بۇ بىر قاراشقا 连连看 گە ئوخشاپ كېتىدىغان، يەنە بىر قاراشقا 泡泡堂 غا ئوخشاپ كېتىدىغان ئويۇندەك قىلىدۇ. لېكىن بۇ ئۇلارغا ئوخشىمايدىغان ئۆزگىچە ئويۇن. قارىماققا ئاددىي بولغان بىلەن ئوينىسا خېلى يامان ئەمەس ئويۇن. كونكىرتنى قىلىپراق ئېيتقاندا بۇ ئويۇن Bejeweled گە ئوخشاپ كېتىدىغان يوقۇتۇش ئويۇنى.
تۆت بۇلۇڭدا ئوخشاش بولغان كرىستال بولسا ئاندىن يوقايدۇ. ئويۇندا ۋاقىت ئاستىلىتىش، قايتا تىزىش، بومبا ۋە چاقماق قاتارلىق قوراللار بار. ئۇلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىڭ.
بۇ ئويۇندىمۇ 2 خىل ئويۇن ھالىتى تەمىنلەنگەن. جان ساقلاش ھالىتى ۋە تىز سۈرئەت ھالىتى. سۈرئەت ھالىتىدە 1 مىنۇت ئىچىدە سىزنىڭ قانچىلىك نەرسىنى يوقىتالايدىغانلىقىڭىزنى ھېساپلاپ نومۇر بېرىدۇ. جان ساقلاش ھالىتىدە بولسا مەخلۇقلار چىقىۋېرىدۇ. داۋامى سىزنىڭ قانچىلىك بەرداشلىق بېرىدىغانلىقىڭىزغا باغلىق.
ئويۇننىڭ كۆرۈنىشى ھەرھالدا يامان ئەمەس. ئارامبەخش تۈرىدىكى ئويۇنلارغا ئامراق بۇرادەرلەرنىڭ ساقلىۋالىدىغان ئوبدان ئويۇنى.
ئويۇن ئىسمى : Crystal Dash
ياسىغان شىركەت : HuaXu LLC
قوللايدىغان سۇپا : Open Feint
ئويۇن تۈرى : ئارامبەخش
چوڭلۇقى : 13.5 MB
ياسىغۇچى شىركەتنىڭ سېتىش سۇپىسىغا قالدۇرغان سۆزىنى سىلەرگە قالدۇرۇپ قوياي. ئۇلار دەيدۇ: بىزنىڭ ھەرقايسى ئويۇن ۋە دېتاللىرىمىز «ئاق مەشۇقلار كۈنى» ئىچىدە 2 كۈن ھەقسىز تارقىتىلىدۇ. بىز ئاپەت يۈز بەرگەن مۇشۇ كۈندە تاماشا قىلىش ئۈچۈن بۇنداق قىلىۋاتقىنىمىز يوق. بىزنىڭ بىردىنبىر مەقسىتىمىز شۇكى، مۇشۇ نەرسىلەرگە ھەقسىز ئېرىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاپەت رايونى ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ بىر نەرسە قىلىپ بېرىشىڭلار، ھېچ بولمىسا بىر ئېغىز سۆز بولسىمۇ قىلىپ قويۇشۇڭلار ئۈچۈن. سىز ۋە بىزنىڭ ئۇلارغا ھىسداشلىق قىلىۋاتقىنىمىزنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن. دۇنيانىڭ ئىللىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن. سىز ھىچ ئىش قىلىپ بېرەلمىسىڭىز تورنىڭ خالىغان بىرەر بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا ئۆزىڭىزنىڭ بەخت تىلىكىنى قالدۇرۇپ قويۇڭ. بىز ئاخىرىدا نەچچە كۈندىن بۇيان تالاپەتكە ئۇچرىغان ئاۋسترالىيە، يېڭى زىلاندىيە، لىۋان، جۇڭگو ۋە ياپونىيە قاتارلىق جايلاردىكى كىشىلەرنىڭ يۇرت-ماكانلىرىنى بالدۇرراق قايتا قۇرۇۋېلىشىغا، بالدۇرراق بەخت-سائادەتلىك تۇرمۇشقا قايتىشىغا دۇئا قىلايلى! قولنى-قولغا تۇتاشتۇرايلى!
بۇ شىركەتنىڭ باشقا ئويۇنلىرى (ھازىر ھەقسىز):
1. Crystal Soul
ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق. بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېزراق چۈشىرىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.
iTunes قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.









































يېقىندا باھا تۆرىدىن ئورۇن ئالغانلار