ئۇقۇم ماشىنىسى بىر زاۋۇتنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېخنىكىسىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇ ئەڭ ئىلغار تېخنىكىدىن ياسالغان، كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىلمايدىغان، دۇنيادا شۇ دەۋرنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېخنىكىسىدا ياسىلىدىغان نادىر تۈر، ئىسىل ئەسەردۇر. ئۇقۇم ماشىنىسى ئەڭ ئاۋال يەرمەنكىلەردە ئېلان قىلىنىدۇ. يەرمەنكىدە ئېلان قىلىنغان ئۇقۇم ماشىنىلىرى ئەڭ تېز بولغاندا 2 يىلدىن كىيىن كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. بەزىلىرى شۇ ھالەتتە نادىر ئەسەر سۈپىتىدە قېپقالىدۇ. رەسىمدىكى 10 ئۇقۇم ماشىنىسى 2010-يىلى ئىچىدە ئېلان قىلىنغان ماشىنىلار ئىچىدىن تاللانغان 10 نادىر ماشىنا بولۇپ باھالانغانلىرى.
بۇلار تەرتىپ بويىچە :
1. جېپ Nukizer
2. لوتۇس Esprit
3. ئالفا – رومىئو 2uettottanta
4. رېناۋلت Dezir
5. بېنزCLS Shooting Break
6. لەمبورگىنى Sesto Elemento
7. مازدا Shinari
8. جاگۇارC-X75
9. ئاۋدى Quattro
10. پورش 918 Spyder
دىققەت قىلغان بولسىڭىز بۇ تېمىدا ۋە ئالدىنقى مەزگىللەردە يوللىغان ئۇقۇم ماشىنىسىغا ئائىت تېمىلاردا ئۇقۇم ماشىنىسىنىڭ نېمىلىكى، قانداق مەنا بىلدۈرىدىغانلىقىنى بىلىپ بولغان بولىسىز. دېمەك، ماشىنا ئاتالغۇلىرىغا تەۋە يەنە بىر ئاتالغۇغا ئىزاھات تامام.
رەسىم چوڭايتىش ئۇسۇلىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشقان ئۇيغۇربەگ بۇرادىرىمىزگە تەشەككۈر!









































بىرىنجىسىدىن باشقىسى بىر بىرىدىن ئىسىلكەن ئاللاھ خالىسا چوڭ بولغاندا بىردىن مىنىپ قويامىز!
ئىنشا ئاللاھ