مۇشۇ ماۋزۇدىكى تېمىلىرىمىز بىر چاغلاردا ئارقىمۇ-ئارقا ئېلان قىلىنغان ئىدى. كىيىن ئۆزۈم تۈرمىدىن قاچۇرۇشنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاۋارىچىلىقى تۈپەيلى داۋاملاشتۇرۇشنى توختىتىپ قويغان ئىدىم. يېقىندا iOS 5.0.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلىمۇ ئېلان قىلىندى. مەن شۇ قاچقۇنلارغا بۈگۈن بۇ سوۋغىنى ئېلىپ كەلدىم.
ئەسكەرتىش: تۈرمىدىن قاچۇرۇش گەرچە قانۇنلۇق بولسىمۇ، قاچۇرماي ئىشلىتىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. بۇنىڭدا سېستىما مۇقىم بولىدۇ، چوڭ-كىچىك كاشىلا كۆرۈلمەيدۇ ياكى ئاز كۆرۈلىدۇ. باش ئاغرىقتىن خالىي بولغۇسى بار كىشىلەرگە تۈرمىدىن قاچۇرماي ئىشلىتىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
iOS تە In App Purchasing دەيدىغان بىر نەرسە بار. يەنى «ئەپ ئىچىدىن سېتىۋېلىش» . بۇنىڭ ئىسمىدىنلا چىقىپ تۇرۇپتىكى، بەزى ئەپلەرنىڭ بەزىبىر ئىقتىدارلىرىنى ئەپ ئىچىدىن قايتا سېتىۋالغىلى بولىدىغان قىلىپ ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدۇ. ئادەتتە بەزى بىر قىسىم ئويۇنلارنىڭ ئالاھىدە مەيدانلىرى، پۇللىرى، قورال-جابدۇقلىرى قاتارلىق قوشۇمچە ئىقتىدارلىرىنى بىز ئەپ ئىچىدىن پۇل تۆلەپ سېتىۋالىمىز.
مىسالغا ئالساق، Talking Tom, Talking Gina, Talking Ben دەيدىغان دورامچۇق ئائىلىسىنىڭ ئەزالىرىنى ھەممەيلەن بىلىمىز. بۇلارنىڭ ھەممىسى App Store دا ھەقسىز. لېكىن ئەپ ئىچىگە كىرىپ بەزى ھەرىكەتلىرىنى باسساق ئىشلىمەيدۇ. بۇنى سېتىۋېلىش لازىم بولىدۇ. ئەپ ئىچىدىن ئايرىم پۇل تۆلەپ سېتىۋالساق ئاندىن ئىشلەيدۇ. مېنىڭچە بۇ ئىقتىدارىنى ھەممەيلەن چۈشەندى.
گەپكە كەلسەك، مۇشۇنداق «ئەپ ئىچىدىن سېتىۋېلىش» دېگەن ئىقتىدارىنى بۈگۈن تونۇشتۇرماقچى بولغان بۇ ياماق ئارقىلىق «بىتچىت» قىلىپ، ھەقسىزلا ئاشۇ ئىقتىدارلارغا ئېرىشكىلى بولىدۇ!
قاراڭە سىزگە، كۆزلىرىڭىز ۋاللىدە يورۇپ، ئاغزىڭىز قۇلىقىڭىزغا يېتىپتۇ. ياق دېمەڭ، بۇنداق قىلمىغىنىڭىز بىلەن ئىچىڭىزدە خوش بولىۋاتىسىز ھەقاچان… داۋاملاشتۇرايلى…
قاچىلاش ئۇسۇلى
بۇنىڭ ئۈچۈن مۇنداق قىلىمىز. ئاۋال Cydia غا تۆەندىكى مەنبەنى قوشىمىز.
مەنبە قوشۇشنى بىلمەمسىز؟ ئۇنداقتا بۇ يازمىغا مۇراجىئەت قىلىڭ. مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق قوشالايسىز. ئاددىي قىلىپ چۈشەندۈرسەك، Cydia دىكى 管理 دىن ئوتتۇرىدىكى 软件源 نى تاللايمىز. ئاندىن ئوڭ ئۈستىدىكى 编辑 ئاندىن سول ئۈستىدىكى 添加 نى باسىمىز. ئاندىن ئادرېسنى يازىمىز، ئىش تامام.
بىر قاتار تەستىقلاشلاردىن كىيىن مەنبە مۇۋاپپىقىيەتلىك قوشۇلىدۇ. ئىزدەيدىغان جايغا IAP Cracker دەپ ئىزدەڭ. ئىزدىسىڭىز، ئىسمى IAP Cracker 游戏内购破解 دېگەن بىر نەرسىنى تاپىدۇ. شۇنى قاچىلاڭ، ئىش تامام! مانا مۇشۇنداق ئاددىي.
بۇ ياماقنىڭ پايدىسى
بۇنى دېمىسەممۇ بولا؟
بۇ ياماقنىڭ زىيىنى
قاراپ تۇرۇپ سىز باشقىلارنىڭ بىرەر ئىككى يۈز كويغا ساتىدىغان نەرسىسىنى ھەقسىز چۈشۈرسىڭىز ئۇلارنىڭ ئەلۋەتتە ئىچى ئېيچىشىدۇ. ئالما مۇشۇنداق پروگراممېرلىرىنىڭ بۇ باش ئاغرىقىنى ھەل قىلىشى ئۈچۈن UDID دېگەن بىر نەرسىنى ئىجاد قىلغان. بۇ سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىزنىڭ ھەر بىر ئەپ ئۈچۈن ئايرىم-ئايرىم ئاپتۇماتىك ھاسىل قىلىدىغان بىردىنبىر كىملىكى. سىز مۇشۇ كىملىك ئارقىلىق ئەپ ئىچىدىن سېتىۋالىسىز. دېمەك سىز پۇللۇق نەرسىنى بىكارغىلا ئىشلەتسىڭىز ئۇلار قاراپ تۇرماي، ئۆزلىرىنىڭ مۇلازىمېتىرىدا سىزنىڭ UDID رىڭىزنى پىچەتلىۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىز شۇ شىركەتنىڭ باشقا ئەپلىرىدىنمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بەھرلىنەلمەيسىز. چۈنكى سىز خەقنىڭ مۇلازىمېتىرىدا قارا تىزىملىككە كىرىپ كەتكەن.
تويۇڭە ئەمدى! ھا ھا ھا …
لېكىن …
ئەمما …
بىراق …
ئەپسۇسلانماڭ ! بۇنىڭغىمۇ ئامال بار! بىلدۈرگۈنى داۋاملاشتۇرىمىز.
UDID نى ئالماشتۇرۇشقا بولارمۇ؟
سىزمۇ شۇنى ئويلىغانمىدىڭىز؟ ئەگەر بىزنىڭ ئۈسكۈنىمىزنىڭ UDID سىنى ئالماشتۇرغىلى بولسا، ئويۇن شىركەتلىرى بىزنىڭ يېڭى ID رىمىزغا ئاساسەن بىزنى يېڭىدىن بىر خېرىداركەن دېسە … ئۇ چاغدا تولىمۇ پەچەت ئىش بولاتتىدە ھە؟
شۇنداق. ئەلۋەتتە پەچەت ئىش بولاتتى. ئۇنداقتا بۇنى بىز بىر ئامال قىلىپ «پەچەت» قىلايلى. Cydia دىن UDIDFaker دەپ ئىزدەڭ. ئىزدىسىڭىز UDIDFaker 伪造udid دەپ بىر نەرسە چىقىدۇ. شۇنى قاچىلىۋېتىڭ.
بۇ بىر ئەپ بولۇپ، باش بەتتە ئايرىم ئايكونى بار. شۇنى بېسىپ كىرىپ، ھەر بىر ئەپ ئۈچۈن يېڭىدىن ساختا UDID ياساپ بېرەلەيدۇ. مەن تېخى بۇنى ئىشلىتىش «شەرىپىگە» نائىل بولمىدىم. قارىسام ئاددىيلا بىر ئەپ ئىكەن. سىزگە بۇ پۇرسەت كەپقالسا ئىشلىتىپ كۆرەرسىز. سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.
كىچىككىنە ئىلتىماس
ئاخىرىدا دوسلارنىڭ كۇلۇبىمىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىشى ئۈچۈن، قوللاش يۈزىسىدىن 2011-يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، بلوگىمىزغا بېلەت تاشلاپ قويۇشىنى، دوستلىرىڭىزغىمۇ تەۋسىيە قىلىپ قويۇشىڭىزنى ئىلتىماس قىلىمەن. پائالىيەت مەزمۇنى ئاستىدىكى رەسىملىك ئۇلانمىدا.









































تاشلاۋاتىمىز ، ئەمما ھەر بىر مۇنبەردە پەقەت بىر قېتىملا بېلەت تاشلاش پۇرسىتى باركەن ، ئىزدىنىشتا مەن ئىككى قېتىم تاشلىيالىدىم ، بىر قېتىمدا كومپىيوتىردا زىيارەت قىلغاندا بىر بېلەت تاشلىدىم، ئىككىنجى قېتىم سىناپ باقسام تاشلىغىلى بولمىدى .
ئەتىسى ، ئايفۇندا زىيارەت قىلىۋاتقان چاغدا ، ئايفۇندا تۇرۇپ سىناپ بېقىش خىيالىغا كېلىپ ، ئايفۇن ئارقىلى ئىزدىنىشقا كىرىپ تىزىملىتىپ بېلەت تاشلاپ باقسام تاشلىغىلى بولدى ، ئايفۇنى بارلار ئايفۇن ئارقىلىق ئىككىنچى بېلەتنى تاشلاپ سىناپ بېقىڭلار .
بۇنىڭىدىن قارىغاندا ، ئوخشىمايدىغان ئايپى ئادرىسىدا يەنە بېلەت تاشلاش ئېمكانىيتى بولامدۇ قاندق ، ئەمما مەن سىناپ باقمىدىم، ، شارائىتى بارلار ئوخشىمايدىغان ئايپىدا تۇرۇپ بىر سىناپ بېقىڭلار …
بېلەت تاشلاش تەسىس قىلىنغان مۇنبەردىن پەقەت ئىككىسىگىلا ئەزا ئىكەنمەن ، شۇ ئىككىسىدە تاشلىدىم، باشقا مۇنبەرلەرگە ئەزا ئەمەسكەنمەن ، يېڭى ئەزا بولساقمۇ بەرىبىر تاشلىغىلى بولمايدىغان ئوخشايدۇ .
ئاكتىپ ئىنكاسچىلار تۈرى قاچان قوشۇلدى ؟
مېنىڭ ئىسمىممۇ باركەن ، ئەمما ئارانلا 7 ئىنكاس يوللىدى دەپ تۇرىدىيا ، مېنىڭ بۇ مۇنبەردە يوللىغان ئىنكاسىم ھېچبولمىسا 70 چىقىتى … ، ياكى تەسىس قىلىنغان ۋاقتىن باشلاپ ھېسابمۇ يا ؟
ئىنكاسنى كۆپ يوللىساق بىزگىمۇ بىرەر مۇكاپات بارمۇيا ؟
بۇ يېقىنقى 30 كۈنلۈك ئىنكاس يېزىشنى سىتاتىستېكا قىلىدۇ.
مۇكاپاتنى ئويلىشىۋاتىمىز.
ما بۈگۈنكى تۇنۇشتۇرغان تېمىڭىز ماڭا قېرى كالىغا پىچاق خوش ياققاندەك بەكلا خوش ياقتى جۇمۇ؟
توۋا دەيمەن نەچچە كۈننىڭياقى ..تۈرمىدىن قاچقان ئايفۇنغا مەنبە قوشالماي بوغولوپ يۈرەتتىم…مەنبە قوشولمىسىمۇ مۇنۇ ئەپنى قاچىلىۋەتتى….دورامچۇق تامغا بىرمۈنچە خەجلەپتىمەن تازا بىكارلىق بوغاندىكىن دەپ
UDIDFaker 伪造udid چۇشمىدى لىكىن
مۇشۇ ئالما شىركىتى بىلەن مۇشۇنداق خاككېرلار ھەجەپ تىپىشىدۇ دېسە ؟
بىرسى ئىتىۋېتكەن يوچۇقنى يەنە بىرسى تىشىپ . . . . .
ئاجايىپ ئىسىل يازما بوپتۇ . رەھمەت !