高德导航 نى يول باشلاش سېستىمىسى ئىشلىتىپ باققانلار ئاساسەن بىلىشى مۇمكىن. شيامېندىكى 高德 پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرى يول باشلاش سېستىمىسى بازىرىدا خېلى غوللۇق ئورۇندا تۇرىدۇ. بۈگۈن بۇنىڭ iPhone ۋە iPad ئۈچۈن مەخسۇس ياسىغان AutoNavi سىنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.
نۆۋەتتە بۇ شىركەت ئەڭ مودا بولىۋاتقان IT مەھسۇلاتى بولمىش iOS سۇپىسىدا ئىشلەيدىغان iDevice لارغا ئاتاپ ياسىغان يول باشلاش سېستىمىسى AutoNavi مۇ AppStore دا خېلى ئوبدان سېتىلىدۇ. جۇڭگو رايونىدىكى AppStore دا ئەڭ كۆپ چۈشۈرۈلگەن ھەقلىق ئەپ قاتارىدا بۇنى كۆرەلەيمىز. بۇ يول باشلىغۇچنىڭ خەرىتىسى بىر قەدەر تولۇق، ھازىرقى ئەڭ يېڭى نەشىرى 5.1 بولۇپ، بۇنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلى بىلەن تۆۋەندە قىسقىچە تونۇشۇپ ئۆتەيلى:
بۇنى قاچىلىغاندىن كىيىن ئېكراندا تۆۋەندىكى تۇغ بىلەن كۆرىنىدۇ.
تۇغ بەلگىسىنى بېسىپ ئىچىگە كىردۇق. بۇ ئەڭ يېڭى نەشىرى – 5.1
خەرىتە ئېچىلغاندىن كىيىن سۈنئىي ھەمراھنى ئىزدەشكە باشلايدۇ. ئەڭ دەسلەپتە تېپىشى بىر ئاز قىيىن بولۇپ، تەخمىنەن 2-3 مېنۇت كېتىشى مۇمكىن. تۆۋەندىكى رەسىمگە قارىساق، سول تەرەپ ئۈستىدىكى 100 مېتى دېگەن جاي ماسىشتابى، ئاستىدىكى يېشىل چىكىت بولسا سۈنئىي ھەمراھ سېگنالىنىڭ كۈچلۈك ئاجىزلىقى. بۇ چىكىت قانچە كۆپ بولسا سىگنال شۇنچە كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
ئاساسى كۆرۈنمە يۈزىدە بىزگە داۋاملىق لازىم بولىدىغان ئىقتىدارلار بار بولۇپ، بۇلار 常用 دېگەن كونۇپكنىڭ ئىچىدە.
ئۈستىدىن ئاستىغا: ئەقلى ئىقتىدارلىق ئىزدەش، ساقلىۋالغانلىرىم، بۇزۇن ئىزدىگەنلىرىم، قايتىش، ئۆيگە قايتىش، شىركەتكە قايتىش ۋە خەرىتىگە قايتىش . بۇلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتىمۇ قوللىنىشچان ئىقتىدارلار. بۇلارنى ئىزدەپ باشقا جايلارنى بېسىپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق. پەقەت باش بەتتىلا بار.
بىز باشبەتتىكى 快搜 دېگەن جاينى ۋە ياكى بۇ تىزىملىكتىكى ئىزدەش دېگەن جايدىن بارىدىغان جايىمىزنى ئىزدەپ باقايلى.
ئاۋال ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىن قايسى شەھەرنى تاللايدىغانلىقىمىزنى بېكىتىمىز. دەسلەپتە ئۆزىڭىز تۇرىۋاتقان شەھەر تاللاقلىق بولىدۇ. بۇنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن بىۋاستە شۇ جاينى بېسىپ ئاۋال ئۆلكە، ئاندىن ۋىلايەت، ئاندىن شەھەر-ناھىيەلەرنى تاللىيالايسىز. ئەلۋەتتە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئىزدىگىلىمۇ بولىدۇ. بىز ئاۋال قەشقەرنى تاللاپ باقايلى.
ئىزدەش ئىقتىدارى يېڭى نەشىرىدە خېلى مۇكەممەللەشكەن بولۇپ، خەنزۇچە خەتنىڭ پىنيىن باش ھەرىپىنى باسساقلا بولىدۇ. مەسىلەن ھېيتگاھ جامىئەسىنى ئىزدەش ئۈچۈن مەن تۆۋەندىكىدەك كىرگۈزدۈم.
بۇرۇنقىدەك ئىزدەيدىغان سۆزنى كىرگۈزۈپ بولۇپ، ئىزدەش دېگەننى باسقاندىن كىيىن نەتىجىنى چىقىرىدىغان ئەمەسكەن. خەتنى بىر تەرەپتىن باسساق بىر تەرەپتىن شۇنىڭغا ماس نەتىجىلىرى تېز سۈرئەتتە كۆرىنىپ تۇرىدىكەن.
نەتىجە ئارىسىدىن بىزگە ماس كېلىدىغان نەتىجىنى باستۇق، خەرىتىدىن ئورۇن بەلگىلەيدۇ.
ئورۇن بەلگىلىگەندىن كىيىن بۇ جاينى باشلاش نوقتىسى ۋە ياكى بارىدىغان نىشان قىلىدىغانلىقىمىزنى سول تەرەپ ئاستىدىكى تىزىملىكتىن تاللاپ بېرىمىز. 收藏夹 نى باسساق بۇ ئورۇننى ساقلىۋالىدۇ. 设起点 نى باسساق بۇ جاي باشلىنىش نوقتىسى بولۇپ ئۆزگىرەيدۇ. 设终点 نى باسساق بۇ جاي بارىدىغان نىشان بولۇپ تاللىنىدۇ. 返回 بولسا خەرىتىگە قايتىش. ئوتتۇرىدىكى قىزىل چىكىت بىز ئىزدىگەن ئورۇن، ئۈستىدىكى ئاق رەڭلىك رەقەم، بۇ ئورۇن بىلەن بىزنىڭ ھازىرقى ئورنىمىزنىڭ ئارىلىقى.
بۇنىڭدىن بىز 设终点 نى تاللىساق قايسى نىشان قىلىدىغانلىقىمىزنى سورايدۇ. يەنى ئۆتەر يول قىلامدۇق ياكى ئاخىرقى نىشانمۇ؟
ئوتتۇرىدىكى 3 خىل تاللاشقا 3 خىل ئورۇننى تاللاپ بېرىپ، ئاۋال پالانى يەرگە، ئاندىن پوكونى يەرگە، ئاخىرىدا پەمىستىمانى يەرگە دەپ تەڭشىگىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئىزدەش ئۇسۇلى ئوخشاش. بىز ئاۋال 终点 نى تاللاپ بىۋاستە شۇ يەرگە بارىدىغانلىقىمىزنى تاللاپ بېرەيلى
بىر ئاز ھېساپلاپ چىققاندىن كىيىن پۈتۈن لىنىيەنى بىر قېتىم كۆرسىتىۋېتىدۇ. ئادەتتە سېستىما ئۆزى تەۋسىيە قىلغان ھالەتتە يول باشلايدۇ. رەسىمدىكىدەك
بىز ئاستىدىكى 4 خىل يول باشلاش تاللىشىنى تاللىيالايمىز. كۆك رەڭلىكى تەۋسىيە قىلىنغان يول، سېرىقى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنى ئاساس قىلغان يول، يېشىلى تۆۋەن چىقىملىق يول، سۆسۈنى ئەڭ قىسقا يول. ئەگەر بۇنى 10 سېكونتقىچە تاللىمىساق يول باشلاش نۆۋەتتىكى ھالەتتە باشلىنىپ كېتىدۇ. بۇلارنى تاللاش ئۈچۈن پەقەت رەڭلەرنىڭ ئۈستىگە يېنىكلا چەكسەك كۇپايە
ئۆزىمىزگە ماس كېلىدىغان يول لايىھەسىنى تاللاپ بولغاندىن كىيىن ئۈستىدىكى 开始导航 نى تاللايمىز. يولنى باشلاپ كەتتۇق.
بۇنى بىكار قىلىش ئۈچۈن سول تەرەپ ئۈستىدىكى ئىستىرىلكا بار جاينى چەكسەك يۇقىرىقى رەسىمدىكىدەك ئەسكەرتىش كۆرىنىدۇ. 停止 نى باسساق يول باشلاش توختايدۇ. تۆۋەندىكىسى قىسقا ئارىلىقتىكى باشقا بىر لىنىيەنىڭ يول باشلاش كۆرۈنىشى
بۇرۇلىدىغان جايلارنى خەرىتىدىن چوڭايتىپ كۆرسىتىدۇ.
ئەلۋەتتە، iPhone نى يانچە تۇتساق ئېكرانمۇ شۇنىڭغا ماس ئۆزگىرەيدۇ.
بۇ جايلىرى خېلى ئوبرازلىق. ئەگەر چوڭ شەھەرلەردىكى سىترىئولۇق ئۆتۈشمە كۆۋرۈك بوپقالسا ھەقىقى ئەمەلىي رەسىم بويىچە 3D لىك ھالەتتە كۆرىنىدۇ.
خەرىتىدىكى S بولسا باشلانغان جاينى، G بولسا ئاخىرقى نىشاننى ئىپادىلەيدۇ. تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ، ئاخىرقى نىشانغا كەپ قالدۇق.
بۇنىڭ باشقا ئىقتىدارلىرىنى چۈشەندۈرۈش ئويۇم بار ئىدى. بۈگۈن ۋاقىت يار بەرمىدى. ئاللاھ خالىسا جۈمەدىن كىيىن ۋاقىت چىقىرالىسام ئۆز قولۇم بىلەن سىناپ فىلىملىك قىلىپ ئاخىرىنى يەنە بىر تېما قىلىپ يازارمەن.
—–









































قاچىلاپ قويسا بولغۇدەك….. لېكىن ماشىنامدا 导航سېستىمىسى باردە… :…:
بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 8 دە iPad2 چوڭ قۇرۇغلۇقتا بازارغا سېلىنىپتۇ ، يېڭى خەۋەر ئاڭلامدۇق يا ئاڭلامدۇق پاسىبانىم
2 كۈن بولدى كوماندروپكىدا بوپقالدىم. ماۋۇ تېمىنىڭ ئاخىرىنى ئىلاج قىلىپ ئاۋال بىر پۈتتۈرەي. چالا قالغان خەۋەرلەرنى كىيىنرەك بولسىمۇ يەتكۈزەي ئەمىسە …
Nice topic – respect !
بۇ سسىتىمنڭ ئۇيغۇرچىسى بارمىدۇ پۇتۇن جۇڭگوغا تورلاشقىنى
ئۇيغۇرچە بىرەر ئويۇن ياكى قولايلىق كىچىك ئەپ App Store دا تېخى مەۋجۇد ئەمەس. يول باشلىغۇچ تېخىمۇ شۇنداق. AppStore دىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەر پەقەت كىتاب شەكلىدىكى، PDF شەكلىدىكى ئاددىي ئەپلەر. قول تىقىپ كود يېزىپ ئىشلەنگەن ئەپ تېخى يوق.