iPhone، iPod Touch، iPad قاتارلىق ئالما مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتكۈچىلەر ئۈسكۈنەڭلارنىڭ FaceTime دەيدىغان بىر جايىغا دىققەت قىلغان بولىشىڭلار مۇمكىن. بۇنىڭ نېمىلىكىنى، قانداق ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟
ئېنىقلىما
FaceTime بولسا ئالما شىركىتىنىڭ تەتقىق قىلىپ ياسىغان، نۆۋەتتە پۇقرالار ئىشلىتەلەيدىغان دۇنيا مىقياسىدىكى ھەرقانداق سۈرەتلىك پاراڭلىشىش دېتالى ئىچىدىكى ئەڭ سۈزۈك، ئەڭ ئوچۇق بولغان سۈرەتلىك پاراڭلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان نەرسىدىن ئىبارەت.
ئىجرا مۇھىتى
FaceTime غا ئېنىقلىما بېرىلگەندىن كىيىن ئۇنىڭ نېمىلىكىنى بىلدۇق. ئۇنداقتا بۇ نەرسە قايسى ئۈسكۈنىلەردە ئىشلەيدۇ؟ نۆۋەتتە iPhone 4, iPod Touch 4, iPad 1 , 2 ۋە ھەرقايسى Mac كومپىيۇتېرلىرى دېگەندەك ئۈسكۈنىلەر ئارا FaceTime ئارقىلىق سۈرەتلىك پاراڭلاشقىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، تېلىفون كارتىسى بولىشى شەرت ئەمەس. شەرت نەرسە – WiFi دۇر.
FaceTime نى نۆۋەتتىكى بىزدەك ئاددىي پۇقرالار ئىشلىتەلەيدىغان ئەڭ سۈزۈك پاراڭلىشىش دېتالى دەپ ئېيتتۇق. ئۇنداقتا بۇ زادى قانچىلىك سۈزۈك؟ بۇنى سىناش ئۈچۈن ئوخشاش تور مۇھىتىدا ھەرخىل سۈرەتلىك پاراڭلىشىش دېتاللىرىنى ئىشلىتىپ ئاندىن باھا بېرىش كېرەك. بۇ ئەلۋەتتە مۇشۇنداق سىناشتىن كىيىن بېرىلگەن باھا. ئۈسكۈنىمىزنىڭ ئالدى-كەينىدىكى كامېرا ئارقىلىق (iPhone4، iPad كە قارىتىلغان) قارشى تەرەپ بىلەن ناھايىتى راۋان، سۈزۈك، ئوچۇق سۈرەتلىك پاراڭلىشالايمىز.
FaceTime نى ئاكتىپلاش
بۇنىڭ ئۈچۈن iPhone 4 نى مىسالغا ئالايلى. بۇمۇ خۇددى تېلىفون ئۇرغاندەكلا ئاددى مەشغۇلات بىلەن بېجىرىلىدۇ. لېكىن ئاۋال FaceTime نى ئاكتىپلاشقا توغرا كېلىدۇ. سېستىما دەسلەپتە قاچىلانغاندىن كىيىن 设置 نىڭ ئىچىدىكى 电话 دېگەن تىزىملىك ئىچىگە كىرسەك ئۈستى تەرەپتە تېلىفون نومۇرىمىز، ئۇنىڭ ئاستىدا FaceTime دېگەن بىر جاينىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرىمىز. ئاستىدىكى FaceTime نى ئېچىپ قويساق ئاكتىپلىغان بولىمىز.
ئەسكەرتىش:
ئەڭ دەسلەپتە ئاكتىپلىغاندا تېلىفونىمىز ئاپتۇماتىك ھالدا ئالمىنىڭ مۇلازىمېتىرىغا قارىتا خەلقئارالىق ئۇچۇردىن بىرنى يوللايدۇ. بۇ ئاكتىپلاشتىكى چوقۇم بېسىپ ئۆتىدىغان باسقۇچ. شۇڭا تېلىفونىمىزنىڭ پۇلى تۈگىمىگەن، شۇنداقلا خەلقئارالىق ئۇچۇر يوللىيالايدىغان ھالەتتە بولىشى شەرت. بۇ پۇلنى تېلىگراف شىركىتى (سىز تەۋە بولغان تېلىفون شىركىتى) تۇتىۋالىدۇ. ئادەتتە 1 تال ئۇچۇر 1 يۈەن. بۇ پۇلنىڭ تېلىگراف شىركىتى تەرىپىدىن تۇتىۋېلىنىدىغانلىقىنى iPhoneمۇ ئەسكەرتىدۇ. ھەممىسى جايىدا بولسا ئادەتتە بىر ئاز ساقلىغاندىن كىيىن (بەزىدە بۇنى نەچچە سائەتلەپ، ھەتتا 1~2 كۈنلەپ ساقلىشىمىز مۇمكىن) بۇ ئۆزى ئاپتۇماتىك ئاكتىپلىنىدۇ. شۇڭا بۇنىڭغا قاراپ ئولتۇرماي ئېچىپ قويۇپ ئىشىمىزنى قىلىۋەرسەك بولغىنى.
ئېچىپ قويغاندىن كىيىن FaceTime دېگەن تىزىملىك ئاستىدا بۇ خەت كۆرۈنسە نورمال ئاكتىپلانغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ (ئەگەر بۇ خەت كۆرۈنۈپمۇ FaceTime ئىشلىمىسە يەنە بىر ئاز ساقلاپ بېقىڭ) :
您的电话号码将共享与您进行FaceTime通话的人
FaceTime ئاككونتى – FaceTime ID
FaceTime دېگەن بۇ تاللاش تۈرىنىڭ ئۈستى تەرىپىدە بىزنىڭ تېلىفون نومىرىمىزنىڭ بولىشىدىكى يەنە بىر سەۋەب بولسا، بىزنىڭ FaceTime ئاككونتىمىز دەل بىزنىڭ تېلىفون نومىرىمىزدۇر. ئۈستىدىكى بۇ خەنزۇچە خەت دەل مۇشۇ مەنانى چۈشەندۈرىدۇ. يەنى بىز باشقىلار بىلەن FaceTime ئارقىلىق پاراڭلاشساق ئۆزىمىزنىڭ ئاشۇ نومۇرىمىز ئارقىلىق چاقىرىمىز. شۇڭا قارشى تەرەپ بىز بىلەن FaceTime ئارقىلىق پاراڭلاشقاندىن كىيىن تېلىفون نومۇرىمىزنى بىلىۋالىدۇ دېگەن گەپ.
ئۇنداق بولسا iPod Touch، iPad ، Mac قاتارلىق ئۈسكىنىلەردە بىزنىڭ تېلىفون كارتىمىز بولمىسا قانداق پاراڭلىشىمىز؟ ئەمەلىيەتتە FaceTime دېگەنمۇ بىر خىل سۈرەتلىك پاراڭلىشىدىغان ئەپ. بۇنىڭدا چوقۇم FaceTime ID رىمىز (FaceTime ھېساۋات نومۇرىمىز) بولىشى كېرەك. iPhoneدا ھېساۋات نومۇرىمىز تېلىفون نومۇرىمىز دەل شۇ. چۈنكى بۇنى ئاكتىپلىغاندا سېستىمىدىن ئالمىنىڭ مۇلازىمىتىرىغا بىر تال ئۇچۇر ئېۋەتىدۇ. مۇشۇ ئۇچۇر كەلگەن تېلىفون دەل شۇنىڭ FaceTime ID سى بولىدۇ. باشقا ئۈسكۈنىلەردە ھېساۋات نومۇرى تېلىفون نومۇر شەكلىدە ئەمەس، بەلكى ئېلخەت شەكلىدە بولىدۇ. بۇ يەردە قايسى ئېلخەت ئىكەنلىكىنى بىلىپ بولدۇڭلار ھەقاچان. شۇنداق، بىز App Store دىن ئەپ سېتىۋالغاندا ئىشلىتىدىغان Apple ID بۇنىڭغا FaceTime ID ئورنىدا ئىشلەۋېرىدۇ.
iPod Touch، iPad ، Mac قاتارلىقلاردا ئېلخەت ئادرىسى ئارقىلىق FaceTime ئىشلەتكەندە ئېلخەتكە كىرىپ بىر قېتىم ئاكتىپلاشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنى ئاكتىپلاشنى شۇ ئەپ ئىچىگە كىرىپ تۇرۇپ قىلىمىز. يەنى، iPod Touch، iPad ، Mac قاتارلىقلاردا FaceTime بىر ئەپ شەكلىدە. iPhoneدا بولسا بىۋاستە تېلىفون ئۇرغاندەك ھالەتتە ئىشلەيدۇ.
FaceTime ئارقىلىق سۈرەتلىك پاراڭلىشىش
بۇنىڭدىمۇ يەنىلا iPhoneنى مىسالغا ئالايلى. سۈرەتلىك پاراڭلىشىش ئىلتىماسىنىڭ تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە ئۇسۇلى بار:
1. بىز ئاۋال تېلىفون خاتىرىسىدىن قارشى تەرەپنىڭ (قارشى تەرەپنىمۇ iPhone 4 ئىشلىتىدۇ دەپ قارايلى) تېلىفون نومۇرىنى تاپىمىز. تېلىفون دەپتىرىدىن شۇ ئىسىمنى تاپقاندىن كىيىن ئىچىگە كىرسەك ئاستىدا 4 كونۇپكا كۆرۈنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى FaceTime دېگەن كونۇپكىنى باسساقلا كۇپايە. ئەگەر شۇ كىشىنىڭ بىرقانچە نومۇرى بولسا قايسى نومۇرنى چاقىرىدىغانلىقىمىزنى يەنە بىر قېتىم تاللاپ بېرىمىز. چاقىرىشقا باشلايدۇ.
2. تېلىفون ئۇلانغاندىن كىيىن پاراڭلىشىش جەريانىدا FaceTime دېگەن كونۇپكىنى بېسىپ ئىلتىماس ئىۋەتسەك بولىدۇ.
3. ئۈسكۈنىدە سافارىنى ئېچىڭ. ئادرېس يازىدىغان جايغا مۇنداق يېزىڭ. مىسالغا 13812345678 دېگەن نومۇرنى چاقىرايلى:
facetime://13812345678 ئاندىن Enter ياكى Go نى بېسىڭ. بىر رامكا چىقىپ مۇشۇ نومۇرنى FaceTime ئارقىلىق چاقىرامسەن دەپ سورايدۇ. FaceTime نى باسساقلا چاقىرىشقا باشلايدۇ. ئەگەر قارشى تەرەپنىڭ FaceTime ID سى ئېلخەت شەكلىدە بولسا تېلىفون نومۇرىنىڭ ئورنىغا قارشى تەرەپنىڭ ئېلخەت ئادرېسىنى يازىمىز.
پاراڭلىشىش جەريانىدا ئالد-كەينىدىكى كامېرانى ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن بۇ يەرنى باسىمىز.
مەن مۇشۇلارنى بىلىدىكەنمەن. ئەگەر سىلەر يەنە باشقا ئاددى ئۇسۇللىرىنى بىلسەڭلار ئوتتۇرىغا تاشلاڭلار.
FaceTime ئىجرا بولۇشتىكى شەرت
بۇنىڭدىكى شەرت، ئەلۋەتتە سىز ھەم قارشى تەرەپ WiFi سىمسىز تورى بار ھالەتتە تورغا ئۇلانغان بولىشى كېرەك. پاراڭلىشىشقا تېلىگراف شىركىتىنىڭ SIM كارتىسى بولۇشى شەرت ئەمەس. تېلىفون كارتىمىز بولسۇن، بولمىسۇن، پۇلى تۈگەپ قالغان بولسۇن بولمىسۇن، تور مۇھىتى بولسىلا بولىۋېرىدۇ. شۇڭا سىز ھىچقانداق ئايرىم ھەق تاپشۇرماستىنلا ئىنتايىن سۈزۈك بولغان سۈرەتلىىك پاراڭلىششىتىن بەھرىمان بولالايسىز. بۇ پۈتكۈل دۇنيا خاراكتىرلىك ھەقسىز. دوستىڭىز قەيەردە بولىشىدىن قەتئىنەزەر، FaceTime سىزگە ئارىلىقنى ئىنتايىن يېقىنلاشتۇرىدۇ.
ئىچكىر چەتئەل دېمەيدۇ مۇساپىردەك ھېس قىلماس سۈرەت سۈزۈك بولسىلا
WiFi نىلا تونۇيدۇ FaceTime بار مانا مۇكەممەللىك ناتايىن
توكيو سىئۇل پاناما، دادام دېدى بۇ نېمە ئالما مىكروفۇن ئۈچۈن
يا ئىستانبۇل دېمەيدۇ. سۈزۈككىنا يو پانا ! مىليون بەردى ئاتايىن.
مۇكەممەل سۈرەتلىك پاراڭلىشىشقا سۈرەتنىڭ سۈزۈكلىكى يەتمەيدۇ
iPhone 4 نىڭ مىكروفۇنىدىن ئىككىسى بار. بىرى ئاستىدا، يەنە بىرى ئۈستى تەرەپتىكى قۇلاقلىق سالىدىغان جاينىڭ ئوڭ تەرىپىدە. ئىككى مىكروفۇن ئارقىلىق ئاۋازنى سۈزۈپ شاۋقۇن پەسەيتىش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئازايتىلىدىغان، ئاۋازنىڭ ھەقىقىيلىقى يۈكسەك دەرىجىدە ساقلىنىدىغان بۇ تېخنىكىنى بىر كىشى ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان بولۇپ، بۇ كىشىنىڭ پاتېنتىنى ئالما شىركىتى ناھايىتى يۇقىرى ھەقتە سېتىۋېلىپ iPhoneغا قوللانغان ئىكەن. مۇخبىرلار ئۈچۈن مەخسۇس ئىشلىتىدىغان ئەل سۈپەتلىك ئاۋاز ئېلىش قەلىمىنىڭ قانداق بولۇپ iPhone ياكى iPod Touch دېگەندەك ئۈسكۈنىلەرگە ئالمىشىپ كەتكەنلىكىنى ئەمدى بىلگەنسىلەر؟ قولىمىزدىكى بۇ نەرسىنىڭ مىكروفۇنى كەسپىي ئاۋاز ئېلىش خادىملىرىنىڭ مىكروفۇنىدىن قېلىشمايدۇ. مۇشۇنداق يۇقىرى ئىقتىدارلىق ئاۋاز ئۇزىتىش بىلەن ھېلىقى سۈزۈك كۆرۈنۈش بىرلىشىپ قانداق ھالەتتىكى سۈرەتلىك پاراڭلىشىش ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى ئۆزۈڭلار تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرسەڭلار بولىدۇ.
FaceTime ئاكتىپلانماسلىقتىكى بىر قىسىم سەۋەبلەر
بۇنى بەزى iPhone داشلىرىمىز ئاكتىپلىيالمىغانلىق قوزغىتالمىغانلىقىنى توردا كۆپ ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. تۆۋەندە ئۆزۈم بىلىدىغان بىر قانچە مەسىلىلەر ۋە ئۇنى ھەل قىلىش ئۇسۇللىرىنى دەپ ئۆتەي.
1. ئامېرىكا نۇسقىسىدىكى iPhoneدا ئۇچرايدىغان بىر مەسىلە بار. ئىلگىرى مەن دەل مۇشۇنداق ئەھۋالغا يولۇققان. ھەرقانچە قىلىپمۇ FaceTime نى ئاكتىپلىغىلى بولمايدۇ. گەرچە FaceTime ئوچۇق بولسىمۇ FaceTime بىلەن تېلىفون ئۇرغىلى ياكى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى (بۇ قۇلۇپى بار iPhoneغا ماس كېلىدۇ) :
سېستىمىنى يېڭى قاچىلاپ ئاكتىپلاش ۋاقتىدا AT&T نىڭ كارتىسى بىلەن ئاكتىپلىمىغاننىڭ كاشىلىسى. يەنى iTunes قا ئۇلاپ ئاكتىپلىغاندا ئۆزىمىزنىڭ كارتىسى بىلەنلا ئاكتىپلىۋالساق FaceTime ۋە PUSH نورمال ئىشلىمەيدۇ. شۇڭا بۇنى سېستىمىنى قايتا قاچىلاپ AT&T نىڭ كارتىسى بىلەن ئاكتىپلاپ ئوڭشىغىلى بولىدۇ.
2. بەزىدە SIM كارتا كونىراق نەشىردىكى كارتا بوپقالسا iPhone تولۇق تونىمىغانلىق سەۋەبىدىن بولىشىمۇ مۇمكىن. بۇنى تېلىگىراف شىركىتىگە بېرىپ يېڭى كارتىغا ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ھەل قىلىمىز.
3. ئەگەر كارتىنىڭ خەلقئارالىق ئۇچۇر يوللاش كەسپى ئېچىۋېتىلمىگەن بولسا تېلېگراف شىركىتىگە دەپ ئاچقۇزىۋېتىمىز. شۇنىڭ بىلەن ھەل بولىدۇ.
4. كارتىنىڭ ئۇچۇر يوللاش ئىقتىدارى بەزىدە قارىغۇ بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا بىز تېلىفون ئارقىلىق خالىغان باشقا نومۇرغا ئۇچۇر يوللاپ ئاندىن FaceTime نى بىر قېتىم ئۆچۈرۈپ، قايتا قوزغاتقاندىن كىيىن ئاچىمىز. بۇ چاغدا نورمال ئۇچۇر يوللاپ ئاكتىپلىيالىشى مۇمكىن.
5. كارتىنى بەزىدە بەكرەك غىدىقلاشقا توغرا كەپ قېلىشى مۇمكىن. 设置 دىكى 电话 دېگەننىڭ ئەڭ ئاستىغا قارىساق SIM 应用程序 دېگەن بىر جاينى كۆرىمىز. ئىچىگە كىرسەك تېلىفون كارتىسىنىڭ ئىچىدىكى بەزى نەرسىلەر كۆرىنىدۇ. بۇلار ئادەتتە تېلېگراف شىركىتىنىڭ نەرسىلىرى بولۇپ، قالدۇق سومما تەكشۈرۈش، رەڭلىك قوڭغۇراق دېگەندەك نەرسىلەر. مۇشۇنىڭ ئىچىدىكى بىرەر مەشغۇلاتنى قىلىپ سىناپ كۆرۈڭ (مەسىلەن قالدۇق سومما ئېنىقلاش). ئاندىن قايتىپ ئۇنىڭ جاۋابى كەلگەندىن كىيىن تېلىفوننى يەنە قايتا قوزغىتىپ FaceTime نى تاقاپ قايتا ئاچىمىز. بەلكى نورمال ئاكتىپلىنىشى مۇمكىن.
مۇشۇ ئاماللارنىڭ ھەممىسىنى توپتوغرا قىلغىنىڭىزغا كاپالەتلىك قىلسىڭىز، يەنە نورمال قوزغالمىسا ئوتتۇرىغا تاشلاڭ. يەنە بىرلىكتە ئىزدىنىمىز.
iPhone 4 تىكى FaceTime نىڭ تونۇشتۇرۇش فىلىمىنى كۆرۈپ باقايلى:
iPad تىكى FaceTime چۈشەندۈرىلىشى:
خەنچە چۈشەندۈرىلىشى :









































دىۋاندا ئولتۇرۇپ بىر ئوقۇي.
قوشاقلا بەك كەپ كېتىپتىغۇ!
پاسىبانىم كەلتۈرۈپلا جۇما!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! مەنمۇ ھازىر تېخى face time نى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى توردىن ئىزدەپ كورۇپ، تېلىفۇنۇمدا face time نى ئاكىتىپلىيالماي كوڭلۈم يېرىم بولۇپ، باسىبان بىلوگىنى ئاچسام دەل شۇ توغرىدا يازما تۇرمامدۇ، كوڭلۈم ۋاللىدە يورۇپ كەتتى دىسە
. پاسىبان ئەپەندى ئادەمنىڭ كوڭلىدىكىنى تېپىشقا بەك ئۇستا جۇما
. «ئاللا» رەھمەت قىلسۇن پاسىبان بۇرادەر.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ھەممىمىزگە رەھمەت قىلسۇن. يازمىنىڭ پايدىسى تەگكەي
بۇ ئىقتىدارى ھەقىقەتەن ياخشىكەن. FaceTime بىلەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا كورىيە ۋە ئامېرىكىدىكى دوستلىرىم بىلەن پاراڭلىشىپ باقتىم. مەيلى سۈرەت ياكى ئاۋاز بولسۇن ئۈنۈمى شۇنداق ياخشى. بولۇپمۇ كورىيەدىكى دوستۇم بىلەن خۇددى بىر يەردە ئولتۇرۇپ پاراڭلاشقاندەكلا پاراڭلاشتۇق. بەلكىم كورىيەنىڭ تور سۈرئىتىنىڭ تېز بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشىمۇ مۇمكىن.
شۇنداق. سۈزۈك چىقىش چىقماسلىقىدا تور سۈرئىتىمۇ چوڭ ئامىل. بۇنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. لېكىن ئوخشاش تور مۇھىتىدا FaceTime ئەڭ سۈزۈكى ئىكەن.
پەچچەتكەنغۇ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پاسىبان بۇرادەر سالامەت تۇرۇپسىز؟ ئاللاھ سالامەت قىلسۇن.ئامىين…. مىنىڭ ئايفۇنۇمنىڭ نەشرى4.3.3 ئىدى.دەسلەپتە سىستىما قاچىلغاندا face time نى ئاكتىپلىمىغان ئىكەنمەن(بۇررۇن بۇنداق ئىقتىدارنى بىلمىگەچ) ئەمدى بۇنى سېستىمنى قايتا قاچىلمايمۇ ئاكتىپلاشنىڭ بىرەر ئەپچىل ئۇسۇلى بارمۇ؟بۇ ھەقتە چۇشەنچە بەرسىڭىز.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئاكتىپلاش ئۇسۇلىنى ئۈستىدە دەپ بولدۇمغۇ؟ دەسلەپ قاچىلىغاندا ئاكتىپلىمىغان بولسا كىيىن ئاكتىپلىغىلى بولمايدۇ دەيدىغان ئىش يوق. ھازىرمۇ ئوخشاش. ئېچىپلا قويسىڭىز ئادەتتە ئاساسەن نورمال ئاكتىپلىنىدۇ. ئەگەر ئاكتىپلانمىسا پۈتۈن يازمىنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىڭ. ئاساسەن سۇئال سورىمىغۇدەك دەرىجىدە تەپسىلىي يازدىم. بولمىسا سىزنىڭ كارتىڭىز تەۋە تېلېگراف شىركىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ بۇ مەسىلىڭىزنى ئىنكاس قىلسىڭىز بولىدۇ. ھازىر پۈتۈن دۆلەت بويىچە مەيلى 联通 مەيلى 移动 ھەممىسىنىڭ ئايفون ئابونتلىرى ئۈچۈن مەخسۇس مەسىلە ھەل قىلىدىغان لىنىيەلىرى بار. شۇلارنى ئىزدەپ مەسىلىڭىزنى ئىنكاس قىلىڭ.
مەن يۇقارقى شەرتلەرنىڭ ھەممىسىنى ھازىرلاپتىمەن ، لېكىن ، 设置-电话-FaceTime غا كىرىپ قوزىتىش كونۇپكىسىنى باسسام 正在等待激活 دەپلا تۇرىدۇ ، ھەتتا يىرىم كۈن قويۇپ قويساممۇ يەنىلا شۇ ھالەتتە . قىسقا ئۇچۇر يوللاپ باقسام ، sim كارتىدىكى ئىقتىدارلارنى قوزغىتىپ باقسام ھەممىسى نورمال ، لېكىن ، FaceTime ئىقتىدارى زادىلا ئاكىتىپلانمايۋاتىدۇ . بىرلەشمە خەۋەرلىشىشىنىڭ iphone مەخسۇس مۇلازىمەت لېنىيسىگە تېلېفون قىلىپ سوراپ باقسام ، ئۇلار كارتىنىڭ ئۇچۇر يوللاش ئىقتىدارى نورمال بولسىلا بولۋېرىدۇ ، دەيدۇ ، يەنە iphone نىڭ رەت نومۇرى ، تۇرۇشلۇق ئورنۇم قاتارلىقلارنى تەپسىلى سورىۋىلىپ ، بىز تەكشۈرۈپ باقايلى ، بەلكىم FaceTime ئىقتىدارىنى قوزغاتقاندا قىسقا ئۇچۇر خەلقئارالىق قىسقا ئۇچۇر يوللاش ئېغىزىدىن ئۆتەلمىگەن بولۇشى مۇمكنى، دېگەن جاۋابقا ئېرىشتىم . FaceTime ئىقتىدررى تېخخچە ئاكىتىپلانمىدى ، بۇ ھەقتە مۇشۇندق ئەھۋالغا يولۇققان بۇرادەرلەر بىلەن تەجىرىبە توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلىپ باقايلى.
Cydia دىن Facebreak ياكى my3g دېگەن دېتاللارنى قاچىلىسا WiFi بولمىسىمۇ 3G تورى ئارقىلىقلا FaceTime بىلەن پاراڭلاشقىلى بولىدۇ. ئەلۋەتتە ئايفون بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ 4G تورىنىلا قوللايدۇ.
پاك تايمىنى سىز دىگەندەك توغرىلاپ باقتىم لىكىن سۆزلەشكەندە ئۆزۈمنىلا كۈرۈپ تۇرىمەن قارشى تەرەپ چىقمايدۇ. 3جى تورى ۋىفى دىن تىز ئۇلىنىدىغان شاراىتتىمۇ ۋىفى بولمىسا بولمامدىغاندۇ؟
پاك تايم ئەمەس فەيس تايم ئوقۇيمىز. WiFi بولىشى شەرت. 3G بىلەنمۇ ئۇلىنىدىغان ئۇسۇلنى ئۈستىدە توردىشىمىز ئېيتىپ ئۆتۈپتۇ.
سىزنىڭ سۈرىتىڭىز چىققىنى نورمال ئاكتىپلانغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. قارشى تەرەپ چىقمىغىنى قارشى تەرەپنىڭ ئىشى. ئۇ كىشىنىڭ ئاكتىپلانمىغان بولىشى، ياكى توردا بولماسلىقى مۇمكىن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، پاسىبان ئەپەندى، ياخشى تۇردىڭىزمۇ ؟ …
مەن يېقىندا بىر ئايفون سېتىۋالاي دېگەن ئىدىم. بىراق توردىن ھەرقانچە ئىزدەپمۇ ئايفون 4 نىڭ 8 گېگالىق نۇسخىسىنى تاپالمىدىم. ھەم بۇ نىڭ باھا ئۇچۇرىغىمۇ ئېرىشەلمىدىم. بەك قىممەت بولۇپ كەتمىسە بۇلاتتى.
يەنە بەزىلەردىن ئاڭلىسام ئايتاچ 4 نى سېتىۋېلىپ ئۇنىڭغا بىر خىل قاپ بارمىش كەيدۈردىغان، ئاشنى كەيدۈرسە ئايتاچتا تېلفۇن كارتىسى سېلىپ تېلفۇن ئۇرغىلى بولىدىكەن. بۇ راسىتمۇ ؟ ….
باھاسى مۇۋاپىقراق ئايفوندىن بىرنى تونۇشتۇرغان بولسىڭىز . باھاسى 2500 ئەتراپىدا بولسا بۇلاتتى.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئايفون 4 نىڭ 8 گېگابايتلىقى يوق. 16 ۋە 32 لىكى بار. سىز دېگەن باھاغا 3-ئەۋلادنى ئالغىلى بولىشى مۇمكىن. توردا 95% يېڭىسىنى ئالغىلى بولىشى مۇمكىن. تاۋباۋ دا بار ئىكەن. ماۋۇنى كۆرۈپ بېقىڭ.
http://item.taobao.com/item.htm?id=8065816508
لېكىن ئالىمەن دېسىڭىز 5-ئەۋلاد چىققانداق يەنە ئازراق كۈچەپ 4-سىنى ئالغىنىڭىز ياخشىمىكىن. 2-قول دېگەن يا ئۆلۈم يا كۆرۈم دەپ ئالىدىغان نەرسە. ئۆزىڭىز ئويلىنىپ كۆرۈپ بىر ئىش قىلسىڭىز بولىدۇ.
ئەجەپ ياخشى نەسىكەن بۇ !!!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! مېنىڭ تېلىفۇنۇمنىڭ( ئايفۇن 4) ۋىفى سىگىنال قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى سەل تۆۋەن، بۇ نىمە ئىشتۇ؟ باشقا ئايفۇن 3 4. بىلەن ببر يەردە قۇيۇپ سىناپ باقتىم، مېنىڭ ئايفۇنۇمنىڭ ۋىفى سىگىنالى باشقىلارنىڭڭىدىن بىر بالداقلا ئاجىز. (مېنىڭ ئامرىكا نەشرىدىكى قۇلۇپلۇق ئايفۇن 4 ، تۇرمىدىن قاچۇرۇلغان).
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بەزى ئايفونلارنىڭ سېگنالى تۇغما تۆۋەن بولۇپ چىقىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. مەن WiFi مەنبەسىدىن 8 مېتىر نېرىدا ئىشلىمەيدىغان ئايفوننىمۇ كۆرگەن. قاتتىق دېتالدىكى مەسىلە بولىشىمۇ مۇمكىن. بۇنىڭغا ئامال يوق.
مەن بۇ سۇئالىمنى ئەسلىدە ئايفۇندا يازغان ئىدىم، يېزىپ بولۇپ يوللاشنى باسسام يوللىنىش مۇۋاپىقيەتلىك بولمىغانلىق ئۇچۇرى چىققان ئىدى، شۇڭا يەنە سۆز قالدۇرۇش سەھىپىسىدە سوراپتىمەن. ئايفۇننىڭ سېستىمىسىنى قايتا قاچىلاش ئارقىلىق ۋىفى سىگىنالنى قوبۇل قىلىشنى كۈچەتيكىلى بولامۇ؟
مىنىڭكى فەيس تايم نەچچە كۈن ئېچىپ قويدۇم، كۈندە ئەتىگىنى ئېچىپ قويسام كەچكىچە يەنە ئىتىلىپ قالىدۇ شۇنداق قىلىپ 5 كۈن بولغان بىر قاراپ باقاي دەپ قارىسام يەنە ئىتىك ، ئاچچىقىمدا خەپ دەپ شۇنداقلا ئاچسام ئېچىشىمغىلا ئاكتىپلىنىۋاتىدۇ دەپمۇ چىقمايلا ئېچىلدى… ئالامەت خوش بوپ كەتتىم ھە…! لېكىن تېخى سىناپ باقمىدىم.. چۈنكى ئەتراپىمدا ئالما ئىشلىتىۋاتقانلارنى بەزىسىنىڭ فەيس تايم تېخى ئېچىلمىغان، بەزىسىنىڭ ۋاي فاي تۈگۈل 3گ تورىمۇ يوق 2گ تور ئىشلىتىپ يۈرىدۇ.. شۇڭا سىناس ئىمكانىيىتى ھازىرچە بولمىدى..
لېكىن بۇرۇن ئايپود 4 ئىشلەتكەن ۋاقتىمدا ئايچ تى سى تېلفۇنۇمنىڭ ۋاي فاي سىنى ئىشلىتىپ بىر ئاغىنەمنىڭ ئايپود 4 ئىككىسىدە فەيس تايم نى ئالما ھېساب نۇمۇرى ئارقىلىق ئۇلاپ كۆرشكەن، سۈرەت ھەم ئاۋازمۇ شۇنداق سۈزۈك ھەم راۋان چىققان ئىدى
چىققان ئىدى …
فەيس تايم نى ئىشلىتىشكە ۋاي فاي بولمىسا Cydia دىن
My3G نى چۈشۈرۈپ قاچىلىسىڭىزلا ۋاې فاي باردىكىدەكلا فەيس تايم نى نورمال ئىشلىتەلەيسىز… مەنمۇ شۇنداق ئىشلىتىۋاتىمە…
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پاسىبان بۇرادەر.سىزنىڭ‹‹FaceTime نى ئاكتىپلاش››دىگەن تېمىڭىزدىكى مۇنۇ جۇملىگە چۇشەنچە بەرسىڭىز بوپتىكەن.(سېستىمىنى يېڭى قاچىلاپ ئاكتىپلاش ۋاقتىدا AT&T نىڭ كارتىسى بىلەن ئاكتىپلىمىغاننىڭ كاشىلىسى) دەپسىز، دىمەك بۇنى ئاكتىپلاش ئۇچۇن چۇقۇم AT&T نىڭ كارتىسى بۇلىشى كېرەكمۇ؟ ئادەتتە بىز ئىشلىتىۋاتقان كوچمە خەۋەرلىشىش ۋە بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ كارتىسى بىلەن ئاكتىپلىغىلى بولامدۇ؟ ئەگەردە ئاكتىپلىغىلى بولمىساAT&T نىڭ كارتىسىنى نەدىن قانداق بىجىرمىز؟ چۇشەندۇرۇپ قويسىڭىز بوپتىكەن. مالامەت قىلدىم ، كەچۇرۇڭ.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. مەن دېگىنى ئامېرىكا نۇسقىسىدىكى قۇلۇپى بار نەشىردىكى ئايفونغا قارىتىلغان. چۈنكى ئۇ ئايفون ياسىلىشىدىلا AT&T نىڭ كارتىسىدىن باشقا كارتا چۈشمەيدىغان قىلىپ ياسالغان. شۇڭا ئاكتىپلىغاندا شۇنىڭ بىلەن ئاكتىپلىسا مۇكەممەل ئاكتىپلىنىدۇ. بولمىغاندا ئۆزىمىزنىڭ كارتىسى بىلەنمۇ ئاكتىپلىغىلى بولىدۇ. لېكىن يازمىدا ئېيتىلغاندەك بىرقانچە كاشىلا كۆرۈلىدۇ.
ئەگەر سىزنىڭ شياڭگاڭ مېلى ياكى جۇڭگو مېلى (لىيەنتونڭنىڭمۇ شۇنداق) بولسا قۇلۇپى يوق بولغانلىقتىن سىز خالىغان كارتىڭىزنى سېلىپ ئاكتىپلىسىڭىز بولىۋېرىدۇ.
ياخشىمۇ سىز پاسىبان ئەپەندىم! مىنڭ تىلفونۇمنىڭ ئىكرانى تۇرۇپ_تۇرۇپ ئىشلمەس بولۇپ قالدى.1نى باسسام 9 بىسىلپ كىتدۇ.ئۇچۇر يازماقىچى بولساممۇ شۇ ئەھۋال ..بۇنۇڭ سەۋەبى نىمىدۇ؟ سىسستمىنىڭ ئىشمۇ ياكى تىلفون ئۆزنىڭ مەسلسىمدۇ؟
بەلكى سېستىمىنىڭ ئىشىدۇ. تېلىفون ئۇرغان جايدىن باشقىسىدىمۇ مۇشۇ ئەھۋال بولسا قاتتىق دېتالنىڭ ئىشى بولىشىمۇ مۇمكىن. سېستىمىنى قايتا قاچىلاپ سىناپ بېقىڭ. بۇ پۇل خەجلەپ ئوڭشىغاندىن ياخشىراق
ئايفۇن 3Gs تىمۇ ئىشلەيدىغان ئوخشايدۇ بۇ FaceTime دىگەن نەرسە ،
تۈنۈگۈن Cydia دا بىر نەرسە ئىزدەۋېتىپ ، FaceTime 3Gs دەپ ئىزدەپ باقسام ، شۇنداق ئىسىملىق بىر نەرسە چىقتى ، ئۇنى قاچىلىدىم ، قاچىلىنىپتۇ ، ئەمما قوزغاتسام بىر تور بەتكە ئۇلىنىپ ، سېتىۋېلىپ ئاكتىپلاشنى تەلەپ قىلدى ، تەخمنەن 8 دوللار ئەتراپىدا ئىكەن ،
ئۇ تور بەت ئېنگىلىزچە بولغاچ ، بەزى گەپلەرنى چۈشىنەلمىدىم، ئەگەر راستىنلا ئايفۇن 3 تىمۇ بۇ ئىقتىدار نورمال ئىشلەپ قالسا 50 يۈەنگە ئەرزىيتى جۇمۇ ،
ئىنگىلىزچە بىلىدىغان ، ئايفۇن 3 ئىشلىتىۋاتقانلار بولسا، سېيدىيا دىن ئىزدەپ قاچىلاپ سىناپ باقساڭلار …
Cydia دا ئەرەپ خاككېرلىرىنىڭ مەخسۇس مۇشۇنداق بىر نەرسىسى بار ئىدى. بۇنىڭ بىلەن 3GS تە FaceTime ئىشلەتكىلى بولاتتى. بۇنى مۇشۇ يەردىلا ئېيتىپ ئۆتەي. لېكىن بۇنىڭ تېلىفون سېستىمىسىغا خەتىرى يوق دەپ جەزم قىلالمايمەن. مەيلى دېسىڭىز سىناپ كۆرسىڭىز بولىدۇ. سىز Cydia غا ماۋۇ مەنبەنى قوشۇڭ :
http://apps.iphoneislam.com
ئاندىن بۇنىڭ ئىچىدىكى Facelt-3GS دېگەن ياماقنى قاچىلاڭ. ئىلگىرى 4.1 ۋە 4.2.1 گە مەخسۇس ياماقلار بار ئىدى. سىز سېستىمىڭىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ماس كېلىدىغىنىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ. قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن تېلىفوننى قايتا قوزغىتىپ يازمىدىكى ئۇسۇل بويىچە ئاكتىپلاڭ.
سيدىيا دىن قاچىلاپ بولدۇم ،
ئەمما ئاكتىپلاش ئۈچۈن 8 دوللارغا سېتىۋېلىش كېرەككەن ، كۆرۈپمۇ باقمىغان ، ئىشەنچ قىلغىلى بولمىغان نەرسىنى 50 يۈەنگە ئالغىم كەلمىدى .
پاسىبان ئەپەندىم ، مۇشۇ فېيس تايم دىن باشقا ، ئايفۇن 3 كە قاچىلاپ ۋايفاي موھىتىدا فېيس تايم ئىشلەتكەندەك ھەقسىز سۈرەتلىك سۆزلەشكىلى بولىدىغان ئەپلەر بولسا تونۇشتۇرغان بولسىلا بوپتىكەن …
بۇنىڭدەك سۈزۈكى يوق. Tango, Viber, Skype لارنى سىناپ بېقىڭ
WIFI مۇھۇتىدا سۆزلىشىشكە skype بىلەن Viber نى تەۋسىيە قىلىمەن. لېكىن ھازىر QQ مۇ خېلى ياخشى ئىشلەۋاتىدۇ.
مەن ئىلگىرى سېستىما قاچىلغان ۋاقتىمدا بىر تال ئۇچۇر بىلەنلا مۇۋاپىقىيەتلىك ئاكتىپلانغان ئىدى. كىيىن تىلفۇنغا سېستىمىنى قايتا يېزىشقا توغرا كىلىپ قېلىپ ئاكتىپلاشنى ئۈستىدىكى تېما بۇيىچە نەچچە قېتىم ھەتتا 15 قېتىم قىلىپمۇ ئاكتىپلىيالمىدىم. شۇنىڭ بىلەن ھەر قىېتىم ئاكتىپلاشنى باسسام بىر بسسىشىپ بىر يۈئەنگە توختاپ جەمئى 16 سوم قۇدۇقققا چۈشۈپ كەتتى..ئېسىت پۇللىرىم.