تېخى ئەمدىلا ئاياقلاشقان دىترويىت كۆرگەزمىسىدىن كىيىنلا ئۇلىشىپ جەنۋە ماشىنا كۆرگەزمىسى باشلىنىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن، بارلىق قاتناشقۇچى شىركەت-كارخانىلار جىددىي تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. بۇ يىل ھەقىقەتەن ئالدىراشلا بىر يىل باشلىنىپ كەتتى. چۈنكى جەنۋەدە كۆرگەزمە ئاياقلاشقاندا 4-ئايدا يەنە شاڭخەيدە كۆرگەزمە باشلىنىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭغا ئۇلىشىپلا ئەڭ داڭلىق فرانكفورد ماشىنا كۆرگەزمىسى. مونوسى مازدانىڭ جەنۋە كۆرگەزمىسى ئۈچۈن تەييارلىغان ئۇقۇم ماشىنىسى Minagi ئىكەن.
بۇ قېتىمقى جەنۋە كۆرگەزمىسىدە خېلى يېڭىلىقلار بولىدىغاندەك. ياۋرۇپادىكى تۇنجى كۆرگەزمىگە مازدا تېخى چاڭگىسىدىن چىقارمىغان يېڭى ئۇقۇم ماشىنىسى Minagi نى قاتناشتۇرغۇدەك.
يېڭى Minagi توغرىسىدا ئۇچۇر كۆپ ئەمەسكەن. لېكىن بۇنىڭغا مازدانىڭ ئەي يېڭى لايىچەلىگەن تەگلىكىنى ۋە SkyActiv نامىدىكى ماتور ۋە كورۇپكا بىرلەشكەن يېڭى تېخنىكىسى قوللىنىشى مۇمكىنكەن. مازدانىڭ بۇ ماشىنىسى بەلكى Mazda CX نىڭ ئىزباسارى سۈپىتىدە Mazda CX-5 بولۇپ يېڭىدىن سەپكە قوشۇلۇشى مۇمكىنكەن. نېمىلا دېگەن بىلەن كۆرگەزمىگە قويۇدىغان ئەڭ يېڭى مەھسۇلات بولغانلىقتىن زاۋۇت تەرەپ بەك كۆپ ئۇچۇرلارنى تەمىنلىمىگەن.
بۇ قېتىم مازدا كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرىدىغان ماشىنىلار :
ئۇقۇم ماشىنىسى
Minagi
Shinari
سېتىلىۋاتقان ماشىنىلار
Mazda2
Mazda3
Mazda5
Mazda6
Mazda MX-5
Mazda CX-7
Mazda BT-50
يېڭى تېخنىكىلار
Mazda SkyActiv-G سېلىندىر ئىچىگە بىۋاستە پۈركۈيدىغان بېنزىن ماتور
Mazda SkyActiv-D سېلىندىر ئىچىگە بىۋاستە پۈركۈيدىغان دېزىل ماتور
Mazda SkyActiv- Drive كورۇپكىسى
Mazda SkyActiv-MT قول خوت كورۇپكىسى









































مازدامۇ بولىدىغان ماشىنا