سىز مەيلى رادىئودا بولسۇن، مەيلى تېلىۋىزۇردا بولسۇن بىرەر جايدا بىر مۇزىكا ياكى ناخشىنى ئاڭلىغان بولسىڭىز، سىزگە يېقىپ قالسا شۇ ناخشىنىڭ نامىنى بىلىۋېلىپ، توردىن ئىزدەپ تېپىپ چۈشۈرۈپ ئاڭلاشنى خالايسىز، شۇنداقمۇ؟ بىرەر كىشىدىن سوراي دېسىڭىز، شۇ ناخشىنى ئۆزىڭىز غىڭشىپ ئوقۇپ بېرىپ، ماۋۇ ناخشا قانداق ناخشا بولغىيتى، دېيىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇنداق قىلسىڭىز بەزىدە زاڭلىققا ئۇچرىشىڭىزمۇ مۇمكىن.
بۈگۈنكى ماۋۇ App دەل سىزنىڭ بۇ غېمىڭىزنى يوق قىلىدۇ. Soundhound بولسا AppStore دىكى ئاۋازغا ئاساسەن ناخشا تاپىدىغان دېتاللار ئىچىدىكى ئەڭ تىز ۋە ئەڭ توغرا تاپىدىغان بازىرى ئىتتىك دېتال. بۇ دېتال ئايفون، ئايتاچ، ئايپەدنىڭ ھەممىسىگە چۈشىدۇ.
ئۇنداقتا بۇ بىزگە قانداق نەرسىلەرنى قىلىپ بېرىدۇ؟ بۇنىڭ رولى ناھايىتى ئىسىل. سىز ئوتتۇرىدىكى ئۇ يەرنى باسىسىزدە ئاۋاز مەنبەسىگە قارىتىسىز. 10 سېكونت ئاڭلىغاندىن كىيىن تور بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۆزىنىڭ مۇلازىمىتىرىدىكى ئۇچۇرلار بىلەن سېلىشتۇرىدۇ-دە، ناخشا ئېيتقۇچى ۋە ناخشا ئىسمىنى ئېكراندا كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەگەر توردا كەڭ تارقالغان ناخشا بولسا سىناپ ئاڭلاپ باققىلى، ھەتتا ئالما بازىرىدىن بىۋاستە سېتىۋالغىلى بولىدۇ.
بۇ شەخسەن مەن ئۈچۈن بەك يارىغان دېتال بولدى. بىر كۈنى تېلىۋېزۇردا CCTV نىڭ ھاۋارايىدىن مەلۇمات پروگراممىسىدىكى مۇزىكىسى بەك ياراپ قالدىدە، قولۇمغا ئېلىپ دەرھال ئاڭلاتتىم. بىلسەم Omar Akram نىڭ Run away with me دېگەن مۇزىكىسى ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن توردىن مۇشۇ بويىچە ئىزدىدىم، چۈشۈرىۋالدىم. ماۋۇ يەردىن ئاڭلاپ بېقىڭ. تېلىفۇنىڭىزغا ئاڭلىتىپ سىناپ بېقىڭ. تاپالامدىكەن؟
Audio clip: Adobe Flash Player (version 9 or above) is required to play this audio clip. Download the latest version here. You also need to have JavaScript enabled in your browser.
سىز ھەتتا سەل ئوخشىتىپراق غىڭشىپ بەرسىڭىزمۇ شۇنىڭغا ئاساسەن ئىزدەپ تاپىدۇ. مەن نىيۇ-يوركتىكى بېيجىڭلىقلار دېگەن ناخشىنى ئۆزۈم ئوقۇپ بېقىپ سىناپ باقسام توغرا تاپقان ئىدى
ئەڭ ئىسىل يېرى، ئەگەر سىزدە بۇنىڭغا مۇزىكا ئاڭلاتقان دەل شۇ پەيتتە تور بولمىغان بولسا ھېچقىسى يوق، ئۇ ئاۋازنى ئاپتۇماتىك ساقلاپ قېلىپ، كىيىن تور بار جايغا كەلگەندە قايتا ئىزدىسىڭىز بولىدۇ!
بۇنىڭ تاپىدىغان مۇزىكىلىرى ئىچىدە ئېنگلىزچە، خەنزۇچە، روسچە، كورىيىچە، ياپونچە، ئىسپانچە ھەتتا تۈركچە ناخشىلارنىمۇ تاپالايدىكەن. لېكن ئۇيغۇرچە ياكى ئۆزبېكچىنى بىلەلمەيدىكەن. ئىنتايىن 给力 بىر دېتال.
جۇڭگو رايونىدا 4.99 دوللارغا سېتىۋېتىپتۇ. ئامېرىكا ھېساۋاتى بارلار چوقۇم چۈشۈرىۋالىدىغان دېتالنىڭ بىرى. ۋاقىتنى چوقۇم قولدىن بەرمەڭ!
دېتال ئىسمى : Sound Hound
تۈرى : قوللىنىشچان
چوڭلۇقى : 8.8 مېگابايت
ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق. بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دىققىتىڭىز دائىم كۇلۇبىمىز مەزمۇنلىرىدا بولسۇن.
تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن كۇلۇبىمىزنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.
iTunes قا تىزىملىتىش جەريانىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ.









































ئامىرىكا ھىساۋاتىدا پۇل يوق
ھەقسىز دىتاللار بولسا كۆپرەك تەۋسىيە قىلاسىز
ياردىمىڭىزگە موھتاجمەن پاسىبان ئەپەندى ، مەن سىز تەۋسىيە قىلغان مۇشۇ دېتالنى ھەم كومپىيوتېرىمدىكى كېڭەيتىلگەن نامى ipa ناملىق ھۆججەتنى زادىلا قاچىلىيالمىدىم 91 يانفۇن ياردەمچىسىدە قاچىلىماقچى بولغاندىم خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋالدى، itunes نىمۇ قاچىلاپ باقتىم يەنىلا قاچىلىغىلى بولمىدى ، بۇ نىڭ سەۋەبى نېمىدۇ ؟ قانداق قىلسام قاچىلىيالايمەن؟ ياردەم قىلغان بولسىڭىز.
بۇنىڭ ئەڭ تۆۋەن سېستىما تەلىپى بولىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ ئايفونىڭىزنىڭ سېستىمىسى بۇنىڭدىن تۆۋەن بولسا قاچىلىغىلى بولمايدۇ. IPA ھۆججەتلىرىنى iTunes بىلەن قاچىلىغىنىڭىز ياخشى. ئەگەر سىزنىڭ چۈشۈرگەنلىرىڭىز يېشىۋېتىلگەن دېتاللار بولسا ئايفوننى تۈرمىدىن قاچۇرۇپ لازىملىق ياماقنى قاچىلىۋەتكەندىن كىيىن ئاندىن iTunes ئارقىلىق قاچىلىيالايسىز. ئەگەر App Store دىن چۈشۈرگەن نەرسىنىمۇ قاچىلىغىلى بولمىسا بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلمىدىم. 91 نىڭ سېستىمىڭىزنى بۇزىۋېتىش مۇمكىنچىلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق بولسا سېستىمىنى قايتا قاچىلاش لازىم.
iTunes ئارقىلىق دېتال قاچىلاش ئۇسۇلىڭىزنى ماۋۇ تېمىدىكى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرۈڭ.
/20101227437.html
ئايفۇندا قانداق قىلساق ھەقلىق دىتاللارنى سىتىۋالغىلى بولىدۇ.ھىساۋات ئاچىدىغان يەرگە بانكا نۇنۇرىنى كىرگۈزۈڭ دەپتىكەن ، تەلەپ قىلغان كارتىنى بىجىرەي دەپ ھەرقايسى بانكىلارغا بارسام بىجىرمەيمىز دەيدۇ.ئامالسىز قالدىم…
بۇنىڭ ئۈچۈن ئىناۋەتلىك كارتا بېجىرىش كېرەك. MasterCard ۋە Visa كارتىلىرى بولىدۇ. ئەگەر كارتىڭىز بولمىسا 淘宝 دا مەخسۇس ۋاكالىتەن ئېلىپ بېرىدىغانلار بار. 1 دوللارنى 7 يۈەن ئەتراپىدا ھېساپلاپ ئېلىپ بېرىدۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پاسىبان ئەپەندى.ياخشىمۇ سىز. مەندە ئالما 2-ئەۋلاد 4.1نەشىردىكى تىلفۇن بار ئىدى. تور بېتىڭلار تەمىنلىگەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى مۇۋاپىقىيەتلىك قاچىلاپ تىلفۇنىمغا ئۇيغۇرچە كونوپكا تاختىسىنى قۇشىۋالدىم.لېكىن يازغان خەتلەر نورمال كۈرۈنمىدى.تەمىنلەنگەن بۇلاق ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاشقا بۇيرۇق بەرسەم ئىھتىيات ئۇچۇرى چىقىۋالدى. 2-ئەۋلاد4.1نەشىردىكى تىلفۇنلارغا بىخەتەر ھالدا قاچىلاشقا بۇلىدىغان ئۇيغۇرچە پونت ھۆججىتى بارمۇ؟ قايسى ئۇسۇلنى قوللانسام خەتلەر نورمال كۈرىنىدۇ؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. شۇنداق، ئۇ نەرسە 1-ئەۋلاد تېلفۇندىكى مەلۇم بىر نەشىر ئۈچۈنلا ياسالغان بولغاچقا باشقا نەشىردىكى ئايفون ۋە سېستىمىغا ماس كەلمەسلىك ئېھتىمالى بار. مەن پەقەت فونت قاچىلايدىغانلا بىر بولاق ياساپ چىقىرىپ قويسام بولغۇدەك. سىز ئۇ چاغقىچە بۇ ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ تۇرۇڭ.
/hezine/comment-page-1#comment-2027
ئاۋۇ دېتال ھەقسىزكەنغۇ ھازىر…؟ سىز 4.99$ دىن سېتىۋېتىپتۇ دەپتىكەنسىز تېخى ، ئا… بولدىلا پۇل بولمىغاندىكىن دەپ بوپ، توختا ، بىر كۆرۈپ باقاي قېنى دەپ باسسام ھەقسىز دەپ تۇرىدۇ… چۈشۈرىۋالدىم… قېنى بىر سىناپ باقاي…
ھە، يېڭى نۇسقىسىنى مۇشۇنداق تەڭشەپ قويۇپتۇ. بۇ يازمىنى يازغان شۇ ۋاقىتلاردىكى گەپلەر ئۇ. ھازىر ئەپ ياسايدىغانلار ئەپنى ھەقسىز قىلىپ قويۇپ، ئىچىدىن بىر تال ئۇلىنىش بىلەن سېتىۋالىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىۋاتىدۇ. بۇ يېشىۋېتىدىغان ئوغرىلارغا قارشى تۇرۇشنىڭ يېڭى چارىسى. بۇ ئەپنىمۇ يېڭى نۇسقىسىدىن باشلاپ ھەقسىز چۈشۈرۈپ، ھەقسىز نەشىرىنىڭ ئىچىدىن ھەقلىقىنى سېتىۋالىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتتى