ئايفوننىڭ رەسىمگە تارتىشقا ئائىت ئەپلىرى نۇرغۇن. لېكىن شۇ ئەپلەر ئىچىدە ئىشىنىمەنكى بۇنىڭغا ئوخشاش پەچەت ئەپتىن ساناقلىقلا چىقسا كېرەك. بەلكىم بۇ ئەڭ ياخشىسىدۇر. بۇ ئەپ زادى قانداق قىلالايدۇ؟ بۇنى يازمىنىڭ داۋامىغا قاراپ ئاندىن بىلگەيسىز.

رەسىم بىر تەرەپ قىلىش ۋە رەسىمگە تارتىشقا ئائىت ئەپ بىلەن تازا خوشۇم يوق. چۈنكى مەن ئايفوندا رەسىم سىزمايمەن. ئايفوندا رەسىمگە تارتقاندىمۇ بىۋاستە ئۆزىدىكى تارتىدىغان جاي بىلەنلا تارتىمەن. لېكىن بۇ ئەپنى قاچىلىماسلىققا باھانەم يوق بولدى! مېنىڭچە سىزنىڭمۇ باھانىڭىز بولمىسا كېرەك.

مىكروسوفت ئالمىنىڭ رىقابەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن iOS ئابونتلىرى ئۈچۈن مۇشۇنداق پەچەت بىر ئەپنى ياساپ چىققانلىقىغا قايىل بولدۇم. بىز بۇ ئەپ ئارقىلىق ھەقىقىي 360 گرادۇسلۇق + ئاستى ۋە ئۈستى بولۇپ نەچچە گرادۇس بولىدىكىن ئىشقىلىپ پۈتۈن شارسىمان ھالەتتە رەسىمگە ئالالايمىز. رەسىمگە ئالغاندىن كىيىن شۇ ئەپ ئارقىلىق 6 تەرەپ (ئوڭ، سول، ئالدى، كەينى، ئۈستى ۋە ئاستى) نىڭ ھەممىسىنى ئېنىق كۆرەلەيمىز.

ئەڭ پەچەت يېرى بۇ ئەپنى ئىشلىتىپ رەسىمگە تارتىش تولىمۇ قولاي. سىز ئېكرانغا بېسىپ سۈرەتكە تارتىشنى باشلايسىز. ئەقلى ئىقتىدارلىق بۇ ئەپ رەسىمنى ئۆزى ئاپتۇماتىك تارتىدۇ. ئەلۋەتتە ئۆزىڭىز بېسىپ تارتسىڭىزمۇ بولىدۇ.

ئېكراندىكى يېشىل رامكىغا دىققەت قىلىڭ. رامكا يېشىل ھالەتتە تۇرسۇن. سېرىق ياكى قىزىل رەڭدە بولغىنى مەنزىرىنى پەرق ئېتەلمىگىنى. ئەگەر بەك مۇرەككەپ مەنزىرىلا بولمىسا ئاساسەن كۆپ قىسىم ئەھۋالدا پەرق ئېتەلەيدۇ. يەنى ئۈستىدىكى رەسىمدىكى ئوڭ تەرەپتىكىسى تارتىلىپ بولغان مەنزىرە، بىز ئاپاراتنى سەل يۆتكەپ سول تەرەپكە ئەكەلسەك يېڭى مەنزىرىنى ئاپتۇماتىك تارتىدۇ. مۇشۇ بويىچە داۋاملاشتۇرۇپ ئەتراپنى پۈتۈن تارتىپ چىقىمىز. ئەگەر ياقمىغان جاي بولسا قايتىدىن تارتساقمۇ بولىدۇ. ئەگەر بىرەر پارچە رەسىمنى خاتا تارتىپ قالسا، ئاستىدىكى undo نى بېسىپ چىكىنىسىز. پۈتۈن مەنزىرە تارتىلىپ بولغاندىن كىيىن finish نى بېسىپ ئاياغلاشتۇرىسىز، ئاندىن Stitch نى بېسىپ قوراشتۇرۇشقا بۇيرۇق قىلسىڭىز ئىش تامام.

رەسىم پۈتكۈندىن كىيىن ئۇياق-بۇياققا سۈرۈپ كۆرۈپ بېقىڭ. نېمە دېگەن پەچەت ئەپ ھە؟

پۈتكەندىن كىيىن بۇنى Windows Live گە ھەمبەھرلىگىلى بولىدىكەن. بۇ قوشۇمچە ئىقتىدارلىرىنى ئىچىنى ماتىلاپ كۆرۈپ بىلىۋېلىڭلار.

 

Photosynth

ئەپ ئىسمى : Phorosynth

ساتقۇچى : Microsoft

تۈرى : قوللىنىشچان ، فوتو-سۈرەت

چوڭلۇقى : 4.4 MB

چۈشۈرۈش ئادرىسى : 

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



7 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. Uyghurche radio bamidu iPhone appte?

  2. sorry, hata tenida sorap qalghandek qilimen,kechursile :oh,no2:

    • سىلىمۇ IE ئىشىلىتىمـــــــــــــــــــەن دېسىلە.
      hustmobile دېگەن بىرىنىڭ GoodRadio دەپ بىر نەرسىسى بولىدىغان. شۇنى قاچىلاپ كۆرسەم بار ئىكەنتۇق. ھازىر سېتىشتىن توختىغان ئوخشايدۇ. ئىزدەپ تاپالمىدىم. ئۈرۈمچىنىڭ 1~2 رادىئوسى چىقىدىكەن

  3. ۋاھ ! ، سىلى ، ئۆزلىرى دەپ يېزىشقان ئىنكاسلىرىدىن تەسىرلىنىپ كەتتىم جۇمۇ ئىككىللىرىنىڭ ،

    بۇ ئەپ خېلى بوپقويىدىكەن جۇمۇ ، نەچچە سائەت بولدى ، مەن مۇشۇنىڭدا رەسىم تارتىپ ئويناۋاتىمەن .
    پۈتكەن رەسىمنى نەگە ساقلايدىغاندۇ ؟  

  4. جوڭگو ھىساۋاتىدا چۈشۈر گىلى بولمامدۇ ياكى مىنىڭ ھىساۋاتىم چاتاقمۇ چۈشۈرەممىدىم.

    • چۈشۈرگىلى بولىدۇ. ئۇلىنىش قىلىنغىنى دەل جۇڭگو بازىرىدىكىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادېسى. ئەگەر ئېچىلمىسا ئايفوندا تۇرۇپ ياكى iTunes Store نى ئېچىپ شۇنىڭغا Photosynth دەپ يېزىپ تاپقىنىنى قاچىلىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ.

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش