ROKR يازمىسى
iOS 5 تىكى ئاۋاز كونۇپكىسى ئارقىلىق رەسىم تارتىش ئىقتىدارى مەندە تولىمۇ چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. شۇڭا iOS 4 تىمۇ مۇشۇ ئۇسۇلدا رەسىمگە تارتقىلى بولامدىغاندۇ دىگەن خىيال مەندە ئىزدىنىش ئىستىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى. ئىزدەپ يۈرۈپ ئاخىرى تاپتىم. راستىنلا مۇشۇنداق بىر ياخشى ئەپ بار ئىكەن. شۇڭا بۇنى دوستلار بىلەن بىللە پايدىلانغۇم كەلدى.
بۇنىڭ ئۈچۈن سىز چوقۇم تۈرمىدىن قاچۇرغان بولشىڭىز كېرەك. چۈنكى بۇنىڭدا Cydia دىن پايدىلىنىمىز. Cydia غا apt.178.com دىگەن مەنبەنى قوشۇڭ. (Cydia غا مۇناسىۋەتلىك چۈشەندۈرۈشنى بۇ يازمىدىن كۆرىۋېلىڭ)
مەنبە قوشۇلۇپ بولغاندىن كىيىن ئىزدەش رامكىسىغا fastsnap دىگەن ئىسىمنى يېزىپ ئىزدەڭ. ئىزدەش كونۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇنلا ئىزدەپ تېپىپ كۆزىڭىزگە تىققىلى تۇرىدۇ خۇددى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك.
تاپقاندىن كىيىن تەرتىپ بويىچە قاچىلاڭ. ئىش تامام! ئەمدى رەسىم ئاپراتىغا كىرىپ رەسىمگە تارتىپ بىقىڭ.
بۇ ئەپ بولامدىكەن؟ ئەمدى بۇرۇنقىدەك ئېكراننى باسىمەن دەپ قولىڭىز بىر ياققا قىيىپ كىتىدىغان ئەھۋاللاردىن تامامەن قۇتۇلالايسىز.









































بەك ياخشىكەن رەخمەت سىزگە.
iOS4 ئارقىلىق رەسىملەرگە ھەرخىل ئۈنۈم قۇشۇش ئارقىلىق ئىلىكتىرونلۇق ئالبوم ئىشلىگىلى بۇلامدۇ؟
ئايفوننىڭ ئۆزىدىلا مۇشۇنداق پرويىكسىيە ئاپاراتىغا ئوخشاش ھەرخىل ئۈنۈمدە رەسىم ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان قىلغىلى بولىدىغۇ؟ كۆپ خىل ئۈنۈم ئارقىلىق بەك ئالاھىدە بولمىسىمۇ ئاددىيراق قىلغىلى بولىدۇ. تېخىمۇ ياخشىسىنى AppStore دىن ئىزدەپ باقساق بولىدىغان ئوخشايدۇ
splice دەيدىغان بىر دېتال بار. ئايتۇنېسدا ھەقىسز تارقىتىلغان. بۇ دېتال بىلەن سىن ۋە رەسىملەرنى كىرىشتۈرۈپ ئالبۇم ئۈنۈملىك سىن چىقارغىلى بولىدۇ. مۇشۇ مىكىن ئىزدىگەن ئۈنۈم…
ئەلۋەتتە بولىدۇ. مەن بۇ قىتىملىق تىمامدا شۇ توغۇرلۇق توختىلاي ئەمىسە
مەن سىز كۆرسەتكەن بويىچە سېيدىيادىن قاچىلىدىم ، ئايفون قايتا قوزغالدى . ئاندىن كامېرانى قوزغىتىپ قانداق ئىشلىىش ، كونتىرول قىلىشنى بىلەلمىدىم ، سەل تەپسىلىرەك چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز
يا قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن بىرە تەڭشەيدىغان يېرى بامىتى تەڭشەكتىن ؟
ھىچقانداق ئالاھىدە تەڭشەش قىلىش كەتمەيدۇ. ناۋادا تەڭشەيمەن دىسڭىز 设置ئاستىدىكى قۇرنى ئىزلىسىڭىز بولىدۇ. ئۇچ خىل تەڭشەك چىقىدۇ. بىرىنچىسى ئوچۇق بولسىلا بولدى. ئىككىنچى ۋە ئۇچۇنچىسى بىلەن كارىڭىز بولمىسمۇن.
مەن يازما مەزمونىغا تەپسىلى دىققەت قىلماي ، تېخى رەسىم تارتماقچى بولساق ھېچقانداق كونۇپكىنى باسماي ئاۋاز بىلەنلا باشقۇرۇپ رەسىم تارتقىلى بولىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ، ئايفۇنغا گەپ قىلىپ يۈرۈپتىمەن،
ياندىكى ئاۋاز كونۇپكىسىنى بېسىپ تارتىدىكەنمىز دە ئەسلى .
يا ئاللا، ماۋۇ باللانى ئەگەر مەن بىزنىڭ ئۆيدىكى iphone تاماق ئىتەلەيدۇ دىسەم سىز دەرھال تاماق ئىتىدىغان يۇمشاق دىتال بارمۇ دەپ سورايدىكەنسىز دە ئەمىسە.
بۇ ئايفۇندا ئىشلەيدىغن قالتىس app لەرنىڭ كۆپلىگىدە ھازىر، پاسىباندەك ۋە سىزدەك ئايفۇن ئۇستىللىرى نىمە دىسەڭلار ئىشىنىۋېرىمىز جۇمۇ ، بۇ دىگەن ئايفۇن تورسا دەپ ….
ئەمما يۇقىرىدا دىگىنىم راس دەيمەن ، باشتىكى ئاۋاز كونۇپكىسى بىلەن رەسىم تارتىش دىگەن يەرگە دىققەت قىلمايراق ئوقۇپ …
ئاندىن ئاخىردىكى « ئەمدى بۇرۇنقىدەك ئېكراننى باسىمەن دەپ قولىڭىز بىر ياققا قىيىپ كىتىدىغان ئەھۋاللاردىن تامامەن قۇتۇلالايسىز. » نى كۆرۈپ راسلا شۇنداق ئويلاپ قاپتىمەن ،
چۈنكى ئايفۇن ئۈچۈن بۇ بەك ئەمەلگە ئاشمىغۇدەكمۇ ئىش ئەمەستەك تۇرسا ….
ئاھ ،، پاھ …. ۋاھ …. دەپ ۋاقىراپ باشقۇرغىلى بولغان يەردە ، كامېراغا : « ھە ، تاتە ! تاتماملا كامېراخېنىم، ! …. » دەپ بۇيرۇق بېرىپ رەسىم تارتىدىغان قىلىغىلى بوپ قالار … IOS 6.0 لەردە …
5.0 دە مۇشۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ دېيىلگەن قىياسلاردا. بەلكى كېچىككەن بولسا كېرەك. لېكىن ئالمىخان بالدۇرلا ئويلىشىپ بولغان ئىشلار بۇ
قايسى كۈنى ئەپسىتورى دىن دېتال ئىزدەۋاتسام ، « جۇڭگۇلۇق ئاشپەز .، » ۋە « ئىتالىيەلىك ئاشپەز » دەپ ئىككى دېتال ئۇچراپ قالغانتى ، ئەمما بۇ ئىككى ئاشپەزلەرنىڭ تامىغىغا قىزىقمىغاچقا سىناپ باقماپتىمەن.
بەلكىم تاماقمۇ ئېتەلەيدىغان چېغىۋا . …
ئايفۇنۇمغا قانداقلا دىتال قاچىلىسام ئېچىلىپلا چىكىنىپ چىقىپ كېتىدىغان بولىۋالدى …بۇنىڭ سەۋەبى نىمىدۇ ؟
iTunes بىلەن قاچىلىغان بولسىڭىز بۇنداق بولماسلىقى لازىم ئىدى. iTools ياكى 91 بىلەن قاچىلىمىغانسىز ھە؟
باشتا iTunes تا قاچىلىغان . لېكىن سىزنىڭ بۇ دىتالنى ئىشلىتىش ھوقوقىڭىز يوق دېگەندەك خەت چىقىپ قاچىلانماپتى ، iToolsقاچىلىسام قاچىلاندى .بىراق ئېچىلىپلا چىكىنىپ كەتتى . ئاندىن 91 قاچىلىساممۇ ئوخشاش … بۇرۇن قاچىلانغان دىتاللارنىڭ بەزىسمۇ شۇنداق بولىۋالدى … بۇنى ئوڭشاشنىڭ ئامالى بارمىدۇ ؟
91 ياكى باشقىسىدىن قاچىلىسىڭىز شۇنداق بولىدۇ. شۇڭا iTunes تىن قاچىلاڭ. مەشغۇلات توغرا بولسا نورمالدا چاتاق چىقمايدۇ. سىزنىڭكىدە چىققان چاتاقنى تەپسىلىي قىلىپ نومۇرى بىلەن يېزىڭ. بىللە ئىزدىشىپ بېرەيلى
iTunes تا قايتا سىناب بېقىپتىم … نورمال قاچىلاندى … رەھمەت …
ماڭا سۆزلشىشىنى ئۈنگە ئېلىش دىتالى لازىم ئىدى ، ياردەم قىلساڭلار ؟
ماركىسى ئالما 4 – ئەۋلات ، 1. سۆزلىشىشنى ئۈنگە ئېلىش دېتالى ، 2. ۋاقىت توغۇرلاپ تېلفۇننى ئېتىش ۋە ئېچىش ، 3. چ چ دا باشقىلار ئەۋەتكەن رەسىمنى قۇبۇل قىلغىلى بولمايدىكەن . تېلفۇن ئىتىك ھالەتتە ، بىز توغۇرلاپ قويغان سائەت ۋاقتى توشقاندىمۇ سايرىمايدىكەن ، بۇلۇپمۇ ئەتىگىنى ئىشقا باردىغان چاغدا ؟‹‹‹ بۇنىڭدا چۇقۇم تېلفۇننى ئۇچۇق قۇيشىمىز كېرەكمۇ ؟ ياكى قايسى دېتالنى قاچىلساق بۇلىدۇ ؟؟؟؟؟؟ ياردىمىڭلارنى كۈتىمەن . چ چ 1029616220
شۇنداق. ئايفوندا ئەسلىدە بۇنداق ئىقتىدار يوق. Cydia دا بەلكى بۇنداق نەرسىلەر بولىشى مۇمكىن. مەن بىلمەيدىكەنمەن. لېكىن سىز نېمىشقا ئايفوننى ئۆچۈرۈپ قويىسىز؟ ئايروپىلان ھالىتىگە ئەكەپ قويسىڭىز پۈتۈن كېچىدە ئېشىپ كەتسە %1 ئەتراپىدا توك خورايدۇ. ئۆچۈرۈپ قويۇشنىڭ تامامەن ھاجىتى يوق. تېلىفۇننى ئۆچۈرمەي 飞行模式 ھالەتكە ئەكىلىۋېلىپ ئۇخلاۋېرىڭ. توكنى بەكلا تىجەيدۇ. بۇ غەمدىن خالاس بولىسىز.
تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ بىر نەرسىنى سورىۋالاي….
تىلفۇن دەپتىرىگە دوسلارنىڭ تىلفۇن نۇمۇرى ھەم سۈرىتىنى قىستۇرغان ئىدىم تىزىملىكتە ئىسىم ھەم سۈرەت كۆرىنىدىغان قىلىپ تەڭشىيەلمىدىم…قەيەردىن تەڭشەشنى دەپ بەرسەڭلا رەھمەت دوسلا
ماۋۇ تېمىدىكى نەرسىنى قاچىلىسىڭىز سىز دېگەندەك قىلغىلى بولىدۇ. تەڭشەك ئىچىنى ئاختۇرۇپ كۆرۈڭ. چوقۇم تاپالايسىز. مېنىڭ ھازىر شۇنداق
/201104241600.html
كىرگەندە ئاندىن كىلۋاتىدۇ ، باشقىلار ئەۋەتكەن رەسىملەرنى قۇبۇل قىلغىلى بولمىدى ، كۆرۈنمىدى ، يەنە بىر ئىش ، بەزى تور بەتتىكى سۈرەتلىك ناخشىلارنى كۆرگىلى بۇلىدۇ ، لېكىن ئۇيغۇرچە تور بەتتىكى سۈرەتلىك ناخشا ، ئىتوت دىگەندەكلەرنىڭ ئىش قايسىسى چىقمايدىغۇ ؟ ئۇيغۇرچە تور بەتتىكى سۈرەتلىك ناخشا ، كىنو ، ئىتوتلارنى بىۋاستە تېلفۇندا كۆرگىلى بولمامدا ؟ ئالما 4 – ئەۋلاتتا . ئاندىن بۇ تېلفۇندا رادىئو چىقمامدا ؟ ئۇيغۇرچە رادىئو دىمەكچى ، قايسى دىتالنى قاچىلايمىز ؟؟ يەنە بىر ئىش ماڭا سۆزلىشىشنى ئۈنگە ئېلىش دېتالى بەكلا لازىم ئىدى ، ئەجابا تاپقىلى بولماسمۇ ؟ يەنە بىر ئىش ، 凯立德导航 بىلەن 高德导航 دىن قايسىسى ياخشى ، قايسىسىنى قاچىلسام بۇلار ؟ مەسلىھەت بەرسەڭلار ؟ ئاۋارە قىلدىم ، بۇلۇپمۇ توردىكى سۈرەتلىك فىلىم چىقمىدى ؟ چ چ 1029616220 ، مەن تېخى بۇ تېلفۇننى ئالغىلى 1 ئاي بولغان شۇڭا ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ ھە راس تۇرمىدىن قېچىپ بولغان ، تىپى ئالما 4 0 ئەۋلات 4.3.3 ئىكەن . سىلەرنىڭ مەسلىھەتىڭلارنى كۈتىمەن .
مەن Cydia دىن fastsnap نى تاپتىم لىكىن ئۇنى چۈشۈردىغان ئورنى ئېچىلمىدى … بەزىدە مۇشۇنداق ئەھۋالغا بەك كۆپ يولىقىمەن بۇنىڭ سەۋەبى نىمىدۇ؟…..بەتنى يىڭلايدىغان ئورۇن ئېچىلىدۇ چۈشۈردىغان ئورنى ئېچىلمايدۇ.
ۋاقتىڭىزنى ئالدىغان بولدۇم سۇئالىمغا بىر ئىنكاس قايتۇرسىڭىز.
شۇ ھالەتتە ئېكراننى رەسىمگە تارتىپ (قايتىش كونۇپكىسى بىلەن ئۆچۈرۈش كونۇپكىسىنى بېسىپ تارتىسىز) بىر يوللاپ باقامسىز؟ poco.cn غا ھەقسىز رەسىم يوللىغىلى بولىدۇ. مەسىلىڭىزنى تازا چۈشىنەلمىدىم. ئېنىقراق جاۋاب بەرگىلى بولاتتى. سىز Purchase دېگەن خەت چىقىۋالغانلىقىنى دەۋاتمايدىغانسىز ھە؟
توغرا Purchase مۇشۇ چىقىۋالدۇ. :…:
بۇ Cydia Store دىكى ھەقلىق سېتىۋالىدىغان يەردىكىسى. سىز دېگەن مەنبەنى قوشمىغان ئوخشايسىز. Cydia غا مەنبە قوشىدىغان يەرگە ماۋۇ مەنبەنى قوشۇڭ. http://apt.178.com ئاندىن ئىزدەڭ. ھەقسىز نۇسقىسىنى تېپىپ بېرىدۇ.
مەنبە قوشۇشنى بىلەلمىسىڭىز ماۋۇ يازمىدىكى ئۇسۇلدىن پايدىلىنىڭ
/about-cydia.html
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! مىنىڭ تېلىفۇنۇم ئىتۇنېس نى تۇنۇمايدىغان بۇلۇپ قالدى . كومپىيوتۇرغا چاتساملا يا توك قاچىلىمايدۇ يا ئىتۇنېس تۇنىمايدۇ. بۇ زادى نىمە ئىشتۇ؟
سىمدىكى مەسىلە ئوخشىمامدۇ؟ دوسلىرىڭىزنىڭ سىمىنى ئالماشتۇرۇپ بېقىڭ. ياكى كومپىيۇتېرىڭىزنىڭ USB سىدىكى مەسىلە بولسا باشقا كومپىيۇتېردا سىناق قىلىپ بېقىڭ.
سىز دىگەندەكمۇ قىپ باققانتىم بىر دوستۇمنىڭكىنى( قۇلپى يوق 4-ئەۋلاتنى) تۇنىغان سىم مىنىڭكىنى تۇنىمىدى،لىكىن بايام ئۈزۈمنىڭ(تېلىفۇن بىلەن ماس قەدەملەشتۈرگەن)كومپىيوتۇرۇمغا چاتسان تۇنىدى،لىكىن مەيلى ئائىلىدە ئادەتتىكىدەك توك قاچىلاي ياكى USBئارقىلىق كومپىيوتىرغا ئۇلاپ توك قاچىلاي تېلىفۇنغا تەگمىسەملا ياخشى ئەگەر توك قاچىلاپ تۇرۇپ بىردەم ئىشلەتسەم توك قاچىلىنىپ بولغان بەلگە چىقىۋېلىپ توك قاچىلىمايدۇ(ھەم بۇ ۋاقىتتا تېلىفۇن بەك قىززىپ كەتكەندەك ھىس قىلىمەن)،سىمنى سۇغۇرۇپ بىر دەمدىن كىيىن بىر نەچچە قېتىم چاتسام ئاندىن نۇرمال توك قاچىلانغان بەلگە چىقىدۇ ئاندىن چېقىلماي قۇيۇپ قۇيىمەندە توك تۇلۇق قاچىلىنىدۇ،بۇ زادى نىمە سەۋەپتىندۇ؟ بۇرۇن توك قاچىلاپ تۇرغاندىمۇ نۇرمال ئىشلىتەلەيتتىم بولمىسا؟؟!
ئېغىر كورمەي چۈشەندۇرۇپ قويغان بولسىڭىز
قاتتىق دېتالدىكى مەسىلە ئوخشايدۇ. مەن بۇنداق مەسىلىگە يولۇقۇپ باقمىغانكەنمەن. قانداق ھەل قىلىشنىمۇ بىلمەيدىكەنمەن.
نۇرغۇن تېلىفونلار تېلىفون ئوچۇق تۇرۇپمۇ سىگنال ئاجىز بولغانلىقتىن ئېلىنماي قېلىپ كۆپ ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ… :…:
ئۆزۈمنىڭمۇ ھەپتىچە بوپقالدى سېگنالى تۇيۇقسىز بەكلا تۆۋەنلەپ كېتىپ ھەل قىلالماي يۈرۈيمەن
ئۇنداقتا سىستىمىنى يىڭىلاپ بىر سىناپ باقسام بولغۇدەك،سىزنى ئاۋارە قىپ قويدۇم،