搜狗拼音输入法 نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ ئېسىل ۋە ئەڭ كەڭ تارقالغان خەنزۇچە پىنيىن كىرگۈزگۈچ. بۇ كىرگۈزگۈچنىڭ ھازىر Symbian ۋە Android تېلىفونلىرىدىكى كىرگۈزگۈچلىرىمۇ ئابونتلارنىڭ سۆيۈپ ئىشلىتىشىگە مۇيەسسەر بولغان. نۆۋەتتە بۇ كىرگۈزگۈچ App Store غا چىقىپتۇدەك!
MP4 نى ئالما مەھسۇلاتلىرى ئوبدان قوللاپ قويىدۇ. QuickTime نىڭ يەنە بىر پەچەت قوللايدىغان فورماتى بۇ. MP4 نىڭ سۈزۈكلىكى يۇقىرى، سىغىمى كىچىك بولۇشتەك ئالاھېدىلىك بىلەن كۆپ قىسىم يۆتكىلىشچان ئۈسكۈنىلەردە راۋان قويغىلى بولىۋېرىدۇ. بۇ ئالماشتۇرغۇچ بىزگە MP4 فورماتىدىكى سىن بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
ئىلگىرى بېيجىڭدا جاڭ فامىلىلىك موماينىڭ يولدا كېتىۋېتىپ پۇتىنى قايرىۋېلىپ پارتىيىنىڭ غەمخورلۇقىدا تېزدىن ساقىيىپ كەتكەنلىكىنى، لېكىن ئامېرىكى براۋن خانىمنىڭ ئوخشاش بىر ۋەقەدە يول ياساش تارماقلىرى ۋە ھۆكۈمەت ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ نەچچە يۈزمىڭ دوللار تۆلەم تۆلەتكۈزگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم. بۈگۈن بۇ كۈن ئالمىنىڭ بېشىغا كەپتۇ.
تېمىدىن ۋە رەسىمدىن كۆرۈپلا بىلگەنسىلەر ھەقاچان؟ بۇ ئەپنىڭ ئىچىدە 120 خىل كىچىك قوراللار بار ئىكەن. ئەسلى باھاسى 0.99 دوللار / 6 يۈەنلىك ئەپ بۈگۈن ھەقسىز ئىكەن. كىچىك قوراللار ھەقسىز لازىم بولغانلارغا توپ تارقىتىمىز ئەمىسە!
ئالدىنقى ھەپتىلىرى شۇنچە پەچەت ئەپلەر بار ئىدى. چۈشۈرەي دېسەم كومپىيۇتېرىمدىكى iTunes Store سائەتلەپ تۇرۇپ كېتىدۇ، لېكىن ئۇلانمايدۇ. ئاخىرىدا قىستۇرما رەسىمدىكىدەك بىر خىل خاتالىق ئۇچۇرلىرى چىقىۋېلىپ گۆشىرىپ تۇرىدۇ. كۆپ ھەپىلىشىپ كەتتىم، ئاخىرى بۇ ئامالنى تېپىپ ئوڭشىۋالدىم.
يېڭى iPad ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن، جامائەتچىلىك ئۇنىڭ Retina ئېكرانىنىڭ قانچىلىك سۈزۈكلىكى، كامېراسىنىڭ قانچىلىك ئېنىقلىقى، ياكى CPU سەۋەبلىك قايسىدۇر بىر ئويۇننىڭ ئىجرا بولىشىنىڭ دەھشەت ياخشىلىقى ئۈستىدە ئويلىنىش ئەمەس، كۆپرەكى iPad 2 نى The New iPad كە ئالماشتۇرۇش كېرەكمۇ يوق، شۇ توغرىسىدا ئىككىلىنىپ قېلىشتى.
iPhone 4 تىن باشلاپ رەسىمگە تارتىدىغان جايدا HDR دەپ بىر نەرسە پەيدا بولغان. بۇنى بەزىلەر نېمىگە ئىشلەيدىكىن دەپمۇ قېلىشقان. بەزىلەر مېنىڭچە بۇ ئىقتىدارىنى ئېچىپ قويۇپمۇ ئۈنىمىنى كۆرۈپ كېتەلمىگەن بولسا كېرەك. بۇ ئەپنى تونۇشتۇرۇشتىن بۇرۇن HDR نىڭ نېمىلىكىگە ئاۋال بىر ئېنىقلىما بېرىۋىتەيلى.
كلاسسىك ئويۇن Super Mario غا تەقلىد قىلىنغان ئويۇن Lep’s World Plus (ئايفون ئۈچۈن، تولۇق نۇسقىسى) ۋە Lep’s World HD Plus (ئايپەد ئۈچۈن، تولۇق نۇسقىسى) ۋاقىتلىق ھەقسىز! بۇندىن بۇرۇن بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز نۇسقىسىمۇ بارئىدى، لېكىن ئۇنىڭدا پەقەت ئالدىنقى تۆت مەيداننىلا سىناپ ئويناپ باققىلى بولاتتى، بۇ تولۇق نۇسقىسىدا 36 مەيدان بار بولۇپ، App Store دا سېتىلىش باھاسى 6 يۈەن ئېدى. ھازىر ۋاقىتلىق ھەقسىزكەن. بۇ ئويۇننى ئويناپ كۆرگەنلا ئادەم چوقۇم ياقتۇرۇپ قالىدۇ. سىزمۇ دەرھال ھەرىكەتلىنىپ چۈشۈرىۋېلىڭ!
يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار