iTunes ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ھەمراھى. ھەرقانداق iTools, 91 دېگەندەك ياردەمچى قوراللارمۇ، iTunes قاچىلانمىغان كومپىيۇتېردا كۈچىنى يوقىتىدۇ. iTunes  ئارقىلىق ئەپ چۈشۈرگەندە ئالمىنىڭ جۇڭگودا مۇلازىمىتېرى بولمىغانلىقتىن دائىم 20~30 كېلوبايتلىق سۈرئەت بىلەن چۈشىدۇ. ئەگەر خەرىتىگە ئوخشاش 2 گېگابيت كېلىدىغان نەرسىنى چۈشۈرۈشكە توغرا كەلسە، چۈشۈپ بولغۇچە يېڭى نۇسقىسى چىقىپمۇ ئۈلگۈرىشى مۇمكىن.

ھازىر ئايفون ۋە ئايپەدتىكى ئويۇنلارنىڭ سەرخىللىشىشىغا ئەگىشىپ چوڭ ھەجىمدىكى نادىر ئويۇن ۋە ئەپلەر بارغانسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ. بۇنداق نەرسىلەرنى ئاران 20 كېلوبايتتىن چۈشۈرگىلى تۇرسا ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىپلا قويىدىغان گەپ. ئۇنداقتا بۇ ئوقەتنىڭ سۈرئېتىنى ئاشۇرۇشقا ئىمكان بارمۇ يوق؟

بىر ئامالى : جۇڭگودىكى مۇلازىمېتىرلارغا يوللاپ قويۇلغان «يېشىۋېتىلگەن» نۇسقىسىنى چۈشۈرۈش. لېكىن بۇ بىۋاستە iTunes  نىڭ چۈشۈرۈش سۈرئېتىنى يېڭىلىمايدىغان قارىسىغىلا تاپقان بىر ئامال. بۇ ئامال ئەمەلىيەتتە ئاقماس بىر ئامال!

ئەسلى Apple شىركىتى جۇڭگو بازىرىغا كىرمىگىنى بىلەن شىياڭگاڭغا بالدۇرلا كىرگەن ئىكەن ئەمەسمۇ. ئەگەر بىر چۈشۈرۈش مۇلازىمىتېرىنى شىياڭگاڭدىكى مۇلازىمېتىرغا توغرىلاپ قويساق ئۇ چاغدا ئامېرىكىغا قارىغاندا يېقىنراق بولغاچقا تېز سۈرئەت بىلەن چۈشۈرىشى مۇمكىن. ئىشقىلىپ ھەق ئالمايدىغان، زىيان قىلمايدىغان ئامال بولغاندىن كىيىن قېنى بىر سىناپ باقامدۇق؟

بۇ ئۇنچە بەك قىيىن ئەمەس، لېكىن سىناقتىن ئۆتكەن كۆرۈنەرلىك پەرقكە ئېگە بولغان بەلەن ئامال. تۆۋەندە باسقۇچلارنى كۆرسەتكەن ئۇسۇل بويىچە بىر-بىرلەپ قىلىپ چىقايلى. ئادەتتە بۇنى مۇۋاپىقىيەتلىك توغرىلىغاندىن كىيىن iTunes تىن ئەپ چۈشۈرگەندە تورنىڭ ئەڭ يۇقىرى سۈرئېتىگە چىقىدۇ.

ئاۋال مۇلازىمېتىر سۈرئېتىنى ئۆلچەيدىغان بۇ دېتالنى چۈشۈرۈڭ. چۈشۈرۈپ يېشىپ ئىچىگە قارىسىڭىز PingInfoView.exe دېگەن ئىجرا ھۆججىتىنى كۆرىسىز. ئۇنى ئېچىڭ.

چىققان كۆزنەكتىن OK نى بېسىڭ. ئاندىن بۇ دېتال سىزنىڭ كومپىيۇتېرىڭىزدىكى تور مۇھىتىنى تەكشۈرۈپ ئالما مۇلازىمېتىرى بىلەن ئۇلىنىش ئەھۋالىنى تېپىپ چىقىدۇ. ئاندىن كۆزنەكنىڭ ئاستىدىكى ئوڭ-سولغا سۈرىدىغان جاينى ئوڭ تەرەپكە سۈرۈپ ئۈستىدىكى Average Ping Time دېگەن تىك رەتنى تېپىپ چىقىڭ. ئاندىن شۇ جاينى بېسىپ ساننى كىچىكتىن چوڭغا قارىتىپ تىزىڭ.

تىزغاندىن كىيىن ئەڭ ئۈستىدە Average Ping Time قىممىتى ئەڭ كىچىك بولغىنى تىزىلىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى شۇكى، بۇ سانلىق قىممەت سىزنىڭ كومپىيۇتېرىڭىز بىلەن ئالمىنىڭ مۇلازىمېتىرى ئارىسىدىكى ئىنكاس قايتۇرۇش ۋاقتى بولۇپ، بۇ ۋاقىت قانچە كىچىك بولسا، سىزگە شۇنچە تېز ئۇلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. يەنى بۇ PING ۋاقتى. ئاندىن ئەڭ كىچىك بولغان شۇ مۇلازىمىتىرنى ئىككى قېتىم چەكسەك تەپسىلاتى چىقىدۇ.

ئاندىن بۇنىڭ IP ئادرېسىنى كۆچۈرىۋېلىڭ. ئادىن بۇ ھۆججەتنى چۈشۈرۈڭ hosts.rar  . بۇنى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كىيىن يېشىپ ئىچىگە قارىسىڭىز hosts ناملىق بىر ھۆججەتنى كۆرىسىز. ئۇنى 记事本 بىلەن ئېچىڭ. ئاندىن Ctrl+H نى بېسىپ، ياكى 编辑 دىن 替换 نى باسسىڭىز ئالماشتۇرىدىغان كۆزنەك چىقىدۇ. بۇ ئىقتىدارى ئارقىلىق ئىچىدىكى IP ئادرېسىنى بايا بىز كۆچۈرىۋالغان ئادرېسقا ئالماشتۇرىمىز. بۇنىڭ ئۇسۇلى بەكلا ئاددى. ئۈستىگە hosts ھۆججىتىنىڭ ئىچىدىكى ئادرېسنى ئاستىغا ھېلىقى دېتالدىن كۆچۈرىۋالغان ئادرېسنى چاپلاپ 替换全部 باسساق بولدى. رەسىمگە قاراڭ.

ئاندىن ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق ئادرېس بىز كۆچۈرىۋالغان ئادرېسقا ئالمىشىدۇ. ئاندىن بارلىق مەزمۇننى كۆچۈرۈپ ئېلىڭ. (Ctrl+A ئاندىن Ctrl+C ) كۆچۈرۈپ بولغاندىن كىيىن بۇ جاينى ئېچىڭ:

windows/system32/drivers/etc

بۇنىڭ ئىچىدە بايىقىغا ئوخشاشلا hosts دەيدىغان بىر ھۆججەتنى كۆرىسىز. ئەگەر سىز نەشىر تۆۋەنلەتكەن بولسىڭىز بۇ نەرسە بىلەن ھەپىلىشىپ باققانغۇ دەيمەن. بۇنى يەنە 记事本 بىلەن ئېچىڭ. ئاندىن ئەڭ ئاستىغا كېلىپ بايا كۆچۈرىۋالغان مەزمۇننىڭ ھەممىنى شۇ يەرگە چاپلاڭ.

ساقلاپ چېكىنىڭ (Win7 دە باشقۇرغۇچى سالاھىيىتىدە ئاچمىسىڭىز تەھرىرلىيەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن). ئىش تامام. ئەمدى چۈشۈرۈپ بىر سىناپ بېقىڭ. مەن ئۆزۈم سىنىدىم. 500 كېلوبايتتىن يۇقىرى سۈرئەت بىلەن چۈشۈرىۋاتىدۇ.

ئەمەلىيەتتە بىز تۈرمىدىن قاچۇرغان بولساق، ئايفون ۋە ئايپەدتىكى چۈشۈرۈش سۈرئېتىنىمۇ مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە تېزلەشتۈرەلەيمىز. ئۇسۇلى ئوخشاش. بۇ يەردە iOS ئۈچۈن تەييارلانغان hosts ھۆججىتىنى تەمىنلىدىم. بۇنى چۈشۈرىۋېلىڭ hosts-ios.rar . ئاندىن يېشىپ ئىچىدىكى ھۆججەتنى ئېچىپ بايىقى ئۇسۇل بويىچە ئادرېسنى بىزگە يېقىن مۇلازىمېتىرنىڭ ئادرېسىغا (بايا ھېلىقى دېتال ئارقىلىق تېپىپ كۆچۈرىۋالغان ئادرېسقا) ئالماشتۇرىمىز. (رەسىمنى چېكىپ چوڭايتىڭ)

ساقلاپ بولغاندىن كىيىن iFunbox ياكى iTools ئارقىلىق ئاساسى مۇندەرىجە ئاستىرىدىكى /etc دېگەن بۇ جاينى ئېچىڭ. ئىچىگە قارىسىڭىز hosts ھۆججىتىنى كۆرىسىز. (رەسىمنى چېكىپ چوڭايتىڭ)

بۇنى سىز بايا يېشىپ تەھرىرلىگەن ھۆججەتكە ئالماشتۇرىۋېتىڭ. كۆچۈرۈپ ئەكىلىپ قاپلىۋەتسىڭىز بولىدۇ.

ئەسكەرتىش: بۇنداق قىلىش بەلكى ئايفون ياكى ئايپەدنىڭ سېستىمىسىنى بۇزۇپ قويۇشى مۇمكىن. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئەسلىدىكى hosts ھۆججىتىنى ئاۋال زاپاسلىۋېلىڭ. ناۋادا بۇزۇلۇپ كېتىپ قالسا ئەسلىدىكىسىنى قايتۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ.

 

خوش، ئەمدى ئايفوننى قايتا قوزغىتىپ App Store دىن چوڭراق بىرەر نەرسە چۈشۈرۈپ سىناپ بېقىڭ. نورمالدىكىگە قارىغاندا تېز چۈشىۋاتامدۇ؟

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



22 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. ئاندىن hosts نىڭ ئىچىدىن youtube دېگەندەك دۆلەت ئىچىدە ئېچىلمايدىغان ئادرېسلارنى سۈزىۋەتسەكمۇ خېلى ئۈنىمى بولىدىكەن.

  2. بولىدىغان ئىشكەن. سىناپ بېقىپ قىلالمىسام ياردەم سورايمەن.

  3. يېقىندىن بېرى بەك كۈچەپكىتىۋاتىسىز جۇمۇ! ئارام ئېلىپراق قىلىڭ، خىزمەت بىلەن بۇنىڭ بېسىمى سىزنى مىجىپ قويمىسۇن يەنا! ئاللا تىنىڭىزنى سالامەت ، ئائىلىڭىزنى بەخىتلىك قىلسۇن. (بىزنىڭ ماشىنا بەتلىرىمىز چۆلدەرەپ قېلىۋاتىدۇ دىسە!)

  4. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پاسىبان. مەن ئالمىنىڭ يېڭى ئىشلەتكۈچىسى. مەن ئالما توغرىسىدا ھېچنەرسە ئۇقمايمەن. سىزدىن سورايدىغىنىم، مەن كومپىيۇتېرىمدىن iPod 4 كە قانداق قىلىپ نەرسە چۈشۈرەلەيمەن؟ iTunes تىكى ۋەياكى توردىكىلەرنىچۇ؟

    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. سىز ئايپودىڭىزنى (ئەمەلىيەتتە ئايفون بىلەن ئوخشاش، پەقەت تېلىفون ئۇرغىلى بولمايدۇ) تېزرەك چۈشىنەي، ئالمىنى بىلىپ يېتەي دېسىڭىز پاسىبان كۇلۇبىدىكى خەزىنە دېگەن جايغا كىرىپ بىر باشتىن تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىڭ. ئەگەر ئايپودىڭىزنى چۈشىنەي، پايدىلىناي، ئاچچىقىنى بىر چىقىراي دەيدىكەنسىز، مۇشۇ يەردە سىزگە 2~3 كۈندە ھەزىم قىلىپ تۈگىتەلمىگۈدەك بايلىقلار بار. ئەستايىدىللىق بىلەن تەپسىلىي كۆرۈپ چىقسىڭىز نۇرغۇن سۇئاللىرىڭىزغا جاۋاب تاپالايسىز. نەچچە كۈندە باشقىلارنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىدىغان نوچى نەرسىلەرنى قاچىلىيالايسىز، ئەركىن بىمالال مەشغۇلات قىلالايسىز. سوئال سوراشقا ئالدىرىماڭ. ھەممە شۇ يەردە بار. ھەر بىر ئىنكاس، ھەر بىر مەزمۇن ئۇلىنىشلارغا ئەستايىدىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ. چوقۇم پايدىلىنالايسىز.
      /hezine

  5. مەن ماۋۇ ئۇسۇلنى بىلمەيدىكەنمەن، بىراق مەن سيدىيا دىن
    Appstore下载加速补丁 دىگەننى قاچىلاپلا بۇ ئۈنۈمگە ئىرىشكەن… بۇرۇنقىدىن زادى خېلىلا بەك تىز چۈشىدىغان بولغانتى… ماۋۇنىمۇ بىر سىناپ باقىدىغان ئىشكەن …

  6. ئەمدى قانداق قىلىمەن پاسىبانىم! ئايتۇنس دىمۇ، ئايپەد تىمۇ ھېچنەرسە چۈشۈرگىلى بولمىدى.

  7. بايا قوشقان ipئادرىسنى hostsھۆججىتىنىڭ ئىچىدىن يۇۈېتتىم، ھازىر ئايتۇنستا بۇرۇنقىدەك چۈشۈۋاتىدۇ، ئەمدى ئايپەدنىڭ ئىچىدىكى hostsنىڭ ئىچىدىكى مەزمۇننى نىمىگە ئۆزگەرتىمەن؟ كومپىيوتىرنىڭ ئىچىدىكىگە ئوخشامدۇ؟

    • دەسلەپ بۇرۇنقى ھۆججەتنى زاپاسلىۋالمىغانما ئوغاۋالا؟ بۇزۇلغان بولسا بۇرۇنقىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قويساقلا بولمىدىمۇ. ئۆزى كىچىككىنە ھۆججەت بولغىنى بىلەن مۇشۇنداق مۇھىم نەرسە بۇ. شۇڭا ئۆزگەرتىشتە ئېھتىيات قىلىمىز. باشتىكىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قويساق بولىدۇ. كومپىيۇتېردىكىسى بىلەن ئوخشىمايدۇ.

    • جۇغلان، كومپىيۇتېردىكى iTunes قا تەمىنلىگەن hosts نى بىۋاستە ئايفونغا كۆچۈرگەن ئوخشىمامسىز؟ ئايفوننىڭ ھۆججىتى ئايرىم ئىدى. شۇنى چۈشۈرۈپ ئاندىن قاچىلاڭ. بۇ ئۇلىنىشتىكى host نى ئالماشتۇرۇپ سىناپ بېقىڭ. ئوڭشىلىشى مۇمكىن.
      http://www.kuaipan.cn/index.php?ac=file&oid=5519445292252222

  8. ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ،ios ئۈچۈن يەييارلانغان hosts ھۆججىتىنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرسى كۆرۈنمەيدىغۇ ؟

  9. ھى ھى ، ماۋۇ ئۇسۇل شۇنداق ياخشىكەن ، مەن بىر يوللا iTunes نىڭ چۈشۈرۈش سۈرئېتىنى تېزلىتىۋالدىم ، مېنىڭ تور مۇھىتىم تېلېگرافنىڭ 3G سىمىسىز تورى ئىدى ، مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن iTunes نىڭ چۈشۈرۈش سۈرئېتىنى تېزلەتكەندىن كېيىن سكونتىغا 350kb دىن يۇقىرى سۈرئەت بىلەن چۈشۈرۋاتىدۇ ، بۇرۇن ئاران 2kb لىق سۈرئەت بىلەن چۈشەتتى . لېكىن iphone دىكى iTunesقا مەن cydia دىن سۈرئەت تېزلىتىدىغان بىر ئەپ چۈشۈرگەن ، شۇنى چۈشۈرگەندىن بۇيان خىلى كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمى بولغان ئىدى .

  10. مەن ھەقىقەتەن ئۈنۈمىنى كوردۇم, ايپەتتە يازغان。توغرا چۈشۈنۈڭلار。

  11. ياشاپ كېتىڭاي! ئاخىرى كۆڭلۈمدىكىدەك قىلىۋالدىم~

  12. ياشاپ كېتىڭاي غوجام ياممان ئامدان بولاپ كەتتا بۇ سۇرئىتى ئەمدى(بەك خۇشال بولغان چىراي ئىپادىسى)

  13. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇشۇ ئۇسۇلنىڭ mac ئۈچۈن ئىشلىتىلىشىنىمۇ بىر چۈشەندۈرىۋەتسىڭىز بوپتىكەن.

    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. مەنمۇ Mac نىڭكىنى ئۆزگەرتىۋالدىم. ئۇنىڭدىمۇ SpotLight ئارقىلىق host دەپ ئىزىدسىلە بىر نەرسىنى تاپىدىكەن. مەن ئاشۇنى يامان تەستە بىر ئۆزگەرتىپ قاملاشتۇرىۋالغان ئىدىم. لېكىن يېقىندىن بۇيان ئالما جۇڭگوغا يېقىنراق مۇلازىمېتىرنى تەڭشىگەنمۇ، بۇ ئۇسۇل تازا ئۈنىمىنى كۆرسىتەلمەيۋاتىدۇ. تېخى ھېچقانداق بىر ئەپنى چۈشۈرەلمىدى.

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)


App Store دىن ئىزدەش

iOS 5 نىڭ بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسلىرى

iOS 5.0 ئابونتلىرى 5.0.1 گە يېڭىلىماقچى بولسا OTA شەكلىدىلا يېڭىلىسا بولىدۇ. بۇ ئەڭ قولاي ھەم ئەڭ ئىخچام ئۇسۇل. (مۇناسىۋەتلىك يازما) يېڭىلاش باسقۇچى: 设置-通用-软件更新

iPhone 3GS 4.3.5 5.0 5.0.1
iPhone 4 4.3.5 5.0 5.0.1
(iPhone 4 (CDMA 4.2.10 5.0 5.0.1
iPhone 4S - 5.0 5.0.1
iTouch 3 4.3.5 5.0 5.0.1
iTouch 4 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 1 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 Wifi 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 3G 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 CDMA 4.3.5 5.0 5.0.1

نۆۋەتتە iTunes نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى 10.5.3 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى: [Windows 64] [Windows 32] [Mac]

iTools نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى iTools 2012 Beta 0111 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى:
[English Version] [简体中文] [iTools for Mac]

© 2012 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
E-mail : ICP 备案 : 新ICP备10202432号
بەت ئۈستىگە قايتىش