ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا ئىزاھ - چىقىرىش مىقدارى

كۇلۇب يېڭىدىن قۇرۇلۇپ بىر مەزگىلدىن كىيىنلا ماشىنا ساھەسىدە بىزگە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان بىر ئاتالغۇ – ئات كۈچى توغرىسىدا تەپسىلىي توختىلىپ ئۆتكەن ئىدۇق. (بۇ جاينى بېسىپ شۇ يازمىغا بېرىڭ) بۈگۈن بىز داۋاملىق ئاڭلايدىغان «1.8 لىك ماشىنىكەن ماۋۇ» دېگەندەك جۈملىلەردىكى ئاشۇ ساننىڭ نېمىلىكى توغرىسىدا، يەنى چىقىرىش مىقدارى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتەيلى.

 

ئۇقۇم

چىقىرىش مىقدارى 排量 Car Emission بولسا سۇيۇقلۇق ئارقىلىق ھەرىكەت ئۇزىتىش ساھەسىدە كۆپ قوللىنىلىدىغان ئاتالغۇ. ھەممىمىزگە مەلۇم، پورشىننىڭ ئىچىدە كلاپان شەكىللىك ئوق بولىدۇ، ئۇ ئوق پورشىننىڭ ئۈستىدىن ئاستىغا، ئاستىدىن ئۈستىگە بېرىپ كېلىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. بىز دەۋاتقان چىقىرىش مىقدارى بولسا، ئوقنىڭ پورشىننىڭ ئەڭ يۇقىرى قىسمىدىن ئەڭ تۆۋەن قىسمىغا چۈشكىچە بولغان ئارىلىقىغا سىغىدىغان ئاقما جىسىمنىڭ مىقدارىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بىر دانە پورشىننىڭ چىقىرىش مىقدارى. ئەگەر بىر ماتوردا بىرقانچە پورشىن بولسا، ھەرقايسى پورشىننىڭ مىقدارىنىڭ يىغىندىسى بۇ ماتورنىڭ چىقىرىش مىقدارى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنى چىقىرىش مىقدارى دېگەندىن، سىغدۇرۇش مىقدارى دېگەن تۈزۈكرەك.

2011款宝来Sportline 1.4TSI手动

مەسىلەن، ئۈستىدىكىسى بولسا ۋولكسۋاگېننىڭ بىرىنجى ئاپتوموبىل زاۋۇتى بىلەن بىرلىشىپ ياسىغان بورا دېگەن ماشىنىسىنىڭ 1.8 لېتىرلىق تۇربېنلىق بېسىم ئاشۇرۇش قۇرۇلمىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان ماتورى. بۇنىڭدا 4 تال پورشىن بار بولۇپ، ھەر بىرىنىڭ تەخمىنەن 450 مىللىلېتىر كېلىدۇ. شۇڭا بۇنىڭ ماتورى 1.8 لېتىرلىق بولغان بولىدۇ.

ئوغۇللار بەكرەك بىلىشى مۇمكىن، موتىسىكلىتنى 250 لىك، 150 لىك، 100 لىك دەپ قويىدىغان. ھازىرمۇ شۇنداق ئاتايمىز. كىچىمىزدە <<تۈنۈگۈن ئاكامنىڭ 250 لىك ياماخاسىنى ئېچىقىپ يېرىم كۈن چاپتۇرۇپ ئويناپتىمەن>> ، << پالانچىنىڭ دادىسىنىڭ 150 لىك سۇزۇكىسى بار>> … دېگەندەك ئىشلار ئارىمىزدا قىززىق تېما ئېدى. ئۇ چاغا بەزىلەر بۇنى ماتورنىڭ ئات كۈچىنى كۆرسىتىدۇ، 250 لىك دېگىنى 25 ئات كۈچىگە ئېگە، دېسە، يەنە بىرى ئۇنىڭ ئەڭ يۇقىرى سۈرئېتى، دېيىشەتتى. لېكىن مەن بۇنىڭغا ئىشەنمىگەن. ئەمدى سىز ماڭا ئىشىنىڭ! ئۇ بولسا ئاشۇ ماتورنىڭ چىقىرىش مىقدارىنى كۆرسىتىدۇ. 250 لىك ياماخا دېگىنى 250 مىللىلېتىرلىق ياماخا ماتورنى كۆرسىتىدۇ ۋە باشقىلىرىمۇ شۇنداق تەرىقىدە ئىزاھلىنىپ ماڭىدۇ.

چىقىرىش مىقدارىنى قانداق پەرق قىلىمىز؟

ماتورنىڭ چىقىرىش مىقدارى بولسا ئەڭ مۇھىم پارامېتىر بولۇپ، ماتورنىڭ ئات كۈچىگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. بۇنى ماتورنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى دىيىشكىمۇ بولىدۇ. ئادەتتە كۆپ قىسىم ماشىنىلارنىڭ ئارقا تەرىپىگە قارىساق ئۇنىڭ چىقىرىش مىقدارىنى كۆرگىلى بولىدۇ. مەسىلەن بىرىنجى ئاپتوموبىل زاۋۇتىنىڭ قىزىل بايراق دەيدىغان بىر ماشىنىسى بار. ئۇنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى CA7202 دېگەن خەتنى كۆرگەن بولىشىڭلار مۇمكىن. ئالدىدىكى CA بولسا بىرىنجى ئاپتوموبىل زاۋۇتىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 7 بولسا پىكاپ شەكىللىك ماشىنىنى كۆرسىتىدۇ، ئوتتۇرىدىكى 20 بولسا ئۇنىڭ چىقىرىش مىقدارى بولۇپ 2.0 لىك ماتور بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئارقىدىكى بىر خانىنى زاۋۇت خالىغانچە بەرسە بولىدۇ. باشقا تۈردىكى ماشىنىلارنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان ئالدىدا ئىككى ھەرپ، ئارقىدا 4 خانە سان بولغان بولسا سىز مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە پەرقلەندۈرسىڭىز بولىدۇ. يەنە بەزى شىركەتلەر 4 خانە ساننىڭ ئارقىغا MT ياكى AT دېگەن ھەرپلەرنى يېزىپ قويىدۇ. MT بولسا قول خوتنى، AT بولسا ئاپتۇماتىك خوت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. يەنە بەزىلىرى بىۋاستە ھەجمىنى يېزىپ قويىدۇ. بۇنىڭ بىر مىسالى سۇزۇكىنىڭ 羚羊1300 ماشىنىسى بولۇپ، ئۇنىڭدىكى 1300 بولسا ئۇنىڭ چىقىرىش مىقدارى، ئەلۋەتتە، بۇ يەردىكى بىرلىك مىللىلېتىر (ml) ياكى كۇپ سانتىمېتىر (cc) بولىدۇ.

بەزى ماشىنىلاردىكى چىقىرىش مىقدارىنى بىلىش ئۇسۇللىرى

چىقىرىش مىقدارىنى بەزى شىركەتلەر ئالاھىدە تەرتىپ بويىچە ئەسكەرتىدۇ. بۇنىڭدا مۇقىم بىر فورمۇلا ياكى قانۇنىيەت يوق. بۇنىمۇ زاۋۇت ئۆزى بەلگىلەيدۇ.

مىسالغا ئالساق، BMW نىڭ BMW325i دىگەن ماشىنىسىدىكى ئالدىدىكى 3 دېگەن ھەرپ ماشىنىسىنىڭ تۈرى، ئارقىسىدىكى 25 بولسا ئۇنىڭ چىقىرىش مىقدارى. يەنى 3 تۈرىدىكى 2.5 لېتىرلىق (بۇ چوقۇم 2.5 لېتىرلىقمۇ ئەمەس. بەزىدە 2.3 لېتىرلىقنى 25 دەپ ئالىدۇ. بەزىدە 3.0 لىكنى 35 دەپ ئالىدۇ) ماتور سەپلەنگەن ماشىنا ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. BMW318i بولسا 3 تۈرىدىكى 1.8 لېتىرلىق ماشىنا ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. BMW530i بولسا 5 تۈرىدىكى 3.0 لىك ماتور سەپلەنگەنلىكىنى، ۋە 760 Li بولسا 7 تۈرىدىكى 6.0 لىك ماتور ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. يەنە بىر قانچە ئالاھىدە تۈرلىرى بار، مەسىلەن X5 ، X6, Z4 دېگەندەك. بۇلارنىڭ چىقىرىش مىقدارىنى كەينى تەرىپىدىن ياكى يان تەرىپىدىن يېزىلغان 3.0 ، 4.2 دېگەندەك رەقەملەردىن بىلەلەيمىز.

بېنزىنىڭ يەنە باشقىچە بولۇپ، ئالدىدىكى ھەرپ تۈرىنى، ئارقىدىكى رەقەم ئۇنىڭ چىقىرىش مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن، S 350 بولسا S تۈرىدىكى 3.5 لىك ماتور سەپلەنگەنلىكىنى، S 500 بولسا S تۈرىدىكى 5.0 لىك ماتور سەپلەنگەنلىكىنى، E 240 بولسا E تۈرىدىكى 2.4 لىك ماتور سەپلەنگەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. كۆپىنچە ماشىنىلاردا ماتورىنىڭ چىقىرىش مىقدارىنى لېتىر بىرلىكى بويىچە يېزىپ قويىدۇ. كىيۇ-كىيۇنىڭ ئارقىدىكى 0.8 دېگىنىمۇ شۇ. ئۇنىڭ 3 تال پورشىنىنىڭ چىقىرىش مىقدارى 800 مىللىلېتىر. يەنە بىر خىلى 1.1 لىك، يەنە بىر خىلى بولسا 1.3 لىك. ئادەتتە چىقىرىش مىقدارىنى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پەرقلەندۈرىمىز.

ماي سەرپىيات بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

ماشىنىنىڭ چىقىرىش مىقدارى بىلەن ماي سەرپىياتى بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. لىكىن ئۇلارنىڭ مۇقىم فورمۇلاسى يوق. گەرچە ماتورنىڭ چوڭلۇقى بىلەن بېنزىننى مۇقىم قىلىپ فورمۇلاغا سالغىلى بولغىنى بىلەن شوپۇرنىڭ، ئەمەلىي شارائىتنىڭ، ماشىنىنىڭ ئوخشىمىغان ۋاقىتتىكى ئېغىرلىقىنىڭ، ماتورنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتىنىڭ … قاتارلىق بىرقاتار ئېلمىنتلارنىڭ بەلگىلەنگەن فورمۇلاسى بولمايدۇ. شۇڭا مانچە لېتىرلىق ماشىنىنىڭ ماي سەرپىياتى مانچىلەك دەيدىغان فورمۇلانىڭ بولىشى مۇمكىن ئەمەس ئىش. پەقەت، چىقىرىش مىقدارى يۇقىرى بولغان ماشىنىنىڭ ماي سەرپىياتى چوڭراق بولىدۇ دېگىنىلا بولىدۇ خالاس.

چىقىرىش مىقدارىغا ماس كېلىدىغان كىشىلەر توپى

1 لېتىرلىقتىن تۆۋەن

بۇنى ئېنىقلا شەھەرنىڭ كىچىك ئەرمەكلىرى دېيىشقا بولىدۇ. جۇغى كىچىك، سەرپىياتى تۆۋەن، تاشقى كۆرىنىشى مودىغا ماسلاشقان. بۇ ماشىنىلار قىزلارغا، يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرگە، يېڭى خىزمەتكە چىقىپ ماشىنا بىلەن بېرىشقا توغرا كەلگەنلەر. بۇ خىلدىكى ماشىنىلارنىڭ مۇھىتقا بولغان بۇلغىشى ئاز بولغانلىقتىن ھۆكۈمىتىمىز توختىماستىن ئىتىبار سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ، سېتىۋالغۇچىلارنى ۋە ياسىغۇچىلارنى رىغبەتلەندۈرىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ پەقەت بىر ئۆتكۈنچى باسقۇچتىكى ماشىنا. يازنىڭ ئىسسىق كۈنلىرىدە ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىپ، ئېگىزرەك بىر يەرگە چىقسىڭىز، سىز <<سېتىۋالغىنىم قوڭغۇزمۇ ياكى ماشىنىمۇ؟>> دەپ قالىسىز. بۇ چاغدا سىزگە پەقەت بىر ئېغىز سۆز كۇپايە — سەبر !

ماس كېلىدىغان ئوبىكت : يېڭى ماشىنا ھەيدىگەنلەر، قىزلار، دەسلەپكى باسقۇچتىكى كارخانىچىلار

ۋەكىللىك ماشىنىلار : ئاۋتو، كىيۇ-كىيۇ، SPAKE

 

1.3 لېتىرلىق

ھازىرقىدەك ماي باھاسى قىممەت ۋاقتىدا ماي سەرپىياتىغا كۆڭۈل بۆلمەي بولمايدۇ. بۇمۇ كىچىك تىپتىكى ماشىنا قاتارىغا كىرىدىغان بولۇپ، چەتئەل كارخانىسىنىڭ ياكى بىرلەشمە مەبلەغدىكى كارخانىلارنىڭ بۇ تۈردىكى ماشىنىلىرى يوق دىيەرلىك. شۇڭا بۇ تۈردە دۆلىتىمىزنىڭ كارخانىلىرى ئىشلەپچىقارغان ماشىنىلار بار. لېكىن ئىھتىياج بۇنىڭغا كۆپلەپ چۈشىۋاتقان، ھۆكۈمەتمۇ تەشەببۇس قىلىۋاتقان تۈر بۇ بولغاچقا، ھازىر 20 گە يېقىن ماشىنا تىپى مۇشۇ يۆنىلىشكە قاراپ مېڭىۋاتىدۇ. فىئات، دەيخاتسۇ، تويوتا قاتارلىقلار بۇنىڭ مىسالى.

ماس كىلىدىغان ئوبىكت : ماتورنىڭ كۈچىنى تەلەپ قىلغۇچىلار، ئاز مەبلەغ سېلىشنى خالايدىغانلار، ماي سەرپىياتىنى كۆزدە تۇتقۇچىلار

ۋەكىللىك ماشىنىلار : چاڭئەن بىنبىن، يېڭى ۋىئوس، كىيا تۇلپار، لىفەن 520 …

1.4~1.5 لېتىرلىق

بۇ خىلدىكى ماشىنىلارنى شەھەرنىڭ ئەركىسى دېيىشكە بولىدۇ. 1.4 لېتىرلىق ماشىنىلارنىڭ تۈرلىرى بىر ئاز كۆپ. 1.5 لىكنىڭ ئازراق. شەھەردە كۆپ قىسىم يوللاردا 40~50 كېلومىتىرلىق چەكلىمە بار، بەزى جايلاردا بولسا 60 ، ناھايىتى ئاز قىسىم جايلاردا 80. 60 ئەتراپىدىكى بۇ سۈرئەت دەل مۇشۇ دائىرىدىكى ماشىنىلارنىڭ ئەڭ ماي تېجەيدىغان سۈرئىتى بولغاچقا، بۇ خىلدىكى ماشىنىلار << ھەم ماي تىجەيدىغان، ھەم كۈچلۈك بولغان>> ماشىنا تۈرىدۇر. شۇڭا بۇ خىلدىكى ماشىنىلارنىڭ سېتىلىش مىقدارى خېلىلا يۇقىرى.

ماس كېلىدىغان ئوبىكت : << ھەم ماي تىجەيدىغان، ھەم كۈچلۈك بولغان>> ماتورنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر توپى

ۋەكىللىك ماشىنىلار : چاڭچىڭ پوچى ئېيىق، چېۋرولىت 乐风 ، ستروئىت C2 ، پەيجوت 206، خوندا فىت …

1.6 لېتىرلىق

بۇ خىلىدىكى ماتورنى ئەڭ بازارلىق ماتور دېيىشكە بولىدۇ. بۇ خىلدىكى ماشىنىلار بېخەتەرلىك جەھەتتە بولسۇن، ئىچكى بېزىلىش ۋە تاشقى كۆرىنىش جەھەتتىن بولسۇن، ھەشەمەتلىككە قاراپ ماڭغان ماشىنا تۈرى. بازاردا ئەڭ كۆپ ئۇچرىتىدىغىنىمىزمۇ مۇشۇ خىلدىكىسى. ھەشەمەتلىك ماشىنىلارنىڭ دەرۋازىسى مانا مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ. بۇ خىلدىكى ماشىنىلارنىڭ تۈرىمۇ ئىنتايىن كۆپ، شەكلىمۇ خىلمۇ-خىل. باھاسىمۇ پەرقلىق. شۇڭا ئىستىمالچىلارغا كەڭ تاللاش پۇرسىتى بار. بۇمۇ بۇخىلدىكى ماشىنىلارنىڭ كۆپ بولىشىدىكى بىر سەۋەپ بولىشى مۇمكىن.

ماس كېلىدىغان ئوبىكت : بېخەتەرلىك ۋە ماتور كۈچىنى تەلەپ قىلغۇچىلار

ۋەكىللىك ماشىنىلار : جېتتا ، بورا، پولو، گول، سايل، ئېكسېل، 307 ، ئېلەنترا، فەملىي …

1.8 لېتىرلىق

بۇ خىلدىكى ماشىنىنى بولسا شەھەرنىڭ سەركىسى دېيىشكە بولىدۇ. قۇۋۋىتى چوڭ، ئىچكى بېزىلىشى ھەشەمەت، كەڭرى-تاشا، تاشقى كۆرىنىشى كۆركەم، بىخەتەرلىكى تېخىمۇ ياخشى، باشقۇرۇش قولاي بولۇشتەك بىر قاتار ئۈستۈن بولغان ئالاھېدىلىككە ئېگە بولغاچقا، تەرەققى قىلىۋاتقان جەمئىيتىمىزگە بىر قەدەر ماس كېلىدىغان بىر خىل تىپ ھېساپلىنىدۇ. ئەلۋەتتە، ماي سەرپىياتى جەھەتتە بىر ئاز پەرق قىلىدۇ. لىكىن ھەيدىگۈچى تەجرىبىلىك بولسا 8~9 لېتىر دىن ئاشۇرماي ھەيدىگىلى بولىدۇ.

ماس كېلىدىغان ئوبىكت : ھۆكۈمەت ئىشى، ياخشىراق ئائىلە ماشىنى قىلىشنى ئويلايدىغانلار…
ۋەكىللىك ماشىنىلار : كوروللا، فوكس ، ئېلەنترا ، ئېكسېل …

بۇنىڭدىن يۇقىرى ھەجىمدىكى ماشىنىلار ئاساسەن ئوتتۇرا-ئالىي قاتلامدىكى ماشىنىلار بولۇپ، ماتورنىڭ كۈچىنى تەلەپ قىلىدىغان، چاپتۇرۇپ ئوينايدىغانلارغا ماس كېلىدۇ. ماشىنىنىڭ ئېغىرلىقى بىلەن ماتورنىڭ چىقىرىش مىقدارى ماس قەدەمدە چوڭىيىپ ماڭىدۇ. ئالىي دەرىجىلىك ھەشەمەت ماشىنىلارنىڭ ماتورى ئاساسەن 3.0 ياكى ئۇنىڭدىن چوڭ بولىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ ناھايىتى كۆپ قىسىم كۈچى ئىسراپ بولۇپلا ماڭىدىغان گەپ. ھازىرغا قەدەر 200 ئات كۈچىدىن ئارتۇق كۈچكە ئېگە ماشىنىنى، راللىي مۇسابىقىسىدە پۈتۈن كۈچىنى چىقارغان چاغدا باشقۇرالايدىغان ئادەمدىن جۇڭگودا بىرسى بار دېسە مەن ئىشەنمەيمەن. ئىسراپ بولىدۇ دېيىشىمدىكى ئاساسىمنى بىلگەنسىز؟

مەنبەسى : ئىزدىنىشتىكى ئىلگىرىكى يازمام.

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



5 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. مىنىڭ nissan 230 2.3لىق ئىككەندە ئەمدى بىلۋالدىم رەىمەت………………..

  2. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ما ئىنكاس رامكىسىدىكى سۆز مىنى خىجىل قىلىپ قويدى ، ھەر بىر يازمىڭىزنى ئاساسەن تولۇق ئوقۇيمەن ، لىكىن ھەر قىتىم ئىنكاس يازماي كىتىپ قالىمەن ، يازمىلىرىڭىز ئىنتايىن تەپسىلى ۋە قىممىتى بار يازمىلار ، ئەمدى ئۆزۈمگە ياققان تىمىلارغا چوقۇم ئىنكاس يىزىپ ئىپادە بىلدۈرۈپ ماڭىمەن ، بۇندىن كىيىنكى يازمىلىرىڭىزنىڭ تىخىمۇ سەر خىل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن …

  3. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.راللىي مۇسابىقىسى دىگەن قانداق مۇسابىقە؟پۈتۈن كۈچىنى چىقارغاندا باشقۇرۇش دىگىنىڭىز؟
    :?:  

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش