6-قېتىملىق يىۋۇ ماشىنا كۆرگەزمىسى 2011-يىل 5-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە يىۋۇ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. كۆرگەزمە 4 چوڭ زالدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئومومى كۆلىمى جەمئىي 38 مىڭ كۋادرات مېتىر كېلىدۇ. گەرچە يېڭى ئۇقۇم ماشىنىلىرى كۆرگەزمە قىلىنمىسىمۇ جېجياڭ تەۋەسىدىكى كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ كۆرگەزمە ھېساپلىنىدۇ.

ئېچىلىش مۇراسىمى 7-ماي ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا شەھەر ۋە ئۆلكە رەھبەرلىرى، جۇڭگو ئاپتوموبىل سانائىتى خەلقئارا ھەمكارلىق باش شىركىتىنىڭ رەھبەرلىرى قاتنىشىپ لېنتا كەستى.

رەھبەرلەر كۆرگەزمىگە «دەسلەپ» قىلماقتا

- ئاۋۇ لەمبورگىنىنىڭ قانىتى سەل قىيپاش تۇرامدۇ-نېمە؟ مايەگە كېلىپ بىر قاراپ بېقىشسىلا

دەبدەبىلىك سۆزلەرنى قويۇپ ئەمەلىي رەسىمدىن بىر ئىككى پارچە كۆرۈپ ئۆتەيلى. ئىشىكتىن كىرىپلا بىزگە تونۇشلۇق بولغان نىسسان تىداغا كۆزۈم چۈشتى. بۇ يىلقى ئەڭ يېڭى نۇسقىسى ئوخشايدۇ. قارىماققا ئاكىسى تىنا (ھەدىسىمۇيە؟) غا ئوخشاپ كېتىدىكەن. بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆركەم چىقىپتۇ.

بېك ئۆزىنىڭ رەڭگارەڭ يىپيېڭى رېگالى بىلەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى خېلىلا ئۆزىگە جەلپ قىلىدىكەن.

ماۋۇ سېرىق رەڭگىنى كۆرۈپ ئۆزىنىڭ بىر تۇققىنى بولغان Camaro نىڭ رەڭگىنى ئەسلىدىڭلارمۇ؟

ئەسلى زاۋۇتىدىن ئۆزگەرتىلگەن سپورت نۇسقىسىدىكى بۇ رېگالنى تۇنجى كۆرۈشۈم.

مودىلغا قايلاۋەگىنىنى! ئەمدى ماشىنىغا قايلايلى جۇما!

خوندانىڭ يېڭى ماشىنىسى- CrossTour

شەكلى X6 نى دورىغاندەكلا كۆرۈندى

بۇ ماشىنا ئەسلى خوندانىڭ ھەشەمەت ماركىسى ئاكيۇرانىڭ لايىھەسىدە ئېدى. جۇڭگودا گۇاڭجۇ خوندا زاۋۇتىدا خوندا ماركىسى بىلەن ياسىلىپتۇ.

يەنىلا BENZ غا ئوخشاش ئالىي دەرىجىلىك ماشىنىلار كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىكەن. ماشىنا كۆرگەزمىسىدە ماشىنا كۆپ، لېكىن باشقىلىرى كوچىدا تولا ئۇچرىتىپ زېرىكىپ كەتكەن تۈرلەر. يېڭىلىقنى ئىزدەپ كىرگەنكەنمىز بۇ خىلدىكى ماشىنىالارنى سۈرەتكە تارتقىم كەلمىدى. ماۋۇسى E تۈرىنىڭ ئۈستى ئوچۇق نەشىرى ئىكەن.

CLS تۈرى – ھەشەمەت تۈرىدىكى چاپقۇر تىپىغا تەۋە تۈر. بۇ نۇسقىسىنى ئىشلەشتىن توختىغان بولسىمۇ يەنىلا كۆرگەزمىدە ئۇچراتقىنىمدىن تەئەججۈپلەندىم. يېڭى نۇسقىسى چىققىلى نەۋاق.

C تۈرى مەن BENZ نىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ياقتۇرىدىغان تۈر بولۇپ، جۇغى كىچىك. ماتورى كۈچلۈك. C 200 نىڭ ماتورى 1.8 ، مېخانىكىلىق بېسىم ئاشۇرغۇچ بىلەن ئات كۈچىنى 180 گە يەتكۈزەلەيدۇ. BMW نىڭ 3 تۈرىدىكى 320 گە قارىغاندا 100 كېلومېتىرغا تىزلىنىشتە 1 سېكونت ئالدىدا. بۇ نۇسقىسى ساياھەتكە چىقىشقا تېخىمۇ كۆپ بوشلۇق بىلەن تەمىنلەيدىغان 2 ساندۇقلۇق نۇسقىسى ئىكەن.

X5 ۋە Q7 نىڭ رىقابەتچىسى – ML

BENZ نىڭ ئەڭ ھەشەمەت نۇسقىسىنىڭ S تۈرى ئىكەنلىكىنى بىلىمىز.

بۇ نۇسقىسى ئەڭ قىممەت نەشىرى -S600

ماتورى 12 سېلىندىرلىق 6.0 لىك ماتور

X3 ۋە Q5 نىڭ رىقابەتچىسى – GLK

R تۈرى بولسا BENZ نىڭ پەخرلىك سودا ماشىنا (MPV) تۈرى

ئاقسۆڭەك قىزلىرىنىڭ ھەيدىۋالىدىغان چاپقۇر تۈرى – SLK

دەرىجىدىن تاشقىرى چاپقۇر تۈرى – SLS AMG . بۇ تۈرىنى ئاقسۆڭەك قىزلار ئەمەس، ماشىنا سپورتىنى ھەقىقى قىزغىن سۆيىدىغان ئەركەكلەر ھەيدەيدۇ!

ماشىنا قانات چىقىرىپ ئۇچالمايدۇ. لېكىن توختىغاندا بۇنىڭغا قانات چىقىدۇ!

ماڭغاندا مۇشۇ «قانات» بۇ ماشىنىنى «ئۇچۇرىدۇ»

ئالدىنقى تېمىدىكى «چاقتىكى پارامېتىرلارنىڭ مەنىسى» بويىچە بۇ چاقنىڭ قانداق چاق ئىكەنلىكىنى بىلەلىدىڭلارمۇ؟ 265/35ZR19 ئىكەن. سۈرئېتى ۋە ئېغىرلىق كۆتۈرۈشچانلىقى 98Y ئىكەن. ھېساپلاپ كۆرۈڭلار

AMG بولسا BENZ نىڭ مەخسۇس يۇقىرى ئىقتىدارلىق سپورت نۇسقىسىدىكى ماشىنا تەتقىق بۆلۈمى بولۇپ، BENZ نىڭ ئەڭ يۇقىرى قاتلامدىكى سپورت ماشىنىلىرىنى ياسايدۇ.

AMG خۇددى BMW نىڭ M تۈرىدىكى، ئاۋدىنىڭ RS ياكى Quattro تۈرىدىكى، ۋولكسۋاگېننىڭ R تۈرىدىكىلەرگە ئوخشايدۇ. AMG ھەقىقەتەن تېز!

ھەر بىر تۈرنىڭ AMG نۇسقىسى بار. مەسىلەر C63 AMG, S65 AMG, E63 AMG دېگەندەك.

خەۋرىمچە بۇ ماشىنىنى BENZ نىڭ باش شىتاب بىناسىنىڭ ئۈستىدىن ساڭگىلىتىپ بوشلۇققا ئېسىپ قويىدىكەن. شۇڭا قارىماققا كۆكتە پەرۋاز قىلىۋاتقان قۇشقا ئوخشايدىكەن.

سىندىن تېخىمۇ تەپسىلىي كۆرەلىشىڭلار مۇمكىن.

ئۆزگىرىشچان ماشىنا ئادەملەر (变形金刚 TRANSFORMERS) دېگەن فىلىمنى ھەممەيلەن كۆرگەنغۇ دەيمەن. سامنىڭ ماشىنىسى CAMARO ھەقىقەتەن پەچەت!

كۆرگەزمىگە بۇ ماشىنىمۇ قويۇلۇپتۇ. چاتاق يېرى مۇشۇ جايغا كەلگەندە ئاپاراتنىڭ مېيى تۈگەپ قالدى. ئامال يوق iPhone دا بولسىمۇ بىر-ئىككى پارچە سۈرەتكە تارتىۋالدىم

20 سۇڭلۇق بەنداش تولىمۇ ھەيۋەت!

كەيپىياتنى تېخىمۇ ئەۋجىگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن ماشىنا ئادەم – سېرىق ھەرىمۇ كۆرگەزمىگە تەكلىپ قىلىنغان!

داۋامىنى قىسقا-قىسقا قىلىپ سىنغا ئېلىپ يوللىدىم

تېخىمۇ ھەشەمەت ماشىنىلار ئەلۋەتتە بار. ئاپارتنىڭ مېيى يار بەرمىگەنلىكتىن سىنغىلا ئېلىپ يوللاي دېدىم. ئۇنداقتا دىققىتىڭلار روللس-رويسنىڭ «سايە»سىدە، لەمبورگىنىنىڭ گاللاردوسىدا بولسۇن!

ماسىراتى، فەررارىلارمۇ كەم ئەمەسكەن. بۇ ھەشەمەت چاپقۇرلار ھەممىسى بىر جايغا يىغىلىۋاپتۇ. 2012 دېگەن فىلىمدىكى ئاۋاز ئارقىلىق كونترول قىلىنىدىغان بېنتلىي ئېسىڭلاردا بولسا كېرەك؟ ئۇنىڭ ئەنگىلىيە خان جەمەتىدىكىلەر مەخسۇس ئولتۇرىدىغان نەشىرىمۇ كۆرگەزمىدە بار ئىكەن.

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



9 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .
    سىن فىلىمنى ئۆزىڭىز سۈرەتكە ئالغاندىن قارىغاندا رەسىملەرنىمۇ ئۆزىڭىز تارتقان ئوخشايسىز ھە .
    ئاۋۇ خوندانىڭ يېڭى ماشىنىسى – CrossTour نى خېلى پەچەت لايىھەلەپ قويۇپتۇ جۇمۇ .
    لەمبورگىننى بىر ھەيدەش نىسىپ بولارمۇ بىزگە ……….. :-D

    • تاشقى يۈزى ھەشەمەت بولغانبىلەن ،ئىچى 8_ئەۋلاد Acardo بىلەن ئاساسى جەھەتتىن ئوخشاشكەن، يېڭىلىق يوق …يەنەبىرسىگە 起诉 تىزكەن…. :vict:

  2. ماشىنىغا مەندىن بەك ئىشتىياقىڭىز باكەن جۇمۇسلا….بولسا 飘逸 بىلىملىرىدىن بىرقانچىنى توپلاپ بىر يوللايدىغان ئىشكەنتۇق…بۇنىڭغا مەنلا ئەمەس باشقىلارنىڭمۇ خېلى ھەۋىسى بارغۇ دەيمەن…. :razz: قانداق دىدىم؟!

  3. بۇ پاسىباندا ساپلا مەن كەلگۈسى 5 يىل ئىچىدە سېتىۋېلىشىم مۇمكىن بولمايدىغان نەرسىلەر يېزىلىدىغان بولۇپ كەتتا :o))):

  4. پاسىبانىم، ماشىنا توغۇرلۇق تېمىلىرىڭىز توختاپ قالمىغاي، بولسا ئادەتتىكى ئائىلىلەر قۇبۇل قىلىپ كېتەلەيدىغان ماشىنىلارنىڭ سەرخىللىرىدىن ياغدۇرۇپ تۇرسىڭىز

  5. بۇ قېتىملىق شاڭخەي ماشىنا كۆرگەزمىسىنى كۆرەلمەي قالدىم،بەك ئىسىت بولمىسا نەچەچ يىل بولغان ئىزچىل بېرىپ ئاسالىقى گۈزەل كېلىشكەن مودىللارنى كۆرىۋاتقىلى ھى ھى ھى..لېكىن بىر دوستۇم بېرىپتىكەن، جوڭگونىڭ بىر ماشىنىسى نومۇس قىلماي ئەستىن مارتىننىڭ ئالدىنى دورىۋاپتۇ دەپ قاقشاپ كېتىپتۇ ھا ھا…

    يىۋۇدىمۇ ھەر يىل ئۆتكۈزىلەمدۇ ماشىنا كۆرگەزمىسى؟ بۇ يىللىق كونۋېرتىبوللاردىن ئانچە جىق ئەمەسمۇ قانداق كۆرگەزمە قىلىنغىنى؟

    • يۋون خانقىز ماشىنىغا سەللىمازا قىزىقىپ قويىدىكەنسىز جۇمۇ! بۇ يەردە ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزىدۇ. لېكىن ئۇقۇم ماشىنىسىدىن بىرسىمۇ يوق. نېمىلا دېگەن بىلەن كىچىك شەھەردىكى كۆرگەزمىدە!

  6. شۇ ماشىغا بىر خىل قىزىقىمەن بولۇپمۇ كونۋېرتىبوللارغا بەكرەك،لېكىن بىرەر قېتىممۇ كانۋېرتىبول ھەيدەپ باققىنىم يوق :!: ، ماڭا چوقۇم كەڭ ئازادە جىم جىت يول بولسا ئاندىن خاتىرجەم بولىمەن،سىزدەك تاغ يوللىرىدا ھەرگىز ھەيدەەشكە جۈرئەت قىلالمايمەن جۇمۇ :cute:

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

App Store دىن ئىزدەش

بېكەت ھەققىدە

پاسىبان كۇلۇبى سىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايفون، ماشىنا ۋە فوتوگرافىيە تېمىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كۇلۇبىمىز سىزنىڭ قەدىمىڭىز ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بىلەن تېخىمۇ رەڭدار...

ئېلخەت :

ICP ئەن نومۇرى : 新ICP备10202432号

© 2011 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
بەت ئۈستىگە قايتىش