ئايفون يۇقىرى ئىقتىدارلىق ئەقىلفون بولغىنى بىلەن MP3 فورماتىدىكى ئاۋازنى بىۋاستە قوللىمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىر قىسىم ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزى ياقتۇرغان مۇزىكىلارنى قوڭغۇراق ئاۋازى قىلىپ توغرىلىيالماي ئاۋارە بولۇپ يۈرۈپتۇ. شۇڭا بۇ دەرسلىكنى پۈتتۈردۈم.
ئايفوننىڭ تېلىفون كەلگەندە چىقىدىغان قوڭغۇراق ئاۋازىنى تۈرمىدىن قاچۇرغان بولسۇن بولمىسۇن، iTunes ئارقىلىق قاچىلاشقا بولىدۇ. بۇنىڭغا تۈرمىدىن قاچۇرۇش شەرت ئەمەس. لېكىن بىر شەرتى، فورماتى M4R، ۋاقىت ئۇزۇنلىقى 40 سېكونت ئىچىدە بولىشى كېرەك. مۇشۇنداق بولسىلا ئۆزىمىز خالىغان مۇزىكىلارنى قوڭغۇراق ئاۋازى قىلىپ تەڭشىۋالالايمىز.
ئۇچۇر كەلگەندىكى ئاۋازنى تەڭشەش ئۈچۈن تۈرمىدىن قاچۇرۇش كېرەك. يەنە كېلىپ ئەسلىدىكى سېستىما تەمىنلىگەن ئاۋازنى قاپلىۋېتىدىغان ئىش. بۇنىڭ سېستىمىغا تەسىرى بولمايدۇ دەپ ئېيتقىلى بولمايدۇ. شۇڭا بۇنى تەۋسىيە قىلمىدىم، ھەم چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرمىدىم. خالىسىڭىز توردىن ئىزدىنىپ كۆرۈڭ.
لازىملىق دېتاللاردىن Gold Wave ۋە 魔影工厂 لارنى بۇ جايدىن چۈشۈرۈڭ.
يېشىش پارولى : www.pasiban.com
ئاۋاز ھۆججىتى ياساش ۋە ئالماشتۇرۇشقا بۇ ئىككى دېتال بولىشى شەرت ئەمەس. ھەرقانداق ئاۋاز تەھرىرلەش دېتاللىرى بولسا بولىۋېرىدۇ. ئاخىرىدا ئۆلچەملىك فورماتتىكى M4R غا ئالماشتۇرساقلا كۇپايە. يەنە يولۇققان مەسىلىلەر بولسا ئاستىدا ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرۇڭ.
يېڭىلانغان مەزمۇن:
ئۆزۈم ئىشلەپ قويغان 20 نەچچە تال قوڭغۇراق ئاۋازى بار ئىدى. شۇلارنى قالدۇرۇپ قوياي. خالىساڭلار ئىشلىتەرسىلەر.









































مەنمۇ مۇشۇ ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ ئايلاندۇرۇپ ئىشلىتىۋاتىمەن. قوڭغۇراق مۇزىكىسىغا دېمىسىمۇ 40 سكونت تامامەن يېتىپ ئاشىدۇ، ناۋادا بۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن ئېھتىياج بولسا، iTools ئارقىلىق قاچىلىغىلى بولارمىش.
شۇنداق. بۇنداق قاچىلىغىلى بولىدىغان نەرسە كۆپ. iTool, 同步推, 91 دېگەندەك. بۇنىڭ بىلەن قاچىلىغاندىن كىيىن بىر قېتىم iTunes بىلەن ماسقەدەملىسەك ئۇلار ئۆچۈپ كېتىدۇ. قايتىدىن قاچىلاشقا توغرا كېلىدۇ. مۇشۇنداق چاتاق يېرى بار.
بىر سائەت ھەپىلىشىپ 40 سىكونتلۇق چېكى بارلىقىنى ئاران بايقىغان.
شۇنداق قىلىپ، مەن فوننىڭ ئۆزىنىڭ ‹‹تىراۋوگا››(Alarm)نى قۇڭغۇراق قىلىۋالدىم، باشتا ياقتۇرمىغان، كېيىن…بەك ئاقسا چىقىدىكەن!
1-مىنىڭ چۈشمىدىغۇ؟
سىزنىڭ بۇ دەرىسىڭىز نى كۆرۈپ مەندە تىمىغا مۇناسىۋەتسىز يەنە بىر سۇئال تۇغۇلدى
Chrome تور كۆرگۈچىڭىز نىڭ باش بىتىدە 3رەت تىزىلغان توربەتلەرنى كۆردۈم.. مىنىڭ كىدە ئىككى رە… يەنە كىلىپ پات-پات بۇ توربەتلەر يوقاپ كىتىدۇ…
Chrome غا شۈنلى ۋە بازى كىرەكلىك دىتاللارنى قانداق قوشوپ ئىشلىتىشنى تازا چۈشەنمەي يۈردۈم…بولوپمۇ ماترىيال چۈشۈرۈش،تاۋباۋدىن نەرسە سىتىۋاغاندا پۇل تاپشۇرۇشتا سەل قولايسىز ھىس قىلدىم بۇ ھەقتە ئازراق چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز
سىزنىڭكىدە 2 رەت چىققىنى سىز داۋاملىق ئاچىدىغان تور بەتلەرنىڭ قىسقارتىلما ئۇلىنىشى. ئەگەر زىيارەت خاتىرىسىنى ئۆچۈرىۋەتسىڭىز ئۇلارمۇ يوقاپ كېتىدۇ. زىيارەت قېتىم سانىڭىزغا ئاساسەن تىزىپ چىقىپ بېرىدىغان نەرسە ئۇ.
مەندىكىسى كرومنىڭ كېڭەيتىلگەن قىستۇرمىسى. بۇ جابدۇقلارنى قوشۇش ئارقىلىق كرومنى تېخىمۇ كۈچلۈك، قولاي قىلغىلى بولىدۇ. مېنىڭ قاچىلىغىنىم Speed Dial دېگەن قىستۇرما. بۇنىڭغا بىز داۋاملىق ئاچىدىغان بەتلەرنى كرومنىڭ باش بېتىدە نومۇر تاختىسى شەكلىدە ئورۇنلاشتۇرىۋالالايمىز. بۇ قىستۇرمىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسى:
https://chrome.google.com/webstore/detail/dgpdioedihjhncjafcpgbbjdpbbkikmi?hl=zh-CN&hc=search&hcp=main
بۇ بەتنى ئېچىپ 添加至chrome浏览器 نى باسسىڭىز بولىدۇ.
迅雷 دېگەندەك چۈشۈرۈش دېتاللىرىنى تونۇماسلىقىنى بۇ قىستۇرمىنى قاچىلاپ ھەل قىلالىشىڭىز مۇمكىن.
https://chrome.google.com/webstore/detail/gmpllenfapkfpdkahamlbmbichihpmmg?hl=zh-CN
تاۋباۋدا پۇل تاپشۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم IE بولىشى كېرەك. بىز كرومنىڭ ئىچىدىلا IE بىلەن بەتلىرىمىزنى كۆرەلەيمىز. شۇنىڭ بىلەن دىيارىمىزدىكى بەزىبىر FireFox ۋە Chrome دا نورمال كۆرۈنمەيدىغان تور بېكەتلەرنى نورمال زىيارەت قىلالايمىز دېگەن گەپ. ئەگەر تاۋباۋ، تور بانكىسى ۋە ئاشۇنىڭغا ئوخشاش IE بولمىسا نورمال كۆرۈنمەيدىغان بېكەتلەر ئۇچراپ قالسا IE Tab دېگەن بۇ قىستۇرمىدىن پايدىلىنىپ كرومنىڭ ئىچىدە IE نىڭ ماتورىنى ئىشلىتىپلا ئاچسىڭىز كۇپايە. ئايرىم IE نى قوزغىتىپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق. بۇ قىستۇرما:
https://chrome.google.com/webstore/detail/hehijbfgiekmjfkfjpbkbammjbdenadd?hl=zh-CN&hc=search&hcp=main
بەتنى IE ماتورىدا كۆرۈشكە ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى e نىڭ رەسىمى كۆرىنىدۇ. شۇنى باسسىڭىز بولدى.