App Store دا ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى ئەپلەرنى ئۇچرىتىمىز. بۇلارنىڭ سانى، تۈرى كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ. مۇشۇلارنىڭ قاتارىدا ئىسلامىي ئەپلەرنىڭ سانىمۇ ناھايىتى زور سالماقنى ئېگەللەيدۇ. بۈگۈن سىلەرگە تەۋسىيە قىلماقچى بولغان بۇ ئەپنى مەن مۇشۇ تۈردىكى ئەپلەر ئىچىدە ئەڭ ئېسىل بىر ئەپ ھېساپلايمەن.
Quran Majeed دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ئەپ پاكىستان Pak Data Management Service شىركىتى تەرىپىدىن ياسالغان قۇرئان ئوقۇغۇچ بولۇپ، ئاۋازلىق ئوقۇش، تەرجىمىسىنى كۆرسىتىش، ئايەتنى خالىغانچە چوڭ-كىچىك كۆرسىتىش ۋە ئۇنىۋېرسال بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئېگە.
ئاۋازلىق ئوقۇش Lite نۇسقىسىدا (سىناق نۇسقىسى) پەقەت ئابدۇراھمان سۇدەيس ۋە شۇرەيم دىن ئىبارەت ئىككى قارىنىڭ ئاۋازى تەمىنلىنىدۇ. تولۇق نۇسقىسى (ھەقلىق نۇسقىسى) دا جەمئىي 10 قارىنىڭ ئاۋازى تەمىنلىنىدۇ.
تەرجىمىسىنى كۆرسىتىشتە سىناق نۇسقىسىدا پەقەت سۈرە فاتىھەنىڭ ئېنگلىزچە تەرجىمىسى كۆرىنىدۇ. تولۇق نۇسقىسىدا ئېنگلىزچە، فرانسۇزچە، نېمىسچە، تۈركچە، روسچە قاتارلىق 12 خىل تىلدا تەرجىمىسى كۆرىنىدۇ. شۇنداقلا پۈتۈن سۈرىلەرنىڭ تەرجىمىسىنى تولۇق كۆرسىتەلەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئېنگلىزچە ۋە ئوردۇچە تەرجىمىسىنى ئاۋازلىق ئوقۇيدۇ.
ئايەتنى خالىغانچە چوڭ-كىچىك كۆرسىتىش دېگىنىمىزدە iPad ۋە iPhone نىڭ ئېكرانىغا ماس ھالدا ئايەتلەرنى چوڭ-كىچىك قىلىپ كۆرسىتەلەيمىز. بۇ ئەپتە كىتاب شەكلىدىكى قۇرئانغا ئوخشاش مۇقىم بەت سانى يوق. چۈنكى ئايەتنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە ئاساسەن بەت سانى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. بۇ خىلدىكى قۇرئاننى «قۇرئان مەجىد» دەيمىز. شۇڭا بۇ ئەپنىڭ ئىسمىغا بۇ خىل ئالاھىدىلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ مۇشۇ ئىسىمنى قويغان بولىشى مۇمكىن.
ماڭا ئەڭ يارايدىغان يېرىمۇ دەل مۇشۇ ئىقتىدارى. ياشقا چوڭلار ئۆزى خالىغان بىر شەكىلدە چوڭايتىپ خەتنى دانىمۇ-دانە چىقىرىپ ئوقۇسىمۇ، بىزدەك كۆزى ياخشىلار كىچىكلتىپ iPhone نىڭ ئېكرانىغا كىچىك سۈرىلەردىن 4~5 نى سىغدۇرىۋالساقمۇ بولىۋېرىدۇ. ئايەتنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، ئېكراننىڭ تۈز ياكى يانتۇلىقىغا قاراپ ئۆزگىرىشى پۈتۈنلەي بىزنىڭ قولىمىزدا بولغانلىقى ئۈچۈن، لوپا ئەينەك ئەمدى چوڭ ئاپىلىرىمىزنىڭ قولىدىن يىراق بولىدۇ.
رەھمەتلىك چوڭ ئاپاممۇ ھەر كۈنى قۇرئان ئوقۇغاندا مۇشۇنداق لوپا ئەينەك ئىشلىتەتتى. ئەگەر ھېلىھەم ھايات بولغان بولسا iPad تىن بىرنى ئېلىپ مۇشۇ ئەپنى قاچىلاپ ئىشلىتىشنى ئۆگىتىپ قويغان بولسام قانچە دۇئا قىلىپ كېتەردى ھە؟ دەپ ئويلاپ قالىمەن… ئاللاھ شۇلارنىڭ ياتقان يىرىنى جەننەتتىن قىلسۇن، ئامىن.
بۇ ئەپ Universal بولغانلىقى ئۈچۈن، چۈشۈرىۋالغان بىر تال ئەپنىڭ ئۆزىنى iPad ئۈچۈن بىمالال قاچىلىيالايمىز. ئەمەلىيەتتە بۇ ئەپ iPad تە ئۆزىنىڭ ھەقىقىي قىممىتىنى تولۇق نامايەن قىلالايدۇ. تۆۋەندىكىلىرى iPad تىكى كۆرۈنمە يۈزى.
بۇ ئەپنىڭ تولۇق نۇسقىسى 4.99 دوللار. سىناق نۇسقىسى ھەقسىز. مەن ھەر ئىككىسىنىڭ ئادرېسىنى قالدۇراي. لازىملىق ئۇلىنىشتىن كىرىپ چۈشۈرىۋېلىڭ.
ئەپ ئىسمى : Quran Majeed
ساتقۇچى : Pakistan Data Management Services
تۈرى :قوللىنىشچان
چوڭلۇقى : 32.6 MB
باھاسى : 4.99 دوللار
تولۇق نۇسقىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى :
سىناق نۇسقىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى :
تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىش، بۇ ئەپتە ھازىرچە ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى يوق. بەلكى كىيىنكى نەشىرلىرىدە بۇ ئەمەلگە ئېشىشىمۇ مۇمكىن. ئالاقىلىشىش ئىمكانى بارلار ياسىغان شىركەتكە، ئۇيغۇرچە قۇرئاننىڭ PDF ياكى DOC ھۆججىتىنى تەمىنلىيەلەيدىغانلارغا بۇنى ئىنكاس قىلىپ، تېخىمۇ مۇكەممەل بىر ئەپنى مەيدانغا چىقىرىشىغا كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
تەۋسىيە
ئاستىدىكى ئىنكاسلاردا يەنە نۇرغۇن ياخشى ئەپلەر تەۋسىيە قىلىندى. ئەگەر سىز بۇلارنىڭ ئارىسىدا يوق بولغان، سىز ئۆزىڭىز ياخشى پايدىلىنىپ كېلىۋاتقان ياخشى ئەپ بولسا iTunes چۈشۈرۈش ئادرېسىنى، ياكى تولۇق ئىسمىنى قالدۇرۇپ قويۇڭ. ھەممىمىز تەڭ پايدىلىنايلى.









































line2 دەپ بىر ئەپ بار ئىكەن، ئەپنىڭ «ئۈستى-بېشى» غا قارىسام بۇ ئەپ مەخسۇس Wi-Fi دىن پايدىلىنىپ تېلېفۇن ئۇرىغان ئەپتەك كۆرۈندى. بۇ ئەپ ھەقسىزكەن. App Store دىن چۈشۈرۈۋالغىلى بولىدىكەن. مەن چۈشۈرۈپ قاچىلىغان بولساممۇ بۇ ئەپنىڭ تۇرغان-پۈتكىنى ئېنگىلىزچە بولغاچقا تىزىملىتىشتا مەغلۇپ بولۇپ ئىشلىتەلمىدىم. ئەپنى قاچىلاپ قوزغاتقاندا number دەپ بىر كاتەك (بۇ يەرگە نومۇرلا يازغىلى بولىدىكەن، بىراق قايسى نومۇرنى يازىمىز ئۇقالمىدىم. تېلېفۇن نومۇرۇمنىمۇ كىرگۈزۈپ باقتىم) ئۇنىڭ ئاستىدا Password دەپ بىر كاتەك بار ئىكەن. قارىغاندا مۇشۇ يەردىن ئۆتمەي بۇ ئەپنى ئىشلەتكىلى بولمايدىغاندەك… پاسىبان ئەپەندىمنى بىر ئىزدىنىپ باقامدىكىن دەپ بۇ يەرگە ئىنكاس قىلىشىم.
مەن سىلى ئېيتقان ئەپنى تاپالمىدىمغۇ؟ مۇشۇ ئەپ شۇمىدۇ يا؟
http://goo.gl/dE7DK
line2 دەپ ئىزدىسەم مۇشۇنى تېپىپتۇ. ئەگەر مۇشۇ بوپقالسا MobileVoip قا ئوخشاش تور تېلىفونىدەك بىر نەرسە ئىكەن. بۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەردە جۇڭگوغا تېلىفون ئۇرسا ھەقسىز بولىدۇ. مەن 12Voip نى ئىشلىتىمەن. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش nonoh, VoipStunt, 12Voip دېگەندەك Voip تور تېلىفونلىرىنىڭ ھەممىسى MobileVoip قا تەۋە. شۇڭا مۇشۇ ئەپنى چۈشۈرۈپلا ئاشۇ Voip لارنىڭ خالىغان بىر ھېساۋاتىنى كىرگۈزۈپ تېلىفون ئۇرالايمىز.
بىزدىن ياخشى ئىشنى قىلىشنى ئويلاپ قىلىشقا ئىمكانىيەت بولمىغانلارغىمۇ بىر ئەجر ساۋاب ۋەدە قىلىندى. چوڭ ئاپىڭىز قىلىشنى ئويلىغىنىڭىزغا ئەجر ئېلىپ بولىدىڭىز،ئىنشائاللاھ…
مەن قايسى كۈنى ئەپ ستور دا ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى قوشالغان ئەپنى كۆرگەنتىم. ئەمما قايتا تاپالمىدىم.
بۇنىڭدىن باشقا يادلاشقا يەنىلا سىكانىرلانغان نۇسخىدىكىسى ئەڭ مۇۋاپپىق. ئۇيغۇرچە تەرجىمە قۇرئان كەرىمنىڭ پ د ف شەكلىنى ئايبۇكس دا كۆرسە مۇۋاپپىق. ھەرقايسى سۈرىلەرنىڭ ئورنىنى نەق تاپقىلى بولىدۇ. تەرجىمىسىمۇ بىللە چىقىدۇ.
Ekramدەپ ئىزدىسىڭز چىقىدۇ~
Ekram ئەمەس Erkam….
بۇ ئۇلىنىشنى بېسىپ Erkam Publications نىڭ iPad ئۈچۈن ئىشلىگەن ئەپلىرىنى كۆرەلەيسىز:
http://itunes.apple.com/WebObjects/MZStore.woa/wa/viewArtistSeeAll?dkId=11&ids=393107215&softwareType=iPad
بۇ ئۇلىنىشنى باسسىڭىز iTunes ئارقىلىق ئېچىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئارسىدا ئۇيغۇرچە ئەپ تىن 6 سى بار.
—
بۇ ئۇلىنىشنى بېسىپ Erkam Publications نىڭ iPhone ۋە iPad ئۈچۈن ئىشلىگەن ئەپلىرىنى كۆرەلەيسىز:
http://itunes.apple.com/artist/id393107215
ھەقلىق ئەپ سېتىۋېلىشتا ھازىرلاشقا تىگىشلىك شارائىتلارنى بىرقاتار دەرسىلك قىلىپ يوللاپ قويغان بولسىڭىز. قايسى بانكىنىڭ كارتىسى ئارقىلىق سېتىۋالغىلى بۇلىدۇ. . . دىگەندەك ؟
Erkam دەپ ئىزدىسەڭلار شۇنداق پەچەت ئۇيغۇرچە ئەپلەر چقىدۇ… پەقەت ئايتۇنېس ياكى ئايپەد تىلا تېپىلىدۇ، چۈنك بۇ ئەپ ئايپەد ئۈچۈنلا ياسالغان، ئايفونغا چۈشمەيدۇ… شۇڭا ئايفوندا ئىزدىسەڭلار چىقمايدۇ،،،
ئاۋۇ Quran majeed دىگەن ئەپ نى من بەك ياقتۇرىمەن… شۇنداق قولايلىق… مەن ئايفون ئىشلەتكەندىن تارتىپ ماڭا ھەمراھ بولىۋاتىدۇ بۇ ئەپ..
راس مەندە ئايپەدنىڭ نەشىرىنى كۆتۈرگەندىن كېيىن ئەركاندىن چۈشۈرگەن كىتاپلار ئېچىلپلا ئۆچۈپ قالدىغان بولۇپ قالدى نىمە ئىشتۇ؟يېڭى نەشىرى ماس كەلمدىمۇ ياكى؟ دوستۇمنىڭكىدە سىناپ باقساممۇ شۇ ئېچىلىپلا ئۆچۈپ كىتىۋاتىدۇ كىتاپلار.1~2 3~4 قىسىم دىگەن كىتاپلار شۇنداق بۈگۈن ۋەقىپ ئىنفاق خىزمەت دىگەننى چۈشۈرسەممۇ شۇ ئېچىلىپلا ئۆچۈپ كېتىۋاتىدۇ~
:…: ئۇيغۇرچە يازدىم دەپ يەنە خاتا يېزىپتىمەن. ئەركام دەپ يازىمەن دەپ…..
بۇنى كۆرۈپ مىنىڭ بىر ئەپ تەۋسىيە قىلغۇم كەلدى ئىسمى kuran oku قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن تىلدا تەرجىمىسىنى ئوقۇيالايمىز.
App Store دىكى ئادىرىسى بۇ: http://itunes.apple.com/cn/app/id449227163?mt=8
پاسىبان ئۆزلىرىگە ئىلخەت قىلغان ماڭىدىغان كۈنى بۇ ئەپنى ،جاۋاپ قايتۇرمىغانتىلە…
ھە، شۇنداق قىلىپ قاچىلاپتىكەنمەندە. بۇ ئەپ مەندە تۇراتتى، كىمنىڭ تەۋسىيە قىلىپ قاچىلاپ قويغىنىمنى بىلەلمەي تۇرغانتىم. بۇنى كۆردۈم، ئۇيغۇچە تەرجىمىسى ئايرىملا چىقىدىكەن. ماۋۇ ئۈستىدىكى ئەپ بىلەن بىرلەشكەن بولسا پەچەت ئىش بولاتتى. مەن يەنىلا Quran Majeed كە ئامراق چىقتىم. ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى زادى لازىمتى دېگەنلەرگە سىلى دېگەن kuran oku دېگەن ئەپنى تەۋسىيە قىلساق بولغۇدەك
مەن مۇشۇ ئەپنى ياسىغانلارنىڭ ئې.خەت ئادرېسىغا ئۇيغۇرچىسىنى قوشۇپ قويالاسىلەرمۇ، مەن تەرجىمىسىنى تەمىنلەي دەپ خەت قالدۇرسام پەقەت قايتۇرمىغانتى.
ئۇنىڭدىن باشقا، بىر ئەپ بار، بۇ ئەپنىڭ ئىسمى: «Islam Question & Answer الإسلام سؤال وجواب»(IslamQA) ، بۇ ئەپ ئارقىلىق ئىسلام سۇئال-جاۋاب تور بېتى( http://www.islamqa.com/ug ) دىكى پەتىۋا قاتارلىق ھەرخىل ماتىرىياللارنى كۆپ خىل تىلدا كۆرۈپ پايدىلىنالايمىز، ئەلۋەتتە ئۇيغۇرچىسىمۇ بار.
ماتېرىياللارنى تور ئارقىلىق كۆرىدىغان(يېڭى مەزمۇنلارنى كۆرگىلى بولىدىغان،ئۆزىنىڭ سىغىمى كىچىك، 0.5Mb) نۇسقىسى:
http://itunes.apple.com/cn/app/id418870385?mt=8
تورسىز موھىتتا كۆرگىلى بولىدىغان(ماتېرىيال ئۆزىنىڭ ئىچىدە، سىغىمى 134Mb) نۇسقىسى:
http://itunes.apple.com/cn/app/id426345035?mt=8
تۆۋەندىكىسى بۇ ئەپ تىن تارتىلغان رەسىملەر:(ئەگەر ئۇيغۇرچە فونت قاچىلىساق تېخىمۇ گۈزەل كۆرۈنىدۇ)
—
ئۇنىڭدىن باشقا يانا بىر ئەپ بار ئىكەن،ئىسمى: Muslim Kids Series : Quran ، بۇ مەخسۇس بالىلارنىڭ قۇرئان ئۈگىنىشى ئۈچۈن لايىھەلەنگەن، 22 كالتە سۈرىنى بالىلارنىڭ ئاۋازىدا ئوقۇپ بېرىدىغان، تەجۋىد قائىدىسىنى ئۈگىنىدىغان ئەپ ئىكەن، بۇنىڭدا شۇ سۈرىلەرنىڭ 16خىل تەرجىمىسى تەمىنلەنگەن بولۇپ، ئارىسىدا ئۇيغۇرچىمۇ بار ئىكەن. بۇ ئەپ ھەقلىق بولۇپ، باھاسى 1.99$. چۈشۈرۈش ئادرىسى:
http://itunes.apple.com/cn/app/muslim-kids-series-quran/id456184509?mt=8
تۆۋەندىكىسى بۇ ئەپ تىن تارتىلغان رەسىملەر:(ئەگەر ئۇيغۇرچە فونت قاچىلىساق تېخىمۇ گۈزەل كۆرۈنىدۇ)
مۇشۇ يازمىغا بەلەن ئەپلەرنىڭ ھەممىسى يىغىلىدىغان بولدى… ماشا ئاللاھ! يەنە تەۋسىيە قىلىدىغان ئەپلەر بولسا تارتىنماي يېزىۋېرىڭلار!
مەن سەل چىدىماسمۇ نىمە…؟ يۇقاردىكى ئەپلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىشلىتىۋاتىمەن ھەم ئۇزۇن بولدى… بىراق باشقىلارغا مۇنداق ئەپلەرنىڭ بارلىقىنى دەپ بەرمەپتىمەن… ( خىجىل بولغان چىراي ئىپادىسى)
ئىسلام سوئال-جاۋاپ مۇ باتتى بولمىسا…
ئەمدى سىلەردىن ھەرگىز ئايىمايمەن…
ئاندىن Quran Majeed كە ئوخشاشلا iQuran مۇ بەك ياخشى. بۇنىڭغا مەن تولۇق ئاۋاز ھۆججىتىنى قاچىلاپ ئىشلىتىمەن، نەچچە خىل قارىنىڭ ئاۋاز ھۆججىتىنى چۈشۈرگىلى بولىدۇ. ئىقتىدارلىرىمۇ كۆپ.
iPhone ئۈچۈن ھەقسىز نەشىرى:
http://itunes.apple.com/cn/app/iquran-lite/id285944183?mt=8
iPhone ئۈچۈن ھەقلىق نەشىرى:
http://itunes.apple.com/cn/app/iquran-iii/id285946052?mt=8
بۇنىڭ ھەقسىز نەشىرىمۇ ناھايىتى ياخشى ئىشلەيدۇ، ھەقلىق نەشىرىدە كۆپ خىل تەرجىمىسى تەمىنلەنگەن بولۇشتەك بەزى ئارتۇق ئىقتىدارلىرى بار.
iPad ئۈچۈن:
http://itunes.apple.com/cn/app/iquran-hd/id448590581?mt=8
قىبلەنى كۆرسىتىش ئۈچۈن تەۋسىيە قىلىنىدىغان ئەپ – Salah For Falah ، ھەقسىز. (3GS ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئۈسكۈنىلەردە ئاپتوماتىك جۇغراپىيەلىك ئورۇن بەلگىلەپ ھەمدە كومپاسنى ئىشلىتىپ قىبلەنى كۆرسىتىدۇ.)
http://itunes.apple.com/cn/app/salahforfalah/id372186296?mt=8
بەش ۋاخ ناماز ۋاقتىنى بەلگىلەش ئۈچۈن تەۋسىيە قىلىنىدىغان ئەپ – Muslim Pro ، ھەقسىز. (بۇ GPS بار ئۈسكۈنىلەردە ئاپتوماتىك جۇغراپىيەلىك ئورۇن بەلگىلەپ ناماز ۋاقتىنى ھىساپلايدۇ.)
http://itunes.apple.com/cn/app/muslim-pro-accurate-prayer/id388389451?mt=8
SalahForFalah دېگەننى بەك ياقتۇرىمەن. چوڭلۇقى ئاران نەچچە يۈز كېلوبايت. لېكىن تورنى ئىشلەتمەستىن ئەڭ توغرا ناماز ۋاقتىنى، قىبلىنى ئېنىق كۆرسىتەلەيدۇ. تەۋسىيە قىلىمەن
بۇ يازما يان ستونغا نادىر يازما قاتارىغا قوشۇلدى. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پەچەت ئەپلەر بولۇپ قالسا ھەممىمىز ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرۇپ قويايلى. كۈندىن-كۈنگە مۇكەممەللەشسۇن. ھەممىمىز تەڭ پايدىلىنايلى.