بۇ – ئىنژىنىرلىق ساھەسىدىكى بۈيۈك ئەسەر! بۇ – سائىتىگە 400 كېلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن «ئۇچىدىغان» سەنئەت بويۇمى! بۇنىڭ بىر بۆلىكى ئايرۇپىلان، بىر بۆلىكى ئاپتوموبىل. بۇ مىتال ۋە پلاستىك ئېلىمېنتلارنىڭ سۈرئەت بىلەن يۇغۇرىلىشىنىڭ نەتىجىسى. بۇنىڭدىن دۇنيادا پەقەت 300 دانىلا بار. مانا بۇ – دەھشەت قىممەتلىكىگە ماس كەلگۈدەك دەھشەت ماشىنا – بۇگادى ۋېيرون!

بىز ئىلگىرى بۇگاتى ( BUGATTI ) دېگەن بۇ نامنى چوقۇم ئاڭلاپ باققانغۇ دەيمەن. كۆپ قىسىم كىشىلەر بۇ ماشىنىنى دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ماشىنا دېگەن نام بىلەن ئاڭلىغان بولىشى مۇمكىن. شۇنداق، بۇ ماشىنا ھەقىقەتەن دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ماشىنا.

بۇگاتى ئىتالىيەنىڭ ماركىسى بولۇپ، بۇنىڭ زاۋۇتى فرانسىيەدە. بۇ ماركا گىرمانىيە ۋولكسۋاگېن شىركىتىگە تەۋە. شىركەت قۇرغۇچىسى Ettore Bugatti ماركىغا ئۆزىنىڭ نامىنى بەرگەن. بۇگادى ۋېيروننىڭ دۆلەت ئىچىدىكى باھاسى 25 مىليون خەلق پۇلى بولۇپ، بۇ تېخى باشلىنىش باھاسى. قوشۇمچە ئالىدىغان نەرسىلىرى بىلەن تەخمىنەن 30 مىليوندىن ئاشىدۇ. 2008-يىل 9-ئاينىڭ 9-كۈنى شاڭخەي دۇنيا پۇل مۇئامىلە مەركىزىدە 2 ھەپتە كۆرگەزمە قىلىنغاندىن كىيىن 43 مىليون يۈەنلىك باھا بىلەن سېتىلغان. بۇ ماشىنىنىڭ قىسقىچە پارامېتىرلىرى تۆۋەندىكىچە:

ماركا : Bugatti 布加迪

باھاسى : 25 مىليوندىن باشلىنىدۇ

ئۆلچىمى : 4462mm*1998mm*1204mm

ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى : 407km/h

0-100 تىزلىنىش : 2.5 سېكونت

قوزغىلىش شەكلى : ماتور ئوتتۇرىدا، 4 چاق قوزغىلىدىغان.

تورموز : شامال ئۆتۈشىدىغان چاق-چۇق تورموز

ئېغىرلىقى : 1888 كېلوگرام

ماي باك ھەجمى : 100 لېتىر

ئورۇندۇق : 2

ماتور ھەجمى : 8 لېتىر

ئات كۈچى : 1001 HP

مانا يۇقارقىدەك. بۇنىڭغا 16 سېلىندىرلىق 8.0 لىك ماتور ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ھەر 4 سېلىندىرغا 1 دىن تۇربو قويۇلغان بولۇپ، جەمئىي 4 دانە تۇربو بار. بۇ ماشىنىنى بۇگاتى ۋېيرون 16.4 دەپ ئاتاشتىكى سەۋەب. 16 بولسا سېلىندىر سانىغا، 4 بولسا تۇربو سانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ماتورى 7996 cc بولۇپ، پەقەت 1000 ئايلىنىش سۈرئىتىدىلا 730 نىيوتۇن . مېتىرلىق تولغىنىش مومېنت كۈچى بېرەلەيدۇ. ماتور ئايلىنىپ 2200 گە كەلگەندە 1250 نىيۇتۇن . مېتىرلىق تولغىنىش مومېنتقا چىقىپ تاكى 5500 گىچە داۋاملىشىدۇ. ماتورى مۇشۇنداق كۈچلۈك بولغانلىقتىن تىنچ سۈرئەتتىن 100 كىلومېتىرلىق سۈرئەتكە چىقىشىغا پەقەت 2.5 سېكونت ۋاقىت كىتىدۇ. 200 لىك سۈرئەتكە بولسا 7.3 سېكونت، 300 لىك سۈرئەتكە 16.7 سېكونت (مېنىڭ ماشىنام بۇنچىلىك ۋاقىتتا ئاران 120 گە چىقىدۇ:evil: ) ۋاقىت كېتىدۇ! 400 كېلومېتىرلىق سۈرئەتكە بولسا 55.6 سېكونت ۋاقىت كېتىدۇ. نېمىلا بولمىسۇن مۇشۇنچىلىك ۋاقىت كەتسىمۇ يەنىلا 400 دېگەن مۇشۇ سۈرئەتكە چىقالايدۇ! نۆۋەتتە بۇ سۈرئەتكە چىقىدىغان ماشىنىدىن پەقەت مۇشۇ بىرلا. ۋېيروننىڭ ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى 407 كېلومېتىر.

بۇگاتى ۋېيروننىڭ بىر ئىككى پارچە رەسىملىرىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى

بۇ ئەڭ دەسلەپكى بۇگاتى بىلەن ھازىرقى بۇگاتى

خوش، مانا مۇشۇنداق پەچەت ماشىنا زادى قانداق زاۋۇتتىن چىقىدىغاندۇ؟ بۇنىڭغا قىزىقسىڭىز مېڭىڭ، تۆۋەندىكى سىن ئارقىلىق دەرىجىدىن تاشقىرى بۇ ماشىنىنىڭ زاۋۇتىنى بىر زىيارەت قىلىپ كېلەيلى!

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



12 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. مەندەك ماشىنىغا ھېچقانداق قىززىقىشى بولمىغان ئادەمنىمۇ ماشىنا ھەۋەسكارى قىلىۋەتتىڭىز جۇما پاسىبام، قولىڭىزدا تېخنىكا بولغاندىكىن ئاستىدىكى فىلىمنى ئۆزىمىزنىڭ يېزىقى قىلىپ ئىشلىۋەتمەي…… كەسپى كېسىلىم يەنە تۇتتى :o))):

  2. لاكشىرىي ماشىنا :beauty: :beauty: :beauty:

  3. ۋاخىا بىر ئوتراپلا كۆرىۋىتىپتىمەن … ئاشۇنى ياسايدىغان زاۋۇتنى يەنىلا ئادەم ياسايدۇ دىسە :o))): يانچۇققا پاچە پۇل يىغىلغاندا بىرەرنى ئەپ قوياي ھە :o))): :cool:
    ۋەھشىكە سۇرئىتى 407 چىقتى …ۋۇييييۇ ئاسماندا ئۇچسا بولدىكەن قاناتتىن بىرنى بىكىتىپ :beauty:

  4. ئاشۇ ماشىنا بىزنىڭ قولىمىزغا چۈشۈپ قالسا ھەيدىيەلەمىزمۇ زادى ؟ :evil:

  5. كىيىنكى مەۋسۇم شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئالمىسام خەپ، بۇرۇنلاردىن قانلار ئېقىپ دەريا بولدى……… خۇدايىم شالىي ھەيدىگىدەك كۈنگىمۇ بولسا نېسىپ قىلا :cry2: :appoint:

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش