تولۇق ئىقتىدارلىق ئۈن خاتىرىنىڭ نامى Moe’s Notes بولۇپ، بۈگۈن ئايفون ۋە ئايپەد نۇسخىسى تەڭلا ھەقسىز تارقىتىلدى. بۇ ئۈن خاتىرە ئۆزىدىكى ئەسلى بار بولغان، ياكى بىز ئىلگىرى كۆرۈپ باققان ئۈن خاتىرىلەرگە ئوخشىمايدۇ. بۇنىڭ سۈرەتكە ئېلىش، ئاۋازغا ئېلىش ۋە قىسقا فىلىمغا ئېلىش ئارقىلىق بارغان جايىڭىزدا ئېنىق – ئېنىق خاتىرە قالدۇرغىلى بولىدۇ. بۇ App ئايفوننىڭ ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسىدىن پايدىلىنىپ خاتىرە قالدۇرغان ۋاقتىڭىزدا ئورۇننىمۇ ئاپتۇماتىك ساقلايدىغان بولۇپ، خاتىرىنىڭ توغرىلىقى، مۇكەممەللىكىنى  يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتىرىدۇ.

كۆرىنىشىدىنلا كەسپىيلىكى چىقىپ تۇرىدىغان بۇ App نىڭ تېخى ئاۋازنى جايىدىلا كۆچۈرۈپ چاپلاپ، كېسىپ قىرلاپ دېگەندەك لازىمى يوق جايلارنى خالىغانچە تەھرىرلىگىلى بولىدۇ. رەسىمنىمۇ شۇنداق. گوگل خەرىتىسدە ئورۇنغا ئاساسەن ئېنىق قىلىپ كۆرسىتەلەيدۇ. ئىشقىلىپ ھەقسىز ۋاقتىدا ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ چۈشۈرىۋالىدىغان ئىسىل App ! دوللار خەجلەپ سېتىۋىلىشتىن بۇرۇن دەرھال ھەرىكەتلىنىڭ ئەمىسە.

ئويۇن ئىسمى : Moe’s Notes

ياسىغان شىركەت : San Fransisco App Studio

تۈرى : قوللىنىشچان

چوڭلۇقى : 3.1MB

چۈشۈرۈش ئادرىسى :

ئايپەد كە چۈشۈرىدىغانلار بۇ جاينى بېسىڭ.

ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق.  بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دىققىتىڭىز دائىم كۇلۇبىمىز مەزمۇنلىرىدا بولسۇن.

تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.

ئەگەر سىزدە iTunes  ھېساۋاتى بولمىسا بۇ يەرنى كۆرۈپ دەرھال تىزىملىتىۋېلىڭ. كۇلۇبىمىز ۋاقىت بەلگىلەپ ھەقسىز ئىسىل App لەرنى سىزگە تەۋسىيە قىلىدۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش