Cydia قۇرغۇچىسى Saurik نىڭ ئايفونىنى كۆرگەن بولىشىڭلار مۇمكىن. ئىلگىرى يوللىغان بىر يازمىمىزدا بۇ كىشى ئۆزىنىڭ ئايفونىنى مۇخبىرغا كۆرسىتىپ تۈرمىدىن قاچۇرۇشنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بارلىقىنى ئېيتىپ ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ ئايفونىنىڭ ئۈستى تەرەپنى بىر چەكسىلا بىر تىزىملىك پەيدا بولۇپ، ئۇنىڭدا 3G نىڭ، WiFi نىڭ، كۆكچىشنىڭ دېگەندەك دائىم ئىشلەيدىغان نەرسىلەرنىڭ ئۈزچاتلىرى ئورۇنلاشقان ئىدى. بۇنى سىزنىڭمۇ قاچىلىغىڭىز بارمۇ؟
يەنە دېسەك يەنە شۇ، Cydia غا 威锋网 نىڭ مەنبەسىنى قوشۇش لازىم. بۇ يازمىغا كىرىپ بۇ مەنبەنى قانداق قوشۇشنى ۋە Cydia ھەققىدىكى بەزى ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز. قوشۇپ بولغان بولسىڭىز ئىزدەيدىغان جايغا SBSettings دەپلا يېزىڭ. بۇنى تاپقاندىن كىيىن ئىلگىرىكى يازمىلاردىكىدەك تەرتىپ بويىچە قاچىلىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ. قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن باش بەتكە ئايرىم ئايكون قوشمايدۇ. تەڭشەك ئورنىغىمۇ ئايرىم تۈر قوشمايدۇ. لېكىن سىز ئۈستى تەرەپتىكى ھالەت ستونىنى بىر قېتىم ئوڭ ياكى يولغا سۈرۈڭ. بۇ تىزىملىك چىقامدىكەن؟ باشقا جايلىرىنى ئۆزىڭىز ھەپىلىشىپ خاسلاشتۇرىۋالسىڭىز بولىدۇ. سىزگە ئىشلىمەيدىغان ئۈزچاتلار بوپقالسا چىقىرىۋەتسىڭىز، ياكى قوشىۋالسىڭىز بولىدۇ. ئەمەلىي سىناقنى تۆۋەندىكى سىندىن كۆرۈڭ.









































ئەجىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر .
ئۇ يەرگە كىيىن ئۆزىمىز يەنە خالىغاننى قوشۇپ قويالامدۇق ؟
More نى بېسىپ كۆرسەتمەكچى بولغان نەرسىلەرنى تاللاپ بەرسىڭىز بولىدۇ. ئۆزىدە بار بولغان نەرسىلەرنىلا قوشقىلى بولىدىغۇ دەيمەن.
ھەقىقەتەن ياخشى ئەپكەن …. ئىشلىگەن فىلىمىڭىز ياخشى بوپتۇ …تەكلىۋىم . ئايپوننى كامىراغا ئۇدۇل تۇتۇپ يەنى ئىككى قولىڭىزنىڭ ئوتتۇرىغان ئىلىپ قويۇپ ئاسىڭىز ئايپون يۇزى تولۇق كۆرۇنۇپ تىخىمۇ ياخشى بولغان بولاتتى دەپ قارايمەن ……
كونۇپكا تاختىڭىز ۋەھشىمۇ قانداق … بوپ قويىدىكەن .. بۇ مىنىڭ پەقەت كۆز قارشىم … ئويلىنىپ بىقىشىڭىزنى سورايمەن …
ئاپاراتنىڭ ئەڭ تۆۋەن سۈرەتكە ئېلىش ئارىلىقى 45 سانتىمېتىر. بوينامغا ئېسىۋېلىپ ئالاي دېسەم قولام سەل كالتا كەپ قېلىپ
ئويلىشاي. ئوبدان تەكلىپ. ئالدىراشچىلىقتا جازىغا قويۇپ قويۇپلا ئېكرانغا نېمە چىقىۋاتقىنى بىلەن كارىم بولماي قاپتۇ.
تارىخى قوليازمىلاردا قەيىت قىلىنىشىچە ئالما دەيدىغان بىر كومپىيۇتېرنىڭ كونۇپكا تاختىسى ئەنە ئەشۇنداق ۋەھشىمىش دەپ يېزىلىپتىكەن ئىرۇر ….
( چاقچاق ھە )
باللىنىڭ ئىشتان – پايپاق ھەممىسى ئالما ئەمەستۇ ھە
لول لېكىن چاپان كەيگۈزۈپ قويدۇڭلامۇ نىمە؟ سەل سېمىز كۆرۈنىدىغۇ تېلېفونۇڭلار؟
ئەجرىڭىزگە رەھمەت،مەن بۇرۇن خەنزۇچە تور بەتلەردىن كورۇپ قاچىلاپتىكەنمەن،بىراق ھەلەت سىتونىنى بىرەر قېتىم سىلاپمۇ قويماپتىمەن
ھالەت سىتونىنى قىچىقلىسا ئونىڭ ئېچىلدىغىنىنى ئەمدى بىلىۋالدىم….تەشەككۈر….
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ؟سىزنىڭ تىلپۇنىڭىزدا ئالمىنىڭ ئورنىغا بىرتال شام چىقى دىكەن غۇ يىڭى ھۇنەرلىرىڭىز نى ئايىمىغايسىز
Apple boot logo دەيدىغان بىر ياماق بار ئېدى. شۇنى قاچىلىغان ئېدىمغۇ دەيمەن. دەسلەپتە ئىسكىلىتنىڭ بەلگىسى چىقىۋېلىپ مۇشۇنداق ئوڭشىغان ئېدىم. بۇ توغرىسىدا بىر يازما بار ئېدى
/201102161106.html
مېنىڭ ھازىر قاچىلىۋالغىنىم بولسا Bitten apple boot logo دېگەن ياماق. بۇ ھەرىكەتلىك. 5-6 نى چىشلىۋالغان ئالما، شام ئەمەس
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،
پاسىبان ئەپەندى، مەن سىزدىن موشۈكنىڭ تېمىسىدا سورىغان قاچىلانغان ئەپلەرنىڭ ئايكونلىرىنى خالىغىنىمىزچە يوشۈرۈپ قويۇش ئىقتىدارىنى ئېتىشىپ يۈرۈپ ئۆزەم تېپىۋالدىم،
ئۇ ئىقتىدار مۇشۇ تېمىدا تونۇشتۇرۇلغان ئۈستىگە قوشۇلىدىغان تىزىملىكتىن ئىبارەت بولغان مۇشۇ ئەپ نىڭ ئۆزىدىلا باركەن ئەمەسمۇ ،
يەنى، ئۈستى تەرەپتىكى ھالەت رامكىسىنى سۈرۈپ بۇ ئەپنى قوزغاتقاندىن كىيىن، ئاستى تەرەپتىكى كىچىكرەك بەش تال كونۇپكىنىڭ سول تەرەپ ئاخىرىدىكى « مور » دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ تەڭشەش ھالىتىگە كىرگەندىن كىيىن ئاستىدىراق كۆرۈنۈپ تۇرغان قىزىل رەڭلىك ئايكۇننىڭ ئۇدۇلىدىكى « ھايد ئايكونس » دىگەن تىزىملىكنى تاللاپ كىرسەك ، ئايفونىمىزنىڭ بۇرنىغىچە تولدۇرۇپ قاچىلىۋەتكەن ئەپ لەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئايكونلىرى بۇ يەردە تىزىملىكتە كۆرۈنىدىكەن ،
كۆرۈنۈپ تۇرغان ئايكونلارنىڭ كەينىدىكى كونۇپكا ئوچۇق « ON » ھالىتىدە ئىكەن ، قايسى ئايكونلارنى يۆشۈرۈپ قويماقچى بولساق شۇ ئايكۇننىڭ ئۇدۇلىدىكى كونۇپكىنى بىرنى بېسىپ « OFF » ھالىتىگە كەلتۈرۈپ قويۇپ ، ئاندىن ئۈستى سول تەرەپتىكى « SBsettings » نى بېسىپ چېكىنىپ ، ئاندىن ئاستىدىكى قايتىش كونۇپكىسىنى بېسىپ باش ئېكرانغا چېكىنسەك ، ئايفۇن بىر قېتىم يېنىڭ ئۆچۈ پ ( پۈتۈن ئۆچۈپ كەتمەيدۇ ) ، بىز تاللىغان ئايكونلار يوشۇرۇنۇپ ، كۆرۈنمەيدىكەن،
يوشۇرغان ئايكونلارنى كۆرسەتمەكچى بولساق ئوخشاش ئۇسۇل بويىچە تاقاپ قويغاننى ئېچىپ قويساقلا بولىدىىكەن .
قالتىس !!! …..
ئەمدى مەن ھەل قىلالمىغان ئېكراننىڭ ئاستى تەگلىكنى ھەركەتلەندۈرۈپ 3D ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى قاملاشتۇرالمىدىم ،
Cydia غا مەنبەسىنى توغرا قوشۇپ ، DeepEnd دىگەن ياماقنىمۇ قاچىلىدىم،
ئەمما تەڭشەككە قۇشۇلمىدىمۇ ، يا مەن بىلەلمىدىممۇ ئىشقىلىپ بۇ قالتىس ئۈنۈمدىن بەھرىمەن بولالمايۋاتىمەن .
تۈرمىدىن قاچۇرغانمۇ؟ ئۇنداقتا ئايفوننى ئىسراپ قىلماڭ (7) (فىلىملىك) مۇشۇ ياماق ھەققىدە بولسۇنچۇ پاسىبان ئەپەندىم …
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بارىكاللا! توغرا تېپىپسىز. ئۆزلىكىڭزدىن ئۆگىنىش روھىڭىزغا قول قويدۇم. سىز دېگەن 3D ئۈنۈم ھاسىل قىلىدىغان نەرسىنى قاچىلاپ كۆرگەن ئىدىم. لېكىن ئۈنىمى تازا ياخشى ئەمەسكەن، شۇڭا مەنمۇ قاچىلاپ قويۇپ ئىشلەتمىگەن ئىدىم. شۇنداق بولسىمۇ چۈشەندۈرۈپ بىر يازما يازاي، ئىنشا ئاللاھ
ئايفون 3 8 گ ب نى ئەڭ يېڭى نەشىر بولغان 4.3.3 كە مۇۋەپپىقىيەتلىك يېڭىلاپ ، ئاندىن تۈرمىدىن قاچۇرىۋالدىم،
ئۆزىنىڭ ئەسلى نەشىرى 4.1 ئىكەن .
مەن 4.3.3 كە يېڭىلىسام ئىغىرلىشىۋالامۇ دەپ ئەنسىرەپ، يەنىلا يېڭىلىغان ئىدىم، يېڭىلىغاندىن كىين ھېس قىلىشىمچە 4.3.3 دە تېخى تىزلەشكەندەك قىلىدۇ . ئىشلشى بەك يەڭگىل .
ئاندىن تۈرمىدىن قاچۇردۇق . مۇۋەپپىقىيەتلىك قاچۇرۇلدى . ھەمدە سېيدىيا مۇ قاچىلاندى . لېكىن سيدىيانى قوزغاتسام ئېچىلىپ باش ئېكرانىغا كىرىپ بىر نەرسىلەرنى يېڭىلاپ قاچىلىغاندەك قىلدى .
كىيىن ئىككىنچىلەپ سېيدىيا قوزغىلالمىدى . باشقا تور بەتلەر ۋە توردا ئىشلەيدىغان دېتاللار نورمال ، ھەمدە ئۆيۈمدە WiFi مۇ بار ،
cydia نى قوزغاتسام ، ……. Loading دەپ خەت چىقىپلا تۇرغىنى تۇرغان ، ئەمما باشقا ئىشلار ناھايتى نورمال ، قانداق قىلىشنى بىلەلمەيۋاتىمەن .
Cydia ئېچىلمىغانلىغى ئۈچۈن سىز بۇ يەردە تونۇشتۇرغان نۇرغۇن قالتىىس App لەرنى ئىشلىتەلمەيۋاتىمە ن ..
قانداق قىلسام بولار ، مەسلىھەت بەرسىڭىز . ياكى Cydia نى ئۆچۈرىۋېتىپ قايتىدىن قاچىلاشنىڭ ئامالى بارمۇ ، ياكى باشقىچە ئاماللارمۇ بارمۇ ؟
شۇنداق، ئالما يېڭى نەشىر ئېلان قىلغاندا ئوخشاش ئۈسكۈنىدە تېخىمۇ تېز يۈرۈشىدىغان قىلىشقا تېرىشىدۇ. ئەگەر ئەسلى سېستىما 4.1 بولغان بولسا 4.3.3 قايتىدىن قاچىلىسىڭىز تامامەن بولىدۇ. چۈنكى ھەممىسى iOS 4.0 لىك سېستىما. Cydia توغرىسىدىكى بۇ مەسىلىگە كەلسەك سىز قايتىدىن تۈرمىدىن قاچۇرۇپ سىناپ كۆرۈڭ. ئىچىدىكى مەزمۇن يۇيۇلمايدۇ. تۈرمىدىن قاچۇرۇش مەشغۇلاتىنىلا ئىجرا قىلسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر تۈرمىدىن قاچۇرۇشنى ئېغىر كۆرسىڭىز ۋەكالىتەن تورغا چىقىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ كۆرۈڭ. بەزىدە Cydia دۆلىتىمىزدە ئېچىلمايمۇ قالىدۇ. توردىن ئايفوندا VPN ئارقىلىق تورغا چىقىش دەپ ئىزدىسىڭىز خېلى كۆپ نەرسىلەرنى تېپىپ بېرىدۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پاسىبان ئەپەندى .
نىمە سەەۋبكى بىلمىدىم، ئايفۇننىڭ ئۈستى تەرەپتىكى ھالەت رامكىسىغا « it safe mode » دەپ خەت چىقىۋالدى ، ھەمدە بىر ئاز نورمالسىزلىق كۆرۈلدى ، نورمال ئىجرا بولىۋاتقان بەزى دېتاللار خاتالىق ئۇچۇر كۆرسىتىپ ئىجرا بولمىدى ،
بۇ نىمە سەۋەبتىن شۇنداق چىقىۋالىدۇ ؟ سېستىمىغا زىيىنى بارمۇ ؟ قانداق ئوڭشايمىز .
يەنە بىر سۇئال ،.
ئايفۇنغا قايتا سېستىما يازماي ، ياكى نەشىرىنى يېڭىلىماي تۇرۇپ ، ئايفۇننىڭ سېستىمىسىنى ھېچ نەرسە قىلىنمىغان ھالەتكە يەنە نۆلگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن قانداق قىلىمىز . ؟
تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان يانفۇننى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولساقچۇ ؟
بۇ بىخەتەر ھالەت. كومپىيۇتېردىكى 安全模式 بىلەن ئوخشاش. بىرەر نەرسىنى قاچىلىغان بولسىڭىز توقۇنۇشۇپ قالغانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ. ئاخىرىدا قاچىلىغان نەرسىنى يۇيىۋېتىش ئارقىلىق ھەل قىلىڭ. 2-سۇئالىڭىزدا لوگىكىلىق خاتالىق باركەن. بۇزماي تۇرۇپ بۇزغىلى بولامدۇ دېگەندەكلا گەپ بوپتۇ. iPhone نىڭ RESET كونۇپكىسى يوق. سېستىمىنى قاچىلىماي تۇرۇپ تەڭشەكلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولسىڭىز 设置-通用-还原-还原所有设置 دېگەن جايدىن تەڭشەكلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرسىڭىز بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مەقسەتكە يەتمىسىڭىز سېستىمىنى قايتا قاچىلاڭ.
91 چوماقچىسىنى ئىشلەتمەڭلار دېگەن تەشەببۇسىنى ئايفونغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن تور بەت ۋە مۇنبەر ، بلوگلاردا كۆرگەن بولساممۇ ، <> لىق قىلىپ ، يەنە شۇ 91 چوماقچىسىنى ئىشلىتىپ يۈرۈپتىمەن ، باشقىلارنىڭ مۇشۇ ھەقتە تەجرىبىسى بولمىسا 91 چوماقچىسىنى ئىشلەتمەڭلار ، دەپ جار سالمايتتى ، مەن گەپ ئاڭلىمىغانلىقىتىن چاتاق ئاخىرى يۈز بەردى . ئۈلۈشكۈن يانفونغا بىر تال ئەپ قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن (يەنە شۇ 91 چوماقچى بىلەن قاچىلىمامدىم) ، ئايفون قايتا قوزغلىپ ، بىخەتەر ھالەتكە ( it safe mode) تە تۇرۇۋالدى ، ئايفوننى قايتا قوزغاتسام قەتئى نورمال ھالەتتە قوزغىلالمىدى ،ئاق ئالما بەلگىسى چىقىپ نەچچە سائەت قىتىپلا تۇرىۋالدى ، ئۇنى بۇنى قىلىپ يۈرۈپ زادى ئەسلىگە كەلمىگەندىن كېيىن ، يەنە شۇ 91 دېگەن چوماقچى دەللال بىلەن ئېچىپ ، 白苹果修复工具 نى بېسىپ ، ئوتتۇردىكى ئىككىنچى تۈر ئارقىلىق ئۈچىن تەرەپ قوزغلىش تۈرلىرىنى پۇتۈنلەي يۇيىۋىتىپتىمەن ، :sad: ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئايفونمۇ ھېسابتا قايتا نورمال قوزغالدى ، ئارقىدىنلا مەسىلە يەنە كۆرۈلدى ، يەنى cydia دىن قاچىلىغان deb فورماتىدىكى بارلىق ئەپلەرنىڭ قوزغىلىش ھۆججىتىنى تولۇق يۇيىۋىتىپتۇ ، 设置 نىڭ ئىچىدە كۆرۈنىدىغان deb فورماتىدىكى ئەپلەرنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ سىنبەلگىسى يوق ، لېكىن 91 دېگەن چوماقچى بىلەن كومپىيۇتېردا قارىسام deb فورماتىدىكى ئەپلەرنىڭ ھەممىسى تۇرىدۇ ، لېكىن 设置نىڭ ئىچىدە يوق ، شۇنىڭ بىلەن بىر توردىشىمىزنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ئايفوننىڭ ئۆزىدە cydia دا ، ئەپ بولىقى (软件包) غا كىرىپ قارىسام ، ئىلگىرى ئايفونغا قاچىلىغان deb فورماتىدكى ئەپلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تېزىملىكى باركەن ، يەنى ئالدىغا توغرا بەلگىسى قويۇلغان ، cydia دا تۇرۇپ ، شۇ ئەپلەرنىڭ ھەممىسىنى 1 سائەتتە دېگۈدەك قايتا قاچىلاپ چىقتىم ، كېيىن ئاندىن 设置 نىڭ ئىچىگە كىرىپ قارىسام deb فورماتىدكى ئەپلەرنىڭ سىنبەلگىسى يەنە كۆرۈنمىدى (لېكىن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ نورماللىشىپتۇ ، ئۇنىڭ ئالدىدا ئاق ئالما ھالەتتىن يېڭى ئوڭشالغاندا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچمۇ نورمال ئىشلىمىگەن ) ، ئۇنى بۇنى قىلىپ يۈرۈپ 设置 نىڭ ئىچىدىكى deb فورماتىدىكى ئەپلەرنىڭ سىنبەلگىسىنى قەتئى ئەسىلىگە كەلتۈرۈەلمىدىم ، يەنە شۇ پىتى تۇرىدۇ ، بولسا بۇنىڭ ھەل قىلىش لايھىسىنى ئوتتۇرغا قويساڭلار ئايفونۇمنى قۇتقۇزىۋالسام ، (ئاچچىقىمدا بىراقلا 4.3.5 غا بىراقلا كۆتۈرۋەتمەكچىمۇ بولدۇم ، لېكىن 4.3.5 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى بولمىغاچقا بۇ نېيتىمدىنمۇ ياندىم ) .
تەسىيە قىلىدىغىنىم : ئايفوننىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن 91چوماقچىسى (91助手) قەتئى ئىشلەتمەسلىكىڭلارنى تەشەببۇس قىلىمەن .
پاسىبان ۋە باشقا بۇرادەرلەر ، ماڭا ھەل قىلىش لايھىسىنى كۆرسىتىپ بەرسەڭلار .