تۈرمىدىن قاچۇرۇرۇپ باققانلا كىشى بولسا ئېكرانىدا Cydia دېگەن نامدىكى جىگەررەڭ بۇ بەلگىنى چوقۇم ئۇچراتقانغۇ دەيمەن. iPhone (ئەمەلىيەتتە iPod touch ۋە iPad قاتارلىق iDevice لارنىڭ ھەممىسى) بىلەن دەسلەپ تونۇشقانلار ئۈچۈن بۇ يات بىر ئۇقۇم بولىشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇنىڭ ئىچىنى ئېچىپ دەسلەپتە ھېچنىمىنى چۈشەنگىلى بولمايدۇ. بۈگۈن بىز بىرلىكتە بۇنىڭغا خاتىمە بېرەيلى!

Cydia بولسا (Saurik (Jay Freeman تەرىپىدىن لايىھەلەنگەن iOS سېستىمىسىدا خىزمەت قىلىدىغان 3-تەرەپ يۇمشاق دېتاللىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان سۇپا. بۇ سۇپا Saurik باشچىلىقىدا Okori Group ۋە UCSB ئۇنىۋېرستىتى تەرىپىدىن يۈرگۈزىلىدۇ. بۇنىڭدا خۇددى ئالمىنىڭ App Store دىكىدەك ھەرخىل ئەپلەرنىڭ، سېستىما ياماقلىرىنىڭ تەمىنلەش ئادرىسى بار ۋە Cydia Store دەپ ئاتىلىدىغان Cydia دۇككىنىمۇ بار. بۇنى قۇرۇشتىكى ئاساسلىق مەقسەت AppStore دا يوق بولغان، ئالما تەرىپىدىن تەستىقلانمايدىغان بەزىبىر خاسلاشتۇرۇش ئۈنۈملىرى، سېستىمىنى كۈچلەندۈرۈش ياماقلىرى قاتارلىق 3-تەرەپ دېتاللىرىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى ۋە سېتىش يولى بىلەن تەمىنلەش بولۇپ، ئالما بۇنداق نەرسىلەرنى سېستىمىنىڭ نورمال يۈرۈشىشىگە تەسىرى بار دەپ قارىغاچ بۇنىڭ AppStore دا سېتىلىشىغا قارشى تۇرىدۇ. Cydia دىن ئىبارەت مۇشۇنداق بىر نەرسە يۇقارقى سەۋەبلەر تۈپەيلى بارلىققا كەلگەن.

Cydia مۇ App Store غا ئوخشاش تور بىلەن مەشغۇلات قىلىدىغان نەرسە بولغانلىقى ئۈچۈن ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارغا ئېگە بولۇش ۋە ياماقلارنى يېڭىلاش، چۈشۈرۈش ئۈچۈن تور مۇھىتى ھازىرلانغان بولىشى كېرەك. ئىلاج بار WiFi سىمسىز تورى، پەقەت بولمىغان 3G ۋەياكى GPRS بىلەن بولسىمۇ تورغا ئۇلانغان بولىشى كېرەك. Cydia پەقەت تۈرمىدىن قاچۇرغان iDevice لاردىلا بار. ئادەتتە تۈرمىدىن قاچۇرغان چاغدا كۆپىنچە ئەھۋاللاردا Cydia نى قوشۇپ قاچىلايدىغان بولغاچقا، سېستىمىدا مۇشۇ نەرسىنىڭ بار-يوقلىقىدىنمۇ تېلفۇننىڭ تۈرمىدىن قاچۇرغان-قاچۇرمىغانلىقىنى پەرق قىلىش مۇمكىن.

بىز ئايفوننى تۈرمىدىن قاچۇرۇپ بولغاندىن كىيىن تۇنجى قېتىم Cydia نى قوزغاتقىنىمىزدا بىزدىن قايسى خىل سالاھىيەت بىلەن Cydia نى ئىشلىتىدىغانلىقىمىزنى سورايدۇ. بىز ئىشلەتكۈچى، يەنى User دېگەننى تاللاپ كىرىمىز.

ئۈستىدىكىسى Cydia نىڭ باش بەت كۆرۈنمە يۈزى. ئاستىدىكى 5 تۈرنىڭ 1-سى Cydia باش بېتى. 2-سى بولسا Cydia دىكى مەنبەلەرنىڭ تۈرلىرى. 3-سى يېڭىلانغان نەرسىلەرنى كۆرسىتىدىغان جاي بولۇپ، ئېنگلىزچە Changes، يەنى ئۆزگىرىشلەر دېگەن نامدا بولىدۇ. 3-سى بولسا يېڭى مەنبە قوشىدىغان، قاچىلانغان نەرسىلەرنى باشقۇرىدىغان جاي بولۇپ، ئېنگلىزچە Manage دېگەن نامدا. ئەڭ ئاخىرقىسى بولسا Cydia نىڭ ئىچىدە بار بولغان ۋە ئۆزىمىز قولىمىز بىلەن قوشقان مەنبەلەر ئىچىدىكى ياماق ۋە دېتاللارنى ئىزدەيدىغان جاي.

ئەگەر ئېنگلىزچە چۈشىنىش بىر ئاز قولايسىز بوپقالسا بىز خەنزۇچىلاشتۇرۇش يامىقىنى قاچىلىۋەتسەكمۇ بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ياماقنى تەمىنلىگۈچى «مەنبە» نى يېڭىدىن قوشىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك مەشغۇلات قىلايلى:

ئاۋال بىز Manage (باشقۇرۇش) دېگەن تىزىملىكنى تاللايلى

ئوتتۇرىدىكى Soruces (مەنبە) نى بېسىڭ.

ئۈستىدە Entered by User (ئابونت قوشقان مەزمۇنلار) دېگەن جايدا سىز بۇرۇن قوشقان مەنبەلەرنى كۆرىسىز. ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى Edit (تەھرىرلەش) نى بېسىڭ. بىز يەنە يېڭى بىر مەنبە قوشىشىمىز كېرەك. باسقاندىن كىيىن تەھرىرلەش ھالىتىگە كېلىدۇ. بۇنىڭدىن سول تەرەپ ئۈستىدىكى Add (قوشۇش) نى بېسىڭ.

بۇ ھالەتكە كەلگەندىن كىيىن قوشۇش (Add) دېگەن جاينى باسساق مەنبە قوشىدىغان ئادرىس يازىدىغان كاتەكچە پەيدا بولىدۇ. بىز بۇيەرگە http://apt.weiphone.com دەپ يېزىپ «مەنبە قوشۇش» (Add Source) نى باسىمىز.

بىر ئاز ۋاقىت ساقلىساق يېڭىلاش ۋە تەستىقلاش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن بىز قوشقان مەنبە Source نىڭ ئارىسىدا پەيدا بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە مۇشۇ مەنبە تەمىنلىگەن بارلىق دېتاللار بار. بىز ئۆزىمىزگە ئېھتىياجلىق بولغان ياماق ۋە ئەپلەرنى خالىغانچە چۈشۈرۈپ قاچىلىيالايمىز. بۇنىڭ بىردىنبىر شەرتى – تور مۇھىتى ھازىرلاش.

خەنزۇچە ھالەتكە ئەكىلىش ئۈچۈن ئۈستىدىكى مەنبەنى قوشۇپ بولغاندىن كىيىن، Cydia نىڭ ئىزدەيدىغان يېرىگە Cydia 中文包 دەپ ئىزدەپ تېپىپ قاچىلىۋەتسەك بولىدۇ. ئەگەر تۈر (Sections) نىمۇ خەنزۇچە قىلماقچى بولسىڭىز. Cydia 分类中文包 دەپ ئىزدەپ قاچىلىۋېتىڭ. بۇنى قاچىلىۋەتكەندىن كىيىن Cydia نىڭ كۆرۈنمە يۈزى تۆۋەندىكى سىندىكىدەك ھالەتكە كېلىدۇ.

باشقا مەنبەلەرنى قوشۇش ئۈچۈن ئادرىسىنى شۇ مەنبەنىڭ ئادرىسىغا ئۆزگەرتىپ باشقا مەشغۇلاتلارنى مۇشۇ بويىچە قىلساق بولىدۇ. بۇندىن كىيىن Cydia دىن بىرەر نەرسە قاچىلىماقچى بولساق پەقەت مەنبە ئارىسىلا قالدۇرۇلغان بولسا مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە قاچىلاپ شۇ ياماقنىڭ نامىنى ئىزدەپلا تاپالايمىز.

دائىم ئىشلىتىدىغان مەنبەلەردىن iPhone 中文网 نىڭ مەنبەسى : http://iphone.tgbus.com/cydia

ئۈسىتىدە ئېيتىپ ئۆتكەن 威锋网 نىڭ مەنسى : http://apt.weiphone.com .

Cydia نى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن ئەڭ ئاۋال يامايدىغان ياماقلاردىن:

1. afc2服务补丁 بۇ ياماق ئاساسلىقى iFunbox ۋە iTools، شۇنداقلا 91 غا ئوخشاش قوراللارنى ئىشلىتىدىغانلار ئۈچۈن چوقۇم لازىم بولىدىغان ياماق.

2. AppSync for 4.0+ دېگەندەك ياماقلار. بۇنىڭ ئارقىدىكى 4.0 دېگىنى سىزنىڭ سېستىما نەشىرىڭىزگە قارىتىلغان. ماس كېلىدىغان نەشرىدىكىنى ئىزدەپ قاچىلىۋېتىڭ. بۇنىڭ رولى يېشىۋېتىلگەن IPA شەكلىدىكى ئويۇنلارنى iTunes ئارقىلىق قاچىلاش.

بۇلارنى 威锋网 نىڭ مەنبەسىنى قوشۇپ بولۇپ مۇشۇ ئىسىم بويىچە ئىزدەپ تېپىپ قاچىلىۋەتسىڭىز بولىدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



6 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. مەنمۇ تېلىفۇننى ئالغان ۋاقىتتا (تونۇشۇمدىن 2-قول ئالغان ) Cydia يەنە 91 دىگەندەك نەرسىلەر بار ئىكەن ، مەن بۇنى نېمىگە ئىشلىتىدىغان بولغىيتى دەپ ئۇقمىغان ، كېىيىن پاسىبانىمنىڭ يازمىلىرىنى كۆرۈش ئارقىلىق ئاز – تولا چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم .يازمىڭىزغا كۆپ رەھمەت .

  2. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پاسىبان ئەپەندى

    مەن يېقىندا بىر دانە 3- ئەۋلەت ئايفون ئالغان ئىدىم تور ئېقىمىم كۆچمە خەۋەرلىشىش 10 يۈەنلىك كەسىپ ئىدى ناۋادا مۇشۇ Cydia دىن بىر نەرسىلەرنى چۈشۈرسەم بۇ ئېقىم يىتەرمۇ

    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بۇنىڭدىكى نەرسىلەرنىڭ سىغىمى ئادەتتە بەك چوڭ ئەمەس. قالغىنى ئۆزىڭىزنىڭ ئىشلىتىشىگە باغلىق. GPRS ئېقىم مىقدارىنى 设置 دىن 通用 غا كىرىپ بۇ جايدىكى 已用时间 نىڭ ئىچىدە 蜂窝网络数据 دېگەن يەردە قوبۇل قىلغان ۋە ئېۋەتكەن ئېقىم تەپسىلاتى بار. ھەر ئاينىڭ بېشىدا 清零 قىلىۋېتىپ، كىيىن مۇشۇنىڭغا دىققەت قىلىپ قويسىڭىز بولىدۇ.

  3. ئايفون ئىشلەتكەنلەر ئەڭ ياخشىسى 联通نىڭ 3g كاردنى ئىشلەتسە بولامدىكىن دەيمەن،ھەر خىل ئىقتىدارلىرى نەق ئايفونغا بۇيرۇتۇپ تىككەندەكلا :kungfu:

  4. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پاسىبان كۇلۇبىدىكىلەرگە كۆپتۈن كۆپ رەخمەت ئاللاھ تىنىڭلىنى سالامەت ئىشلىرىىڭلىنى ئوڭۇشلۇق قىلغاي. مەن يېقىندا ئالما دىن بىر نى سېتۋالغانتىم دوستۇمنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن پاسىبان كۇلۇبىدىن نۇغۇن نەرسىلەرنى ئۆگۈن ۋالدىم، بۇلۇپمۇ ئۇيغۇرچە قاچىلۋېلىپ بەك خوش بولدۇ. رەخمەت!!!!!!!!!!!

    نەشىرنى يېڭلاش نىڭ دەرىسلىكى بارمۇ؟ياكى چۈشەندۈرىشلىرى؟ تۇرمىدىن قاچۇرغان iPhone نىڭ نەشىرنى يېڭلىسا تۇرمىغا سولنىپ قالامدۇ؟
    سولىنىپ قالسا قانداق قاچۇرمىز؟ ئادەتتە تۇرمىدىن قاچۇرغان iPhoneلانىڭ ھەممىسىدەCydia بولامدۇ؟ ئەگەر بولماي قالسا قانداق قاچىلايمىز؟
    ئەگەر ۋاختىنىڭىز چىقسا يۇقارقى سۇئاللارغا تەپسىلى چۈشەندۈرۈش بەرگەن بولسېڭىز! ئەگەر مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سۇئاللارغا بۇرۇن چۈشەندۈرۈش بەرگەن بولسېڭىز ئۇلىنىش قىپ قويسېڭىز شۇ يەر دىن كۈرۋالساممۇ بولىدۇ. رەخمەت!

    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. سېستىما يېڭىلىساق تۈرمىدىن قاچقان ئايفون قايتا تۈرمىگە كىرىپ قالىدۇ. تۈرمىدىن قاچۇرغان iPhone دا Cydia بولىدۇ. شۇڭا ئادەتتە بۇ نەرسە بولمىغان ئايفون تۈرمىدىن قاچمىغانكەن دېسەكمۇ بولىدۇ. سىز بۇ بەتتىكى ئىزدەش ئىقتىدارى ئارقىلىق تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەپ ئىزدىسڭىز مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك يازمىلارنى تاپالايسىز. تۈرمىدىن قاچۇرۇش جەريانى يېڭىلاش جەريانىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ كېتىدۇ. نۆۋەتتىكى ئەڭ يېڭى نەشىرى 5.0.1 سېستىمىسىنىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى ئېلان قىلىنمىدى. شۇڭا بۇ سېستىمىغا يېڭىلاپ قويسىڭىز تۈرمىدىن قاچۇرالمايسىز. تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى ئېلان قىلىنسا ئاندىن يېڭىلىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەگەر تۈرمىدىن قاچۇرماي ئىشلىتەي دېسىڭىز يېڭىلاۋېرىڭ. (ئامېىرىكا نۇسقىسىدەك قۇلۇپى بار نەشىرى بولمىسىلا)

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)


App Store دىن ئىزدەش

iOS 5 نىڭ بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسلىرى

iOS 5.0 ئابونتلىرى 5.0.1 گە يېڭىلىماقچى بولسا OTA شەكلىدىلا يېڭىلىسا بولىدۇ. بۇ ئەڭ قولاي ھەم ئەڭ ئىخچام ئۇسۇل. (مۇناسىۋەتلىك يازما) يېڭىلاش باسقۇچى: 设置-通用-软件更新

iPhone 3GS 4.3.5 5.0 5.0.1
iPhone 4 4.3.5 5.0 5.0.1
(iPhone 4 (CDMA 4.2.10 5.0 5.0.1
iPhone 4S - 5.0 5.0.1
iTouch 3 4.3.5 5.0 5.0.1
iTouch 4 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 1 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 Wifi 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 3G 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 CDMA 4.3.5 5.0 5.0.1

نۆۋەتتە iTunes نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى 10.5.3 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى: [Windows 64] [Windows 32] [Mac]

iTools نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى iTools 2012 Beta 0111 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى:
[English Version] [简体中文] [iTools for Mac]

© 2012 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
E-mail : ICP 备案 : 新ICP备10202432号
بەت ئۈستىگە قايتىش