مۇشۇ تېمىدىكى بىر قاتار يازمىلارنى كۆپچىلىك قىزغىنلىق بىلەن كۆرىۋاتىدۇ. سىلەرگە پايدىسى ئوبدان تەگكەن بولسا مېنىڭمۇ ھاردۇقۇم چىقىدۇ، ئەلۋەتتە. ئالدىنقى تېمىدىكى بىرقانچە ئەپلەر چوقۇم سىلەرگە ياقتى، شۇنداقمۇ؟ بۈگۈنكىسى ئۇلاردىنمۇ ئىسىل! ھەقىقەتەن پەچەت ئەپ! چۈنكى بۇ - راستىنلا پەچەت ئەپ!

قىستۇرما رەسىمگە قاراپ نېمىنى بايقىغاندەك قىلىسىز؟ بۇ ئايكونلار نېمىشقا بۇنچە قالايمىقاندۇ دەپ ئويلاۋاتىسىزغۇ دەيمەن؟ بۇنى قۇرۇق 2~3 پارچە رەسىم بىلەن چۈشەندۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى رەسىم بۇنى جانلىق چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن سىن كېرەك! ئۇنداقتا تۆۋەندىكى سىنغا مەرھەمەت!

يۇقارقى سىننى كۆرۈپ ئېنىق بىلەلىدىڭىزمۇ؟ ئەگەر ئېنىق كۆرەلمىگەن بولسىڭىز تور سۈرئىتىڭىز يار بەرسە ئاستى تەرەپتىن سۈزۈكلۈك دەرىجىسىنى 超清 غا توغرىلاپ كۆرۈڭ. ناھايىتى ئوچۇق كۆرىنىدۇ. ئەگەر كۆرەلمىگەن بولسىڭىز ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددىي.

Cydia نى ئېچىپ 威锋网 نىڭ مەنبەسىنى ئالدىنقى تېمىلاردىكى ئۇسۇل بىلەن، ياكى Cydia ھەققىدە چۈشەنچە دېگەن يازمىدىكى ئۇسۇل بىلەن قوشۇڭ. قوشۇپ بولغاندىن كىيىن ئىزدەيدىغان جايغا GraviBoard دەپ يېزىڭ. 2 دانە نەتىجە تېپىشى مۇمكىن. بىرسى Cydia Store دىكى نەتىجىسى. بۇ كۆك رەڭلىك بولۇپ، ھەقلىق . يەنە بىرى ئاق رەڭلىك بولۇپ، 威锋网 نىڭ مەنبەسىگە باشقىلار يېشىۋەتكەندىن كىيىن يوللاپ قويغان. بىز ھازىرچە ھەقسىزىنى ئىشلىتىپ تۇرايلى. ئۇنداقتا ئاستىدىكىسىنى تاللاپ قاچىلاڭ. قايتا قوزغىتىڭدە قاچىلاش تاماملانسۇن.

ئەمدى تەڭشەش تىزىملىكى 设置 نىڭ ئىچىگە قاراڭ. GraviBoard ۋە Activator دېگەن ئىككى دانە نەرسىنىڭ قوشۇلغانلىقىنى كۆرىسىز. Activator نى بۇ بىللە قاچىلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن. سىز ئۆزىڭىز بايا ئىزدىگەن GraviBoard نىڭ ئىچىنى ئېچىپ ئەڭ ئۈستىدىن قانداق قىلغاندا يۇقارقى ئۈنۈمنى قوزغىتىدىغانلىقىنى تاللاپ بېرىڭ. ئاستىدا بىر ئىككى خىل تاللاش تۈرلىرى باركەن. مەن ھەرخىل قىلىپ تەڭشەپ بېقىپ ئاخىرى يۇقارقى سىندىكىدەك ھالەتكە ئەكىلىپ تەڭشىۋالدىم. ئۆزىڭىزنىڭ خالىغىنى بويىچە تەڭشەپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. قوزغىتىش ئۈچۈن يۇقىرىدا تاللاپ قويغان مەشغۇلاتنى قىلىڭ. كىيىنكى قەدەم ھوزۇرلىنىش باسقۇچى! قېنى ئەمىسە!

* سىنغا Close on Home Button نى ئوقۇغاندا جىجىدا ئۇيغۇرچىلا ئوقۇپ قويۇپتىمەن. ئەيپكە بۇيرىمىغايسىلەر~

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



10 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. ئاللا ئشلىرىڭزغا بەركەت ئاتاقىلسۇن :good: :good: ھەقىقەتەن پەچەت ئكەن :good: :good:

  2. رەھمەت… :rose: جاپا تارتىپسىز :rose: :rose:

  3. ئەجرىڭىزگە تەشەككۇر،يىقندىن ياقى كوپ جاپا تارتىۋاتىسىز جۇمۇ، مىنىڭ بىر سۇئالىم باتى،مەن Barrel نى قاچىلىدىم ،لىكىن 设置نىڭ .ئىچىدە تەڭشەكلىرى يوق… :cry2: مانا بۇ قىتىمقېنىمۇ قاچىلىدىم لىكىن 设置نىڭ ئىچىدىن ئەسەر يوك…

    • تۈرمىدىن مۇكەممەل قاچمىغان ئوخشايدۇ. ھازىرقى نەشىرىڭىزنىڭ قاچىلاش بولىقىنى (قۇيرۇقنامى IPSW بولغان ھۆججەت) قايتىدىن چۈشۈرۈپ ئەڭ يېڭى ئۇسۇل بويىچە تۈرمىدىن قاچۇرۇپ سىناپ بېقىڭ. iTunes نىڭ ۋاستىسىسىز redsnow ئارقىلىق قاچۇرسىڭىز ئۇچۇرلىرىڭىز يۇيۇلۇپ كەتمەيدۇ. لېكىن شۇنداقتىمۇ ئاۋال زاپاسلىۋېلىڭ.

  4. پاسىبان ئەپەندى ، ئەجىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر :cute:
    يەنە بىر بېلىم ئۈگۈنىۋالدۇق-دە.

  5. مىنىڭ يانفۇنۇم تىخى تۈرمىدىن قاچۈرۈلمىغان.ئەگەر تۈرمىدىن قاچۇرماقچى بولسام قايسى مەشخۇلاتلارنى قىلىشىم كىرەك.نورمال ئىشلىتىشىمگە تەسىر كۆرسىتەمدۇ يوق.چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز؟
    چ چ : 99655266
    سىزنىڭ يانفۇنىڭىزنى كۆرۈپ كۆزلىرىم پاقىراپ نەپىسىم سەل تىزلىشىپ قالدى جۇما :o))):

    • سىزنىڭ ئايفونىڭىزنى سېستىما نەشىرى قانچە ئېدى؟ بلوگىمىزدا تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ نۆۋەتتە 4.3.2 ۋە 4.3.2 نەشىرىنىڭ دەرسىلىكى بار. بۇ 4.3.2 نىڭ
      /201104201530.html
      بۇ 4.3.1 نىڭ
      /201104051508.html
      ئەڭ يېڭى نەشىرى 4.3.3 ئۈچۈن RedSnow نىڭ RC17 نەشىرىنى بۇ ئادرىستىن چۈشۈرۈپ قاچۇرسىڭىز بولىدۇ. قاچۇرۇش ئۇسۇلى ئۈستىدىكىلىرى بىلەن ئوخشاش.
      http://u.115.com/file/dn4iejp4

  6. ۋىيىىىىىىىىىىىىىىىىىى بۇ پەقەت سىدىيا بىلەنلا ئەمەلگە ئاشىدىغان ئىشكىنە. ھازىر كۆرۈپ ئەپول ماگىزىندىن سېرچ قىلسام نەدىكى بىرمىلەر چىقىۋاتىدۇ :-o ئاچچىقىم كەلسە تۈرمىدىن قاچىمەن :left: جىق نەرسىلەردىن قۇرۇق قالىدىكەنمەن :cry2:

  7. 移不动,联不通 :o))): لول بەكمۇ قىزىقچى بوپ كېتىپسىلەر لېكىن …مارس دىگىنىڭلارچۇ تېخى :lol:
    مەن پەندورا قويۇۋالايمىكىن :kungfu:

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش