2011-يىللىق شىمالىي ئامېرىكا ماشىنا كۆرگەزمىسى، يەنى دىترويىت ماشىنا كۆرگەزمىسى 1-ئاينىڭ 10- كۈنى رەسمىي باشلاندى. بۇنىڭ بىلەن ھەر قايسى چوڭ ماشىنا تور بېكەتلىرى ئالدىنقى سەپكە ئاتلىنىپ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار بىلەن تور ئەھلىنى تەمىن ئېتىشكە باشلىدى. رەسىمدىكى بۇ ماشىنا ئامېرىكىنىڭ كونا ماركىسى كادېللاكنىڭ SCCA World Challenge مۇسابىقىسىگە ئاتاپ ياسىغان CTS-V Coupe نامىدىكى مۇسابىقە ماشىنىسىدۇر.

كادىللاك ئالدىنقى ئايدا SCCA يەنى  Sports Car Club of America غا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇ جەڭدە ئىشلىتىدىغىنى دەل CTS-V Coupe ناملىق مۇسابىقە ماشىنىسى ئىكەن. بۇ ماشىنا كادىللاك شىركىتىنىڭ Pratt &Miller شىركىتى بىلەن تېخنىكا جەھەتتىن ھەمكارلىشىپ مەيدانغا كەلگەن .

ماشىنىنىڭ ئارقا تەرەپىگە رەڭگارەڭ بويالغان رەڭلىك لايىھەنى قوللانغان بولۇپ، كىشىگە جانلىق سپورت تۇيغۇسىنى بېرىدۇ.

ماشىنىنىڭ گەۋدىسىگە كاربون تالاسىدىن ياسالغان ماتىرىيال ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن ئېغىرلىقىنى يېنىكلىتىش ئارقىلىق تارتىدىغان يۈكنى تۆۋەنلەتكەن. شامال قارشىلىقىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن CTS-V Coupe غا كۆپ قىسىم ئايرودىنامىكىلىق قۇرۇلمىلار سەپلەنگەن. تەگلىك بىلەن ماشىنا گەۋدىسى ئارانلا بىرقانچە مىللىمېتىر كېلىدۇ.

V8 لىك 6.2 لېتىرلىق ماتورغا مېخانىكىلىق بېسىم ئاشۇرۇش قۇرۇلمىسى سەپلەنگەن.

ئەڭ دەسلەپتە 3-ئاينىڭ ئاخىرىدىكى فلورىدا شىتاتىنىڭ ساينت پېتىر شەھىرىدىكى مۇسابىقىسىدە قوللانماقچى ئىكەن. بۇ ماشىنىنىڭ مۇسابىقىدە ئۇتۇق قازىنىشىغا تلەكداشمىز!

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش