! لېكىن بۇيېرى بىلەن ئېتىشىپ باقماپتىكەنمە!! مۇشۇنداق بىر نەرسە لازىم بوپ تۇراتتى،،، رەھمەت ….

  7. ياخشى ئەپكەن ..10 يۇئەنگە 70مىگابايت ئىقىم مىقدارى بىرىدۇ … يىتىدۇ دەپ بىرنەسە دىيەلمەيمەن … ئۇنىڭدىن يۇقىرىلىرى بار …

  8. شۇنداق قىلىپ نەلەرگە سەپەر قىپ كەلدۇق؟ مەن سەپەر قىلماي بەك ئىچىم پۇشتى دىسە يېقىنچىدا :right: ھاۋا بەك ياخشىدۇ ھازىر يۇرتۇڭلادا ھە مۇشۇ ۋاقىتتا؟

    • يۇرتقا قايتىپ قىممەتلىك تەتىلىمنى ئۆتكۈزىۋاتىمەن. ھاۋاسىنىڭ گۈزەللىكىدىن قېنىپ-قېنىپ نەپەس ئېلىۋالدىم سەھەردە. بۇ خىل ھېسياتنى ئۆزلىرى بىلىلا… تۈتۈننىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلىدۇ، دەپ…

  9. :cry2: tgتەتىل دىگىنىڭلا vacation مۇ؟ مەنمۇ بەك سېغىندىم ئۆيدىكىلەرنى.خۇدا بۇيرۇسا ئاز قالدى بېرىپ كۆرۈپ كېلىدىغانغا. يۇرتنىڭ ھاۋاسىغا يېتىدىغان ھىچنىمە يوق :cry:

  10. بۇ يەردىمىغۇ كۈندە تەتىل :cry2: لېكىن يۇرتتا قىلغان تەتىلگە يەتمەيدىكەن ھىچنىمە.

    • يۇرتنىڭ تەتىلىگە يىتىدىغان تەتىل نەدە بار …باشقا يەنىڭ تەتىلى يۇرتتىكى ئوقۇغ ۋاقتىغىمۇ يەتمەيدۇ …

  11. ماركىسى ئالما 4 – ئەۋلات ، 1. سۆزلىشىشنى ئۈنگە ئېلىش دېتالى ، 2. ۋاقىت توغۇرلاپ تېلفۇننى ئېتىش ۋە ئېچىش ، 3. چ چ دا باشقىلار ئەۋەتكەن رەسىمنى قۇبۇل قىلغىلى بولمايدىكەن . تېلفۇن ئىتىك ھالەتتە ، بىز توغۇرلاپ قويغان سائەت ۋاقتى توشقاندىمۇ سايرىمايدىكەن ، بۇلۇپمۇ ئەتىگىنى ئىشقا باردىغان چاغدا ؟‹‹‹ بۇنىڭدا چۇقۇم تېلفۇننى ئۇچۇق قۇيشىمىز كېرەكمۇ ؟ ياكى قايسى دېتالنى قاچىلساق بۇلىدۇ ؟؟؟؟؟؟ ياردىمىڭلارنى كۈتىمەن .

    • ئايفوننىڭ سۆزلىشىۋاتقاندا ئاۋازغا ئېلىش ئىقتىدارىنى نۇرغۇن كىشىلەر سورىشىدۇ. لېكىن بۇ نەرسە يوق ئىكەن. ئېيتىلىشىچە بۇ قانۇن جەھەتتىن مەسىلە كۆرىلىدىغان بولغاچقا بۇنداق نەرسە ياسالماسمىش. QQ نىڭ 2011 نۇسقىسىنى قاچىلاپ بېقىڭ. /iphone-qq-2011.html

    • ئايفوننى باشقا تېلىفۇنلارغا ئوخشاش تولا ئۆچۈرۈپ ئېچىپ يۈرمەيمىز. 1 ئايدا بىرەر قېتىم قايتا قوزغاتساق ياكى ئۆچۈرۈپ ياقساق بولدى. بۇنداقتا سېستىمىنى ئاسراپ ئىشلىتىشكە پايدىلىق. چاتاق چىقمىغان ئەھۋالدا ئوچۇق ھالەتتىلا ئىشلەتسەك بولىدۇ. تەۋسىيەرىم، ئەگەر سىز ماي تىجەش ئۈچۈن ئۆچۈرمەكچى بولسىڭىز ئۆچۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق. مۇنداق قىلىپ ماي تىجەڭ:
      1. ئورۇن بەلگىلەش ئىقتىدارىنى تاقاپ قويۇڭ.
      2. يورۇقلۇقنى تۆۋەن قىلىپ تەڭشەڭ.
      3. WiFi نى ئېتىپ قويۇڭ.
      4. كۆكچىشنى ئېتىپ قويۇڭ.
      5. PUSH يەنى 通知 نى تاقاپ قويۇڭ.
      6. ئارقا سۇپىدا ئىجرا بولىۋاتقان ھەممە ئەپلەرنى ئۆچۈرۈڭ. (Home كونۇپكىسىنى 2 باسسىڭىز كۆرەلەيسىز. ئەپ لوگوسى ئۈستىگە 2 سېكونت بېسىپ تۇرسىڭىز قىزىق كونۇپكا پەيدا بولىدۇ، شۇنى بېسىپ ئارقا سۇپىدىن ئۆچىرىۋېتىسىز.)
      7.ئەگەر تېلىفۇننى تاقاپ قويسىڭىزمۇ بولىدىغان بولسا 飞行模式 نى ئېچىپ قويۇڭ.
      مۇشۇنداق قىلسىڭىز مېيىڭىز ئۇزاق يېتىدۇ. مېنىڭ ھازىر تېلىفۇنلىرىم كۆپ بولسىمۇ 2 كۈن يېتىدۇ. ئايفوننىڭ باتارىيەسى ھەقىقەتەن پەچەت. شۇڭا ئۇنى باشقا تېلىفۇنلارغا ئوخشاش چىقىرىپ-سېلىپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق. مەسىلە پەقەت قانداق ئىشلىتىشنى بىلىشتە.

  12. رەھمەت سىزگە بىلىۋالدىم ، چ چ 2001 دىمۇ بولمايدىكەنىۇ ؟ تېخى باشقىلار يازغان خەت ئاسان كەلمەيدىكەن ، چ چ دىن چىكىتىپ قايتا كىرگەندە ئاندىن كىلۋاتىدۇ ، باشقىلار ئەۋەتكەن رەسىملەرنى قۇبۇل قىلغىلى بولمىدى ، كۆرۈنمىدى ، يەنە بىر ئىش ، بەزى تور بەتتىكى سۈرەتلىك ناخشىلارنى كۆرگىلى بۇلىدۇ ، لېكىن ئۇيغۇرچە تور بەتتىكى سۈرەتلىك ناخشا ، ئىتوت دىگەندەكلەرنىڭ ئىش قايسىسى چىقمايدىغۇ ؟ ئۇيغۇرچە تور بەتتىكى سۈرەتلىك ناخشا ، كىنو ، ئىتوتلارنى بىۋاستە تېلفۇندا كۆرگىلى بولمامدا ؟ ئالما 4 – ئەۋلاتتا . ئاندىن بۇ تېلفۇندا رادىئو چىقمامدا ؟ ئۇيغۇرچە رادىئو دىمەكچى ، قايسى دىتالنى قاچىلايمىز ؟؟ يەنە بىر ئىش ماڭا سۆزلىشىشنى ئۈنگە ئېلىش دېتالى بەكلا لازىم ئىدى ، ئەجابا تاپقىلى بولماسمۇ ؟ يەنە بىر ئىش ، 凯立德导航 بىلەن 高德导航 دىن قايسىسى ياخشى ، قايسىسىنى قاچىلسام بۇلار ؟ مەسلىھەت بەرسەڭلار ؟ ئاۋارە قىلدىم ، بۇلۇپمۇ توردىكى سۈرەتلىك فىلىم چىقمىدى ؟ چ چ 1029616220 ، مەن تېخى بۇ تېلفۇننى ئالغىلى 1 ئاي بولغان شۇڭا ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ ھە راس تۇرمىدىن قېچىپ بولغان ، تىپى ئالما 4 0 ئەۋلات 4.3.3 ئىكەن . سىلەرنىڭ مەسلىھەتىڭلارنى كۈتىمەن .

  13. چ چ 2011 دە دىمەكچى .باشقىلار ئەۋەتكەن رەسىمنى قۇبۇل قىلغىلى بولمايدىىغۇ ؟ تىپى ئالما 4 -ئەۋلات 4.3.3 ، بەزى خەتلەر خاتا بېسىلىپ قاپتۇ ، كەچۈرسىلا ؟ 凯立德电子狗 بۇ 软件 بۇلامدۇ ، دىمەكچى قاچىلسام ئىشلىتىش ئەپلىكمۇ ؟ ياكى 凯立德导航 نى قاچىلساملا كۇپايىمۇ ؟ لېكىن سىغىمى سەل چوڭكەن ، يەنە بىر ئىش 移动 卡 تېلغۇندا سۈرەتلىك پاراڭلاشقىلى بولمامدا ؟ ياكى بۇ كەسىپ تېغى ئېچىلمىدىمۇ ؟

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش