ئاجايىپ-غارايىپ ئەپ تېمىسىدىكى يازمىلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز. بايا بۇ ئەپنى شۇنداقلا چۈشۈرۈپ قويۇپ كارىم بولماپتۇ. بىكارچىلىقتا قاچىلاپ ئويناپ كۆرسەم بۇ «ئاجايىپ-غارايىپ ئەپ» ئىكەن ئەمەسمۇ؟ دەرھال تەۋسىيە قىلغۇم كەلدى!
ئەسلى «ھەقسىز ئويۇننى قانداق تېپىشنى بىلەمسىز» دېگەن يازمىدىن كىيىن، ھېچقانداق ئويۇننى تەۋسىيە قىلماي دېگەن ئىدىم. لېكىن بۈگۈن ماۋۇ مەن ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوينايدىغان ئېسىل ئويۇن ۋاقىتلىق ھەقسىز قىلىپ تارقىتىلغان ئىكەن. شۇڭا سىلەرنىڭمۇ چۈشۈرىۋېلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىپ ئايرىم يازما يوللىدىم.
ئەڭ دەسلەپ ئايفون بىلەن ئۇچراشقان مەزگىللىرىم ئېدى. بۇ ئويۇنغا شۇنداق كىرىشىپ كەتكەن ئىدىم. ئايفوننى مۇشۇ ۋە يەنە مۇشۇنىڭدەك 1~2 خىل پەچەت ئويۇننى كۆرۈپ ئامراق بوپ قېلىپ سېتىۋالغان ئېدىم دېسەممۇ خاتالاشمايمەن. بۇ ئويۇن ماڭا بەكلا يېقىپ قالغان ئېدى. بۈگۈن Sentinel: Mars Defense نەشىرى ۋاقىتلىق ھەقسىز تارقىتىلىپتۇ. مۇداپىئە ئويۇنلىرىغا ئامراق كىشىلەر چوقۇم چۈشۈرۈپ ئوينىشى لازىم بولغان پەچەت ئويۇن.
چاغانلىق سوۋغا سۈپىتىدە AppStore دا 三国塔防-蜀传:Three Kingdoms TD – Legend of Shu نامىدىكى بۇ ئويۇننى ھەقسىز تارقىتپتۇ. ئويۇننىڭ لايىھەلىنىشىدە كۈچلۈك جۇڭگوچە پۇراق بار. ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىدىكى تارىخقا قىزىقىدىغان ياكى مۇداپىئە ئويۇنلىرىغا قىزىدىغان ئالمىداشلار سىناپ باقسا بولىدىغان ئويۇن. AppStore دا خېلى ياخشى باھالار بېرىلگەن ئىكەن. يەنە بىر بولىدىغان يېرى – رېتىنا ئېكران قوللايدۇ.
بىر ئايفوندا ئىككى ئادەم بىرلا ۋاقىتتا ئوينىغىلى بولىدىغان بىر ئويۇننى تېخى تۈنۈگۈن يوللاپ تۇرىۋېدىم، بۈگۈن مۇشۇنىڭدەك ئويۇندىن يەنە بىرسى ۋاقىتلىق ھەقسىز تارقىتىلىپتۇ. بۇ ئويۇننى گەرچە 1 ئايفوندا ئوينىمىغان بىلەن، كۆك چىش ياكى WiFi بىلەن تورلاشتۇرۇپ ئوينىغىلى بولىدۇ. بۇ ئويۇننىڭ ئىسمى AutoRobot TD Defend and Defeat . ئويۇننىڭ سۈزۈكلىكى ھەقىقەتەن يۇقىرى. ئايفون 4 كە ئۇيغۇن قىلىپ لايىھەلەنگەن يۇقېرى ئېنىقلىقتىكى HD ئويۇنى. ئويۇنخۇمارلار پۇرسەتنى چوقۇم ئۆتكۈزىۋەتمەي چۈشۈرىۋېلىڭ.
بۇ ئويۇن بىر ئۆيدىكى چوشقا ۋە توخۇ ئوتتۇرىسىدىكى جەڭ بولۇپ بىز توخۇنىڭ رولىنى ئېلىپ «چوشقا» ئاتىمىز. ۋەقەلىكىدە چوشقىلار توخۇلارنىڭ قولىدا بىر ئېسىل ئەڭگۈشتەرنىڭ بارلىقىنى بىلىپ ئۇلارغا زەھەر قولىنى سالىدۇ. توخۇلارنىڭ ئىچىدىكى 2 نەپىرى بەختكە يارىشا ئامان قېلىپ، بۇ چوشقىلارغا قارىتا جەڭنى باشلايدۇ.
بۇ مەن ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوينىغان مۇداپىئە ئويۇنلىرىنىڭ بىرى. سەرەڭگە كارتونلار ئىككى تەرەپتىن ئوتتۇرىغا ئورۇنلاشۇرۇلغان ئىلىكتىر مۇنارىغا ھۇجۇم قىلىشىدۇ. ھەر بىر مەيدان ئاياغلاشقاندا دۈشمەنلەرنى ئۆلتۈرگەندە ئېرىشكەن پۇلغا قورال-جابدۇقلارنى يېڭىلاپ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىمىز. بۈگۈن Pavel Tarabrin ئايفون ۋە ئايپەد ھەرئىككى نۇسخىسىنى ھەقسىز قىلىپ تارقىتىپتۇ. داۋامىنى ئوقۇش »
يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار