پاجانىنىڭ يېڭى ماشىنىسى C9 ھەققىدە نەچچە كۈن ئىلگىرى بىر تېما يوللىغان ئېدىم. بۈگۈن توردا بۇ ماشىنىنى يولدا سىناق قىلغان چاغدا ئوغرىلىقچە سۈرەتكە ئېلىۋالغان كۆرۈنىشى ئېلان قىلىنىپتۇ.

ئەسلىدە تەيۋەندىكى بىر تېلىۋېزىيە ئىستانسىسى يۇتيۇبتىكى بۇ فىلىمنى خەۋەر قىلىپ يوللىغان بولۇپ، ئەسلى فىلىمنى ئىتالىيەلىك تورداش NM2255 يۇتيۇبقا يوللىغان ئىكەن.

پاجانىنىڭ بۇ يېڭى چاپقۇرىغا مېرسدېس بېنزنىڭ AMG سپورت تەتقىقات بۆلۈمى ئالاھىدە ياساپ بەرگەن V12 ماتور سەپلەنگەن. ئات كۈچى 700 دىن ئارتۇق. تولغىنىش مومېنتى 102 كېلوگرام.مېتىر

پاجانىنىڭ زوندا دەيدىغان بىر ماشىنىسى بولىدىغان. 2005-يىلى بېيجىڭدا 864،000 دوللارغا كېلىشىپ سېتىلغان. شۇ چاغدىكى خەلق پۇلىغا سۇندۇرساق 7 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئىدى. شۇ قېتىملىق سودىدىن كىيىن پاجانى دېگەن بۇ ماركىنىڭ جۇڭگودىكى بىردىنبىر ماشىنىسى بولۇپ قالغان.

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



3 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. بۇ ماشىنىنىڭ سۈرئىتى ھەقىقەتەن تىزكەن، لىكىن «پاسىبان» تورىنىڭ يىڭىلىنىش سۇرئىتىگە يەتمەيدىكەن. قاندا دىمىدىم :o))):

  2. دوستۇم مەن كەسپىي جەھەتتىن بۇ فىلىمنى باھالىسام سۈرەتنى دىگەندەك ياخشى ئالالماپسىز…(چاقچاق)

    بىلوگىڭىز بەك پىچەتكەن جۇمۇ…دائىمىي كۇرسانىت بولۇپ قالدىغاندەك تۇرىمەن…داۋاملىق ياخشى يازمىللىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن!!!

    • ئىزدىنىشتىكى زىلتار ئوخشىمامدۇ بۇ؟ قارشى ئالىمەن!
      مونوسى يوشۇرۇن ئېلىۋالغان سۈرەت. قولدا بار نەرسە بىلەن ئالالىغىنىچە ئالىدىغان گەپ. ئەلۋەتتە ھوللىۋوتنىڭ فىلىملىرى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ-دە! :-D

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش